گوللاندىيە ۋە گېرمانىيىدە ئىككى جۇمھۇرىيەت خاتىرىلەندى

0:00 / 0:00


ھەر قايسى ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا 12 - نويابىر كۈنى گوللاندىيە، 10 - نويابىر كۈنى گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇرلار 1933 - ۋە 1944 - يىللىرى قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزدى.

گېرمانىيىدە 10 - نويابىر ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، تەشكىلات رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرىشىچە، پائالىيەت د ئۇ ق نىڭ مەركىزى خىزمەت بىناسىدا ئىككى سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشقان. پائالىيەتتە ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ تارىخى، مۇستەقىللىق ئۈچۈن جانلىرىنى قۇربان قىلغان شېھىدلارنىڭ كەچمىشلىرى ئەسلەپ ئۆتۈلگەن ھەمدە دۇئا - تىلاۋەتلەر قىلىنغان.

12 - نويابىر كۈنى گوللاندىيە ئۇيغۇرلىرى گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ ساھىپخانلىقىدا ئۆزلىرى يېڭىدىن ئاچقان «ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئۆيى» دە ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن. تەشكىلات مەسئۇللىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ پائالىيەت بەش سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشقان بولۇپ، پائالىيەتتە ئىككى جۇمھۇرىيەتكە دائىر كۆپلىگەن تېمىلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە ئۆتمۈشتىكى شانلىق تارىخ يەنە بىر قېتىم ئەسلەپ ئۆتۈلگەن. بۇ سورۇنغا داخىل بولغان گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلاردىن تۇرسۇنجان ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، تەسىراتىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى. گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى رەھبەرلىدىن غەيرەت ئەپەندى بولسا پائالىيەت زالىنىڭ ئىككى جۇمھۇرىيەتكە دائىر تام رەسىملىرى بىلەن بېزەلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

تۇرسۇنجان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرىشىچە، گوللاندىيە ئۇيغۇرلىرى گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ يېڭى بىر سايلىمىغا تەييارلىق قىلىۋاتقان بولۇپ، دېموكراتىك شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ سايلامغا ۋەتەن - مىللەت سۆيگۈسى بولغان، گوللاندىيىدە خەلقنىڭ ھۆرمەت ۋە ئىشەنچىنى قازانغان ھەرقانداق ئۇيغۇر ئۆزىنى نامزات قىلىپ كۆرسەتسە بولىدىكەن.

گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى مەسۇللىرىدىن غەيرەت ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خۇشاللىنارلىق يېڭىلىقلاردىن بىرسى «ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئۆيى» نىڭ دۇنياغا كېلىشى بولۇپ، گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلار بۇندىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىي پائالىيەتلىرىنى بۇ يەردە قانات يايدۇرۇش ئىمكانلىرىغا ئېرىشىدىكەن.

گېرمانىيە ۋە گوللاندىيىدە ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى بولۇپ ئۆتكەنلىكى ھەمدە گوللاندىيىدە يېڭىدىن «ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئۆيى» نىڭ قۇرۇلغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.