گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى خىزمەتلىرى داۋام قىلماقتا

0:00 / 0:00


دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يول - يورۇقلىرى بىلەن خىزمەتلىرىنى داۋام قىلىۋاتقان «گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى» يېڭى يىل كىرگەندىن بېرى، مەسىلىلىرى ھەل بولماي كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ۋە ئۆتكەن بىر - ئىككى يىل ئىچىدە خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزگەن زۇلۇم ۋە ئۆلۈم جازالىرىنىڭ خەتەرلىك ئاقىۋەتلىرىنى گوللاندىيەدىكى مۇناسىۋەتلىك ساھەنىڭ خادىملىرىغا توغرا چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن تىرىشماقتا.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى سادىقجان سەلەي ئەپەندىدىن ئىگىلىشىمىزچە، مەزكۇر جەمئىيەت ۋەكىللىرى ئالدىنقى ھەپتە گوللاندىيەنىڭ ئامىستېردام شەھىرىدىكى بىر زالدا، گۈەنتاناموغا قامالغان ئۇيغۇرلار ئاساس قىلىنىپ ئىشلەنگەن مەخسۇس فىلىمنى كۆرۈشكە تەكلىپ قىلىنغان. بۇ پروگراممىغا گوللاندىيەدىكى ئىلتىجاچىلار ئورگىنى ۋە كۆچمەنلەر ئىدارىسى خادىملىرى، خىتاي تەتقىقاتچىلىرى، گوللاندىيە پارلامېنت ئەزالىرى ۋە كۆپ ساندا كۆزەتكۈچىلەر ئىشتىراك قىلغان.

سادىقجان سەلەي ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر فىلىم كۆرۈلۈپ بولغاندىن كېيىن، مەخسۇس مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىلغان ۋە مۇناسىۋەتلىك سوئال - جاۋابلار بولۇنغان.

سادىقجان سەلەي ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى يېقىندا يەنە گوللاندىيە پارلامېنتىدا بىر ئۇچرىشىشقا تەكلىپ قىلىنغان.

سادىقجان سەلەي ئەپەندى ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدا ئېلىپ بېرىلغان گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ ئىچكى سايلامدا، رەئىسلىكىگە تەكرار سايلانغان. ئۇ گوللاندىيەدە مەخسۇس تەرجىمانلىق قىلىش بىلەن بىرگە، تەشكىلىي خىزمەتلەردىمۇ ئاكتىپ رول ئويناپ كېلىۋاتماقتا.