2016 - يىلى 7 - ئاپرېل گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان تۈركىي سىستېمىسىدىكى خەلقلەر توپلىشىپ، گوللاندىيەنىڭ دەنھاخ شەھىرىگە جايلاشقان ئەرمېنىيە باش كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلدى.
تۈرلۈك لوزۇنكا ۋە بايراقلىرى بىلەن ئۇيغۇر، تۈرك، تۈركمەن، نوغاي، تاتار، قېرىم ۋە ئەزەربەيجان قاتارلىق ئەللەرنى تەمسىل قىلغان نامايىشچىلار ئەزەربەيجاننىڭ دۆلەت شېئىرى ۋە مىللىي مارشىنى ئوقۇدى. ئەرمەنلەرنىڭ قىرغىنچىلىقلىرىنى ئەيىبلەپ شوئارلار توۋلىدى، باياناتلار ئوقۇدى.
شۇ جاي ۋاقتى چۈش سائەت بىر يېرىمدىن ئىككى يېرىمغىچە داۋام قىلغان بۇ پائالىيەتنى گوللاندىيە ئەزەربەيجان تۈرك كۈلتۈر جەمئىيىتى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ رەئىسى ئېلخان ئاشقىن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.
ئۇ ئالدى بىلەن، بۈگۈن بۇ يەرگە كېلىپ ئۆزلىرى بىلەن بىر سەپتە بولغان تۈرك سىستېمىسىدىكى قېرىنداشلىرى قاتارىدا ئۇيغۇرلارغىمۇ رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتتى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەزەربەيجان بىلەن ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ مەسىلىسى ئوخشاشتۇر. چۈنكى ئۇيغۇرلار خىتايلار تەرىپىدىن، ئەزەربەيجان بولسا، رۇس ۋە ئەرمەنلەر تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندۇر. بىز بىر مۇش بولۇشىمىز لازىم. بۈگۈن قاراباغ ئازاد بولسا، شەرقىي تۈركىستان ئازاد بولۇر. شەرقىي تۈركىستان ئازاد بولسا، كەركۆك ۋە تۈركمەن ئەللىرىمۇ ئازاد بولۇر. تۈركنىڭ كۈچىنى ۋە تۈركنىڭ بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان پەيت كەلدى. شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز قورقۇپ قالمىسۇن، ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا مىليونلارچە تۈرك دۇنياسى باردۇر. بىز گوللاندىيەدە ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈرلۈك پائالىيەتلىرىمىزدە، ھەرقاچان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېنىدا بولدۇق ۋە يەنە بولىمىز» دېدى.
ئۇ يەنە ئەرمەنلەر بىلەن ئەزەربەيجانلىقلار ئارىسىدىكى زىددىيەتلەرنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «1837 - يىلى ‹تۈركمەن چېيى كېلىشىمى› دە ئەزەربەيجان ئەپسۇس ئىككىگە بۆلىۋېتىلدى. ‹جەنۇبىي ئەزەربەيجان› ۋە ‹شىمالىي ئەزەربەيجان›. خۇددى شەرقىي تۈركىستانغا ئوخشاش. قاراباغ بىزنىڭ تۇپراقلىرىمىزدۇر. سۈرىيەدىن، ئىراندىن ۋە تۈركىيەدىن كەلگەن ئەرمەنلەرنى ستالىن قاراباغقا يەرلەشتۈردى. بىز ئۇلارنى قوينىمىزغا ئالدۇق. مېھمان قىلىپ، ئۆيلىرىمىزنىڭ ئىشىكىنى ئاچتۇق. ئەمما، ئۇلار كېيىن بىزنى ئۆزىمىزنىڭ تۇپراقلىرىدىن سىقىپ چىقارماقچى بولدى.»
بۇ نامايىشقا ئىشتىراك قىلغان ئۇيغۇرلاردىن گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى مەسئۇلى سادىقجان سەلەي ئەپەندىمۇ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىز قوبۇل قىلىپ: «بىز ئۇيغۇر خەلقىمۇ زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى بىر خەلق بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، زۇلۇمغا قارشى مەزلۇم ئەزەربەيجانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېنىدا بولدۇق. بىز يالغۇز ئەمەس.» دېدى.
ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئىيسا قاراجىممۇ ئەزەربەيجان خەلقىنىڭ تەقدىر - قىسمەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى ۋە ئۇلارنىڭ كۈرەش يوللىرىدا تۆلەۋاتقان بەدەللىرىدىن دەرس ئېلىشقا تېگىشلىك تەرەپلىرىنى بايان قىلدى.
0:00 / 0:00