گوللاندىيەدە 5 - ئىيۇل قۇربانلىرى خاتىرىلەندى

0:00 / 0:00

2013 - يىلى 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئەركىن دۇنيانىڭ كۆپلىگەن يەرلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش، گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ «5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 4 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

پائالىيەت شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن سائەت 2 دىن 4 كە قەدەر داۋام قىلدى. 100 دىن ئارتۇق ئەر - ئايال نامايىشچىلار ئاي - يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلىرىنى لەپىلدىتىپ، شوئارلارنى ياڭراتتى.



خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىشچىلارنىڭ جاراڭلىق شوئارلىرى ئارىسىدا، نۆۋەت بىلەن نۇتۇقلار سۆزلىنىپ، ئۇيغۇرلارنى مۇستەقىللىق يولىدا ئۆز - ئارا ئىتتىپاقلىققا، بىرلىشىشكە چاقىرىلدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرى يۈرەك سۆزلىرىنى ئاڭلاتتى.

گوللاندىيەنىڭ سىياسىي پايتەختى دەنھاختىكى پارلامېنت مەيدانىدىن، خىتاي ئەلچىخانىسىغىچە پىيادە يۈرۈش قىلدى. 5 كىلومېتىرلىق مۇساپىنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى دۇكانلار، ئولتۇراق ئۆيلەر ۋە تۈرلۈك ساھەنىڭ ئىش بېجىرىش ئورگانلىرى بىلەن يولدىن ئۆتكەن - كەچكەن يولۇچىلار ئۇيغۇرلارنىڭ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى چاقىرىقلىرىنى ئاڭلىدى.

پائالىيەتنى «گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى» تەشكىلاتى تەشكىللىدى. «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» ۋە «ياشلار پارتىيىسى تەشكىلاتى» زىچ ماسلاشتى.