0:00 / 0:00
يەكەندە يۈز بەرگەن ۋ «28 - ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» نى دۇنيا جامائىتىگە بىلدۈرۈش مەقسىتىدە تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار قاتارىدا گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارمۇ 3 - قېتىملىق نامايىش پائالىيىتىنى 11 - سېنتەبىر پەيشەنبە خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزدى.
سائەت 2 دىن 4 كە قەدەر ئىلىپ بېرىلغان پائالىيەتتە نامايىشچىلار ئاي - يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلىرىنى لەپىلدەتتى ۋە شوئارلار توۋلىدى.
پائالىيەت تەشكىللىگۈچى گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى مەسئۇلى ئابدۇسالام نىياز ئەپەندى پائالىيەتنىڭ 11 - سېنتەبىر كۈنىگە پىلانلىنىشىدىكى سەۋەب - مەقسەتلەر ھەققىدە توختالدى.