گېرمانىيەنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مىخائېل كلائۇسنىڭ بۇ ھەپتە تاراتقۇلارغا قىلغان سۆزى خىتاي دائىرىلىرىنى يەنە بىر قېتىم قاتتىق بىئارام قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، 27-دېكابىر كۈنى ئامېرىكا ۋە گېرمانىيەنىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىلىرى 8 يىللىق قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغان خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى ۋۇ گېننى قويۇۋېتىش ھەققىدە بىرلەشمە چاقىرىق ئېلان قىلغان ئىدى. ئۇنىڭدىن بىر كۈن ئىلگىرى، يەنى 26-دېكابىر كۈنى گېرمانىيەنىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىسى مىخائېل كلائۇس تاراتقۇلارغا سۆز قىلىپ، خىتايدىكى بارغانسېرى يامانلىشىپ كېتىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى تەنقىد قىلغان ئىدى. بۇنىڭدىن قاتتىق بىئارام بولغان خىتاي دائىرىلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭنىڭ ئېغىزى ئارقىلىق رەددىيە قايتۇرۇپ: «ئاق-قارىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلدى، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلدى، دېگەنلىرى كەسپىي دىپلوماتقا لايىق ئەمەس» دېگەندەك قوپال ئىبارىلەرنى ئىشلەتكەن.
«گېرمانىيە دولقۇنلىرى» رادىئوسىنىڭ 28-دېكابىر «فرانكفۇرت مەجمۇئەسى» گېزىتىدىن نەقىل ئېلىپ بايان قىلىشىچە، 26-دېكابىر كۈنى گېرمانىيەنىڭ خىتايدىكى باش ئەلچىسى مىخائېل كلائۇس «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «خىتاي تەرەپ 2016-يىلى تۈزۈلگەن گېرمانىيە-خىتاي تور بىخەتەرلىكى كېڭەش سىستېمىسى بەرپا قىلىش مەسىلىسىدە سەمىمىي بولمىدى». ئۇ يەنە «خىتايدا دىئالوگ سەمىمىيىتى بولمىغاچ، بۇ سىستېمىنىڭ قۇرۇلۇشى بۈگۈنگە قەدەر ئەمەلگە ئاشمىدى،» دېگەن.
27-دېكابىر كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ قاتتىق تەلەپپۇزدا رەددىيە بېرىپ، «مىخائېل كلائۇسنىڭ قاراشلىرى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس، ھەتتا ئاق-قارىنى ئارىلاشتۇرۇۋەتكەن. دېگەن سۆزلىرى گېرمانىيەنىڭ جۇڭگودىكى باش ئەلچىلىك سالاھىيىتىگە ۋە دىپلوماتىيە كەسپىگە لايىق ئەمەس. بىز ئۇنىڭ مەسئۇلىيەتسىز سۆزلەرنى قىلماسلىقىنى، جۇڭگو-گېرمانىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز-ئارا مەنپەئەت ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئىشلارنى كۆپرەك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز،» دېگەن. خۇا چۈنيىڭ بۇنىڭ بىلەنلا قالماي «جۇڭگو تەرەپ كۆپ قېتىم گېرمانىيە تەرەپكە ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىپ، بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىشنى تەكلىپ قىلدى. ئەمما گېرمانىيە تەرەپ بۇ ئىشنى ئىزچىل ئارقىغا سوزۇپ كەلدى. ئەمدى ئۇلار بىر ئۆرۈلۈپلا جۇڭگو تەرەپنى دىئالوگ سەمىمىيىتى يوق دەپ ئەيىبلىمەكتە. بۇ پۈتۈنلەي قائىدىسىزلىك،» دېگەن.
گېرمانىيە باش ئەلچىسى مىخائەل كلائۇس كۆزدە تۇتقان «گېرمانىيە-خىتاي تور بىخەتەرلىكى سىستېمىسى كېلىشىمى» 2016-يىلى ئىككى تەرەپ ھۆكۈمەتلىرى تەرىپىدىن ئىمزالانغان بولۇپ، بۇ كېلىشىمگە كۆرە، خىتاي ھۆكۈمىتى چەكلىگەن ئىنتېرنېت ۋ پ ن قوشۇمچە مۇلازىمېتىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ياكى مۇۋاپىق بىر سىستېما بەرپا قىلىش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنماقچى بولغان. چۈنكى، ۋ پ ن نىڭ چەكلىنىشى خىتايدىكى گېرمانىيە كارخانىلىرىنىڭ مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ئىمكانىيىتىنى يوققا چىقارغان. خىتاي بۇ سىستېمىنى چەكلەش ئارقىلىق، چەتئەل كارخانىلىرىنىڭ مەخپىيەتلىكلىرىنى پەقەتلا خىتاي ئىنتېرنېت بوشلۇقى ساھەسىدىلا ساقلىيالايدىغان ۋە توسالغۇدىن ھالقىپ پائالىيەت قىلىشقا مۇمكىنچىلىك بولمىغان دەرىجىگە چۈشۈرۈپ قويغان ئىدى.
