6 - دېكابىر گوللاندىيەنىڭ ئارنھم شەھىرىدە ئوقۇۋاتقان ئامىنە سۇمبۇل ۋە ھىلال دېمىرەل قاتارلىق ئۈچ تۈرك قىزى باشقا تۈركىي تىللىق خەلقلەرنى تېخىمۇ ياخشى بىلىش ئۈچۈن گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنى يوقلاپ كەلگەن ۋە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشقا بەل باغلىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
ئۇلارتۇنجى زىيراىتى ئۈچۈن زەيست شەھىرىگە جايلاشقان «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» نىڭ ئايلىق سۆھبەت پائالىيىتىدە جەم بولغان ئۇيغۇرلارنى تاللىغان.
ئىگىلىشىمىزچە، قىزلار ئۆزلىرى ئوقۇۋاتقان مەكتەپنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بۈگۈنكى رېئال دۇنيادا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خالىغان بىر قوۋم ياكى مىللەتنىڭ كۈلتۈر - مەدەنىيەت، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ساھەلىرىدە ئۇچۇر ئىگىلەپ، دوكلات بېرىشكە ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇشنى تاپشۇرۇق تېمىسى قىلىپ تاللىغان.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قىزلار شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن كېيىن باشلىنىپ، كەچ سائەت 9 غا قەدەر داۋام قىلغان بۇ پائالىيەتتە ئۆزلىرى قىزىققان ساھەلەردىكى سوئاللىرىغا قانائەتلىنەرلىك جاۋابلارنى ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامىنە سۇمبۇل ئىسىملىك قىز قانداق بولۇپ ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ۋەتىنىنى بۇ قېتىملىق مەشىق تېمىسى قىلىپ تاللىۋالغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ: «دۇنيا جۇغراپىيىسى دەرسلىكىدىن ئورتىغا چىققان بۇ تاپشۇرۇق ئەسلى ئىسپانىيەدىكى ئىچكى ماجىرالار ۋە ئۇنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە بولۇپ، بۇ بىزنى ئانچە جەلپ قىلالمىغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن خانىمدىن ئۆزىمىز خالىغان بىر يەردىكى زىددىيەتكە تولغان بىر خەلقنىڭ ئەھۋالىنى تېما قىلىپ تاللاشقا بولامدۇ، دەپ سورىدۇق. خانىم ماقۇل، دېدى. شۇنىڭ شەرقى تۈركىستاننى تاللىدۇق» دېدى.
ھىلال دېمىرەل ئاتلىق قىزمۇ بۇ خىل تاللاشقا سەۋەب بولغان ئامىللارنىڭ ئائىلە تەربىيىسىنىڭ تۈرتكىسىدە مەيدانغا كەلگەنلىكىنى تەستىقلاپ: «جەزمەنكى ‹ئاتا - ئانىمىزدىن ئالغان تەسىرىمىز سەۋەب بولدى› دېيىشكە تامامەن بولىدۇ. گوللاندىيە بىزگە بۇ مەسىلە ھەققىدە بىر نەرسە ئۆگەتمىدى. ئەمما، ئاتا - ئانىمىزنىڭ دائىملىق سۆھبەتلىرى ۋە مۇنازىرىلىرىدىن شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىمىزنىڭ تارىخى رىشتىسىنى ۋە ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى زۇلۇمغا تولغان ئاچچىق قىسمەتلىرى ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى ئاڭلاپ چوڭ بولغانلىقىمىز، بىزنىڭ بۈگۈنكىدەك بىر پۇرسەتتە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىنى ئاڭلىتىشقا تۈرتكە بولدى» دېدى.
گوللاندىيەدىكى ئۆلكۈ ئوجاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ ئاكتىپ پائالىيەتچىسى ئىدرىس ئەپەندى بۇ قېتىملىق زىيارىتى ھەققىدە توختىلىپ: «بىز پەرزەنتلىرىمىزگە داۋاملىق شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىنىڭ دەۋاسىغا ساھىب چىقىشنى دەۋەت قىلىپ كەلدۇق. بۇ قىزلار ئەنە شۇنداق بىر تەربىيەنىڭ تەسىرى بىلەن بۇ يەرگە كەلدىلەر» دېدى.
ئاتا، ئانىسىنىڭ بۇ خىل ئارزۇ - غايىلىرى بىلەن يېتىلگەن ئامىنە سۇمبۇل، ھىلال دېمىرەل ۋە نەسلىخان توپالئوغلۇ قاتارلىق بۇ قىزلار تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ، دۇنيا جۇغراپىيىسى دەرسلىكىدە ئورتىغا چىققان بۇ پۇرسەتنى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇشقا سەرپ قىلغان.
ئىگىلىشىمىزچە، بۇ قىزلار تەييارلىغان دوكلاتىنى ئالدى بىلەن ساۋاقداشلىرىغا، ئاندىن پۈتۈن مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن مەخسۇس لېكسىيە بېرىدىكەن.
گوللاندىيەنىڭ زەيست شەھىرىگە جايلاشقان «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ھەر ئاينىڭ بېشى ياكى ئاخىرىدىكى يەكشەنبە كۈنلىرى بىر قېتىمدىن داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان «ئايلىق سۆھبەت پائالىيىتى» گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ «دىنىي ۋە مىللىي تەلىم - تەربىيە»، «سۆھبەت - مۇنازىرە»، «دىدار غەنىيمەت» قاتارلىقلار مەزمۇن قىلىنغان پائالىيەت بولۇپ، نەچچە يىلدىن بېرى ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلمەكتە.
جەمئىيەت مەسئۇللىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ جەمئىيەت بۇ خىل ئىزچىللىقنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر ئېلىگە قىزىققۇچىلارنىڭ گوللاندىيەدىكى تۇنجى بېكىتىگە ئايلانغان بولۇپ، جەمئىيەت مەسئۇللىرىمۇ بۇ خىل مېھمانلىرىغا لايىقىدا مۇئامىلە قىلىش ئارقىلىق ئۆز - ئارا تونۇشۇش ۋە زىچ ئالاقە ئورنىتىش ئارقىلىق ھەمكارلىشىشنى قولغا كەلتۈرۈپ كەلمەكتە ئىكەن.
جەمئىيەت مەسئۇللىرىدىن ئىسا قاراجىم جەمئىيەت ئورنىنىڭ مۇقىملىقى، پائالىيەت خىزمەتلىرىنىڭ دائىملىقى ۋە ئىزچىللىقىدىن ياخشى نەتىجىلەرنىڭ مەيدانغا كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ قېتىملىق پائالىيەتتىمۇ زىيارەتكە كەلگەن قېرىنداشلار ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىغا تۈركلەرنىڭ مىللىي روھىغا سىمۋول قىلىنغان «ھىلال ئاي ئاستىدا ھۇۋلاۋاتقان بىر بۆرە» تەسۋىرلەنگەن ئويما تاختىنى سوۋغا قىلدى. ئۇيغۇرلارمۇ ئاي - يۇلتۇزلۇق بايراق چۈشۈرۈلگەن شارپا سوۋغا قىلىپ، دوستلۇقنى قەدىرلەيدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
0:00 / 0:00