گوللاندىيەنىڭ دەنھاخ شەھىرىدە5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى خاتىرىلەندى

0:00 / 0:00


2015 - يىلى 5 - فېۋرال پەيشەنبە گوللاندىيەنىڭ دەنھاخ شەھىرىگە جايلاشقان خىتاي باش كونسۇلخانىسى ئالدىدا، 5 - فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ قۇربانلىرى ياد ئېتىلدى.

ئاي - يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلىرى بىلەن جاراڭلىق شوئار توۋلاپ، خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇم سىياسەتلىرىگە قارشى مەيدانىنى ئىپادىلىگەن نامايىشچىلار گوللاندچە، خىتايچە ۋە ئۇيغۇرچە باياناتلار ئوقۇدى ۋە شوئارلار توۋلىدى.

پائالىيەتنى «گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى» ئۇيۇشتۇردى. ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى ۋە بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئاكتىپلىرى ھەمدەمدە بولدى. پائالىيەت شۇ يەر ۋاقتى 11 دىن 13 گە قەدەر ئىككى سائەت داۋام قىلدى.

گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى سادىقجان سەلەي ئەپەندى بۇ نامايىش پائالىيىتىنىڭ سەۋەب ھەققىدە ئىزاھات بەردى.

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەيسا قاراجىم غۇلجا شېھىتلىرى ئەسلەش يۈزىسىدىن نامايىش قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كىيىن، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھەم زۇلۇمغا، ھەم تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەشكە دۇچ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇللا ئەپەندى گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان دوستلۇققا ئەھمىيەت بېرىشنىڭ نەتىجىسىدە ھەر ئىككى دۆلەتتىكى پائالىيەتلەردە ھەمدەمدە بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرىدىن ئەلقەم ئەپەندى ۋە تۇرسۇن مۇئەللىم ئەپەندىلەرمۇ ئۆزىنىڭ ئۈمىد تىلەكلىرىنى بايان قىلدى.

گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى مەسئۇللىرىدىن زەينىدىن تۇرسۇن ئەپەندى ۋەتەنداشلىرىنى نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشقا چاقىردى.

پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن كۆپچىلىك خاتىرە رەسىمگە چۈشۈپ قايتىشتى.