«فرانكفۇرت مەجمۇئەسى» گېزىتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «داۋاملىق ئىجادىيلىق بىلەن دىئالوگ قۇرۇشنى تەكىتلەيدىغان، ئىناقلىق ۋە تىنچلىققا چاقىرىق قىلىدىغان خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسىنىڭ گېرمانىيە باش ئەلچىسىنى بۇ قەدەر قاتتىق تەنقىد قىلىشى» غا گېرمانىيە-خىتاي ھۆكۈمەتلىرى 2016-يىلى 6-ئايدا ئۆتكۈزگەن «تور بىخەتەرلىكى كېلىشىمى» غا گېرمانىيە تەرەپ ئەمەل قىلغان بولسىمۇ، خىتاي تەرەپنىڭ ئەمەل قىلمىغانلىقى سەۋەب بولغان ئىكەن. چۈنكى بېرلىن بىلەن بېيجىڭ ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن بۇ كېلىشىمدە «ھەرقانداق شەكىلدىكى يامان نىيەتلىك خاككېرلىق ھەرىكەتلىرىدىن ساقلىنىش» تەشەببۇسى ئورۇن ئالغان بولسىمۇ، خىتاي خاككېرلىرىنىڭ ھۇجۇملىرى داۋاملىشىۋەرگەن، ھەتتا تېخىمۇ كۈچەيگەن. تېخى ئىككى ھەپتە ئىلگىرى گېرمانىيە ئاساسىي قانۇننى قوغداش ئىدارىسى ئوچۇق مەلۇمات ئېلان قىلىپ، «خىتاي خاككېرلىرىنىڭ گېرمانىيەنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، تېخنىكا ساھەلىرىگە بولغان ھۇجۇمىنىڭ يېقىندىن بۇيان ھەسسىلەپ كۈچەيگەنلىكى» نى ئېلان قىلغان. بۇ دوكلاتتا يەنە «لىنكېدىن» گە ئوخشاش ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن پايدىلىنىپ، خىتاي تەرەپنىڭ گېرمانىيەنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ساھەلىرىدىكى خادىملىرىنى سېتىۋېلىشقا ئۇرۇنۇش خاھىشلىرىنىڭمۇ كۈچەيگەنلىكى بايان قىلىنغان.
خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئۇلرىخ دېلىيۇس ئەپەندى بۇ مەسىلە ھەقتە پىكىر بايان قىلغاندا، خىتاينىڭ ھەق سۆزدىن ۋە ئۆزىنىڭ جىنايەتلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىشىدىن داۋاملىق بىئارام بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ مەسىلىنىڭ گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىدىن يەر ئالغانلىقى ياخشى بولدى. بۇ مەسىلە خىتاينىڭ ماھىيىتىنى ئاشكارىلاش رولىنى ئۆتەيدۇ. مىخائېل كلائۇسنىڭ ئوتتۇرىغا قويغانلىرى گېرمانىيە-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى رېئال مەسىلە. خىتاي بۇ ھەق پىكىرلەرگە تاقەت قىلالماي دەرھال ئىنكاس قايتۇردى ھەمدە گېرمانىيە باش ئەلچىسىنى ئەيىبلىدى. خىتاي ھامان ھەق گەپتىن ۋە جىنايەتلىرىنىڭ مەتبۇئاتلاردا پاش قىلىنىشىدىن شۇنچىلىك قورقىدۇ. خىتايدا ئاشكارىلاشنى كۈتۈۋاتقان نۇرغۇنلىغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھادىسىلىرى بار. مەسىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى پاجىئەلىك ۋەزىيىتى. دۇنيانىڭ ھېچ يېرىدە ھېچ بىر مىللەت بۇ قەدەر ئېغىر رېجىم ۋە باستۇرۇش ئاستىدا تۇرغان ئەمەس. 2017-يىلى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قاباھەتلىك بىر يىل بولدى. دۇنيا ئۈچۈنمۇ نومۇسلۇق بىر يىل بولدى. مەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ئالدىمىزدىكى يىللاردا خەلقئارانىڭ تېخىمۇ جىددىي دىققىتىنى قوزغىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».
