گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار سلېدرېخت شەھىرىدە نورۇز پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

0:00 / 0:00


گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى 20 - مارت ئۇيغۇرلارنى بىر يەرگە جەم قىلىپ نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇردى. پائالىيەت ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگە بايراملىق تارقىتىش، نەتىجە قازانغان ياشلارنى مۇكاپاتلاش قاتارلىقلار مەزمۇنلار بىلەن داۋام قىلدى.

بۇ ھەقتە سۆز قىلغان گوللاندىيەدىكى جامائەت ئەربابلىرىدىن بىرى، گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتنىڭ رەئىسى سادىقجان سەلەي ئەپەندى نورۇز بايرىمىنىڭ زىمىستان قىش كېتىپ ئىللىق باھار كېلىدىغان دەقىقىلەرنى قۇتلۇقلايدىغان ئەھمىيەتلىك بايرام ئىكەنلىكىنى، بۇ بايرامنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار جۈملىدىن بارلىق تۈركىي خەلقلەرگىمۇ يېڭى بىر باشلىنىش ئاتا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.