گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار مول - مەزمۇنلۇق بىر پائالىيەت ئۆتكۈزدى

0:00 / 0:00

2015-يىلى 1 - فېۋرال يەكشەنبە كۈنى «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» دە جەم بولغان ئۇيغۇرلار ھەر ئايدا بىر قېتىمدىن داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان «ئايلىق سۆھبەت پائالىيىتى»، يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان «يىللىق خىزمەتلەردىن دوكلات بېرىش پائالىيىتى»، پۇتبول ھەۋەسكارلىرىنىڭ دوستلۇق مۇسابىقىسىدە ئۇتۇپ چىققان گۇرۇپپىنى مۇكاپاتلاش يۈزىسىدىن تەسىس قىلىنغان «لوڭقا تەقدىم قىلىش پائالىيىتى» ۋە «5- فېۋرال ۋەقەسى» نى ئەسلەش پائالىيىتى قاتارلىق مول - مەزمۇنلۇق بىر پائالىيەت ئۆتكۈزدى.

شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 2 دىن 5 گە قەدەر داۋام قىلغان مەزكۇر پائالىيەتنى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇردى. پائالىيەتكە جەمئىيەتنىڭ مۇئاۋىن مەسئۇلى ئوبۇلقاسىم ئابدۇلئەزىز ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى.

پائالىيەت قۇرئان كەرىيم تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى. ئايلىق سۆھبەت پائالىيىتى مۇناسىۋىتى بىلەن مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ تەلىم - تەربىيە مەسئۇلى ئابدۇراخمان قاراجىم «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى» ناملىق لېكسىيىسىنى تاماملىدى. مەزكۇر لېكسىيە 6 يىلدىن بېرى ئايلىق سۆھبەت پائالىيىتىدە داۋام قىلىپ كەلگەن ئىدى. جامائەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى دەقىقىلىرىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، رەسۇلۇللاھقا دۇرۇت ئېيتتى ۋە سالام يوللىدى.

ئەسىر نامىزىدىن كېيىن غىزالانغان جامائەت مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ مەسئۇلى ئەيسا قاراجىمنىڭ تەقدىم قىلىشىدا، 5- فېۋرال ۋەقەسىنىڭ روھىدىن ئىلھاملاندى ۋە جەمئىيەتنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان ئومۇمىي پائالىيەتلەرنى قىسقىچە ئەسلەپ ئۆتتى. ئوبۇلقاسىم ئەپەندى يىللىق كېرىم - چېقىم ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ يېتەكلىشىدە تەشكىللەنگەن پۇتبول ھەۋەسكارلىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق دوستلۇق مۇسابىقىسىدە ئۇتۇپ چىققان كوماندىغا لوڭقا تەقدىم قىلىندى.


پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن زىيارىتىمىزدە بولغان ھۈسەيىن تەجەللى ئەپەندى مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ ئىش - پائالىيەتلىرى ھەققىدە ئويلىغانلىرىنى رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ ئومۇمى ئىشلار مەسئۇلى ئەيسا قاراجىم جەمئىيەتنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى ھەققىدە توختالدى. كەلگۈسىدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلىرىنىڭ قايسى ساھەگە مەركەزلىشىدىغانلىقىدىن ئۇچۇر بەردى.

«ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» قۇرۇلغاندىن بېرى گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە مىللىي تەلىم - تەربىيىسى، ئۆرپ - ئادەت، قائىدە - يوسۇنلىرى؛ توي - تۆكۈن ۋە ئۆلۈم - يېتىم ئىشلىرىغا ئالاقىدار ساھەلەردە يېتەكچىلىك قىلىپ كەلمەكتە.