فرانسىيەلىك خىتايشۇناس پروفېسسور مارى ھولىزمان خانىم بۇ خۇسۇستا توختالغاندا، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۈگۈنكى ھەقىقىي قىياپىتىنى دۇنياغا بىلدۈرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تىلغا ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز چەتئەللەردىكى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ نۆۋەتتىكى رېئاللىقنى بىلىشىنى ۋە ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈشى ئۈمىد قىلىمىز. خىتاي ھاكىمىيىتى ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىگە، دىپلوماتىك ئۇتۇقلىرىغا، تەشۋىقات ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئەسلى مەنىسىنى پەقەتلا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان شەكىلدە ياساپ چىقىپ، خىتايچە بىر كىشىلىك ھوقۇق ئۇقۇمىنى دۇنياغا تېڭىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ. كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئاساسىي پرىنسىپلىرىدا يەر ئالغان سۆز، مەتبۇئات، ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ ئورنىغا ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى دەسسىتىش ئارقىلىق پەقەت خىتاي ئۈچۈنلا خىزمەت قىلىدىغان بىر ئىدېئولوگىيەنى بازارغا سالماقچى بولۇۋاتىدۇ. بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن خىتاي ئىچىدە، بولۇپمۇ ئۇيغۇر، ۋە تىبەت رايونلىرىدا كىشىلىك ھوقۇقنى خالىغانچە دەپسەندە قىلىۋاتىدۇ. قولىنى پۈتۈن دۇنياغا ئۇزارتىۋاتىدۇ. بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئەلچىلىرى ۋە خادىملىرىنىڭ خىتاينىڭ ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلايدىغان پىكىرلەردە بۆلىشى كۆپ ئەھمىيەتلىك. دۇنيا خىتاينى بىلسۇن ۋە بەلكى بارغانسېرى ياخشى بىلىشكە باشلىدى. بۇنىڭ ئىجابىي بىر نەتىجە يارىتىدىغان زامانى كېلىدۇ.»
مەلۇم بولۇشىچە، مىخائېل كلائۇس 2013-يىلىدىن باشلاپ گېرمانىيەنىڭ خىتايدىكى باش ئەلچىسى بولۇپ تەيىنلەنگەندىن بۇيان خىتاينى كۆپ قېتىم بىئارام قىلىپ كەلگەن. «فرانكفۇرت مەجمۇئەسى» گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ خىتايدىكى بەزى نازۇك مەسىلىلەر ھەققىدە قاراشلىرىنى ئۇدۇللا بايان قىلىپ كەلگەن بولغاچ، خىتاي دائىرىلىرىنى كۆپ قېتىم نارازى قىلغان. مىخائېل كلائۇس پىكىرلىرىنى دائىم دېگۈدەك خوڭكوڭدا چىقىدىغان «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتى» دە ئىپادىلەپ، خىتاي خەلقىنىڭمۇ كۆرۈشىگە پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن. ئۇ، 2017-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى مەزكۇر گېزىتكە قىلغان سۆزىدە «خىتايدىكى تور چەكلىمىسىنىڭ ئەركىن رىقابەت ۋە كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولىدىغانلىقىنى، خىتاينى دۇنيادا يېتىم قالدۇرىدىغانلىقىنى» تەكىتلىگەن ۋە بۇ سۆزلىرى بىلەن خىتاينى بىئارام قىلغان. 2017-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى جاڭ تيەنيوڭ سوت قىلىنغاندا، مىخائېل كلائۇس يەنە «بۇ سوت قانۇن تەرتىپلىرىگە ئۇيغۇن ئەمەس. جاۋابكار ئادۋوكات تەلەپ قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشەلمىگەن. بۇنداق بىر سوتتىن ئادىل ھۆكۈم چىقىرىلىشى مۇمكىن ئەمەس. ئۇنىڭ سوتى قانۇن دۆلىتىنىڭ پرىنسىپلىرىغا ۋە كىشىلىك ھەق-ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىنغان ئاساستا ئېچىلىشى كېرەك،» دەپ خىتاي تەرەپنى يەنە نارازى قىلغان.