غەربنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۈچلۈك دىققەتتە بولۈشىنىڭ سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشى بار

0:00 / 0:00


28 - ئىيۇلدىن باشلاپ يەكەن ۋەقەسى، جۈمە داموللامنىڭ ئۆلۈمى ۋە ئىلھام توختى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر غەرب مەتبۇئاتلىرىدا ئۈزلۈكسىز ئېلان قىلىنىپ، دۇنيا جامائىتىنىڭ نەزىرىنى يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇر ئىلىگە جەلپ قىلدى.

يەكەن ۋەقەسى، جۈمە داموللامنىڭ ئۆلۈمى ۋە ئىلھام توختى توغرىسىدىكى يېڭى مەلۇمات گەرچە دۇنيا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ نەزىرى پەلەستىن - ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى ھەمدە ئۇكرائىنادىكى ئىچكىي نىزالارغا مەركەزلەشكەن بىر ۋەزىيەتتە ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بۇ ھادىسىلەر يەنىلا غەربنىڭ تۈرلۈك ئاخبارات قاناللىرىدىن كەڭ يەر ئالدى. يالغۇز چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە جامائىتى ئۇيغۇر ئىلىدا يۈز بېرىۋاتقان بۇ ۋەقەلەرگە جىددىي كۆڭۈل بۆلۈپلا قالماستىن، غەرب سىياسىي كۆزەتكۈچىلىرىمۇ بۇ ۋەقەلەرگە ئىتىبار بىلەن قاراپ، ۋەقەلەر توغرىسىدا ئۆز قاراشلىرىنى شەرھىيىلەشتى. بولۇپمۇ، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە قاتارلىق كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ئاخبارات قاناللىرىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەقەلەر توغرىسىدىكى خەۋەرلەر ھەر كۈنى ئېلان قىلىنىپ تۇرماقتا.

بىز ئۇيغۇر ئىلىدا يۈز بەرگەن ۋە يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر توغرىسىدا ئەمەس، بەلكى بۇ خىلدىكى ۋەقەلەرنىڭ غەرب ئاخبارات ساھەسىدىن بارغانسېرى كەڭ ئورۇن ئېلىشىدىكى سەۋەبلەر ھەمدە غەرب جامائىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە قىزىقىش مەسىلىسى توغرىسىدا چەتئەلدىكى بەزى سىياسىي پائالىيەتچىلەرنىڭ قاراشلىرىنى ئىگىلەپ كۆردۇق.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى بۇ توغرىسىدا توختالغاندا، ئۇيغۇر ۋەتىنىدە يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرگە يالغۇز غەرب ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋە جامائىتىلا ئەمەس، بەلكى غەرب دۆلەتلىرى ھۆكۈمەتلىرىنىڭمۇ جىددىي دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىدە يەنە، غەرب دۆلەتلىرى ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خىتاي يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ زۇلۇملارغا سۈكۈت قىلىش دەۋرىنىڭ ئاخىرىلىشىدىغان بىر كۈنى كېلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

د ئۇ ق ئاخبارات - نەشرىيات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ئۇيغۇر زىيالىيسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بولسا غەرب ئەللىرى ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشىدىكى سەۋەبنى، خىتاي تەھدىتىگە يولۇقۇۋاتقان ياكى خىتاينى تەھدىت دەپ قاراۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇر قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغانلىقىدا، دەپ شەرھىيىلىدى. پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى يەنە، يالغۇز خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي توقۇنۇشى بولغان غەرب ئەللىرىلا ئەمەس، بەلكى ۋېيتنام، ياپونىيە، ھىندىستان قاتارلىق خىتاي بىلەن زېمىن ماجىراسى ۋە تەسىر دائىرە ماجىراسى بولغان دۆلەتلەرنىڭمۇ ئۇيغۇرلارنى قوللاش تەرەپدارى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ سۆزىدە غەربنىڭ خىتايغا قارشى ئىستراتېگىيىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ رولىنىڭ ئالاھىدە زورلۇقىنى تەكىتلىدى.