تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئانا ۋەتىنىنى تەرك ئېتىپ ئەركىن دۆلەتلەرگە چىقىپ كەتكەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار يەرلەشكەن دۆلەتلىرىدە ئۇزۇن ئۆتمەي ئائىلىلەر قۇرۇپ، يېڭى ئەۋلادلىرىنى ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكى بىلەن تەربىيىلەپ چىقىشتەك ئېغىر مەسئۇلىيەتكە دۇچ كەلدى ۋە ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولۇپ جامائەتلىشىشكە يۈزلەندى. جۈملىدىن گوللاندىيىنىڭ چەت رايونلىرىدىكى ئۇيغۇرلار بارغانسېرى مەركىزى شەھەرلەرگە جۇغلىشىشقا غەيرەت قىلماقتا. دەنھاخ شەھىرىدە ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار ئەنە شۇنداق مەسئۇلىيەتچانلار جۈملىسىدىن بولۇپ، ھازىر بۇ شەھەرنىڭ مەركىزىدىكى ئۇيغۇر ئائىلىسى 30 دىن ئاشقان.
2015 - يىلى 2 - ماي دەنھاختىكى بىر ئاممىۋى باغچىدا جەم بولۇپ، ئىتتىپاقلىشىشنىڭ قەدىمىنى ئىلگىرىلىتىۋاتقان دەنھاخ شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكىنى داۋام قىلىش يوللىرىدىكى ئىزدىنىشلىرى ۋە كەلگۈسىدىكى پىلانلىرىنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشتى.
0:00 / 0:00