بىر نەچچە يىل ئىلگىرى گوللاندىيەدە قۇرۇلغان ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى كۆپىنچە پائالىيەتلىرىدە مەزكۇر دۆلەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى يولۇققان ۋە يولۇقۇۋاتقان مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىپ كەلمەكتە.
تەشكىلات 6 - سېنتەبىر گوللاندىيەنىڭ زەيست شەھىرىدە ئۆتكۈزگەن «ئايلىق سۆھبەت پائالىيىتى» نى ئۆتكەن ھەپتە گوللاندىيەدە ۋاپات بولغان بىر ئۇيغۇر مەرھۇمنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشقا قاراتقان. پائالىيەتتە يەنە دىنىي مەزمۇندىكى سۆھبەت ۋە لېكسىيەلەر ئۆتكۈزۈلگەن.
بۇ ئىشتىن تولىمۇ تەسىرلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن مۇسىبەت ئىگىسى گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە رەھمەت ئېيتتى.
تەشكىلات ئىلگىرىكى پروگراممىلىرىدا ئىنتېرنېتتا سودا قىلىش بىلىملىرى، قانۇن ئاساسلىرى قاتارلىق تېمىلاردا مەخسۇس لېكسىيىلەرنى ئۇيۇشتۇرغان ئىدى.
مۇنىرە خانىم 2015 - يىلى 4 - سېنتەبىر جۈمە كۈنى كەچ گوللاندىيەنىڭ ئالمىرە شەھىرىدىكى بىر دوختۇرخانىدا ئالەمدىن ئۆتكەن ئىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ گوللاندىيەدە ۋاپات بولغان چوڭلارنىڭ تۇنجىسى بولۇپ، ئىلگىرى كىچىك بالىلاردىن بىر قانچىسى ۋاپات تاپقان ۋە لايىقىدا دەپنە قىلىنغان. ئەمما، چوڭلار ئىچىدە ھازىرغىچە ئۆلۈم - يېتىم ئىشلىرى كۆرۈلمىگەن ئىدى. مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ مەرھۇمنىڭ يەرلىككە قويۇلۇشى ئۈچۈن ھازىرلانغان يەرنىڭ 6500 ياۋرولۇق چىقىمى، تۇنجى مۇسىبەتتىن قايغۇلانغان ۋە ھېسداشلىق تۇيغۇسى ئۇرغۇغان ۋەتەنداشلارنىڭ قىزغىن ياردەملىشىشى نەتىجىسىدە توپلانغان.
بۇ ئىش سەۋەبلىك ئىتتىپاقلىشالىغانلىقىدىن روھلانغان شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئەتىسى مەرھۇمنىڭ دەپنە قىلىنىشىغا ھەمدەمدە بولۇش پىلانى بىلەن خوشلاشتى.
شۇنداق قىلىپ ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ بۇ ئايلىق سۆھبەت پائالىيىتى مول مەزمۇنلۇق بىر پائالىيەت بولۇپ، مەزكۇر ئورۇننىڭ شەرت - شارائىتىدىن راھەت بىر شەكىلدە تاماملاندى. پائالىيەت ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغانلار پائالىيەتتىن ئالغان تەسىراتلىرىنى، پائالىيەتنىڭ تەپسىلاتىنى ۋە مۇسىبەتلىك كۈنلىرىدە ۋەتەنداشلىرىنىڭ كۆيۈنۈشىگە ئېرىشكەنلىكىدىن خۇرسەن بولغانلىرىنى بايان قىلدى.
ئىسلامىي قېرىنداشلىق تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش ۋە چۈشەنچىلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەقسىتى بىلەن بېلگىيەدىن كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن يەنە بىرىمۇ، ئۆزىنىڭ بۇ پائالىيەتتىن ئالغان تەسىراتىنى بايان قىلدى ۋە تەكرار كۆرۈشۈش ئۈمىدىنى ئاڭلاتتى.
0:00 / 0:00