گوللاندىيىنىڭ دەنھاخ شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار دالا پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

0:00 / 0:00


گوللاندىيىنىڭ دەنھاخ شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار يېتىلىۋاتقان ئەۋلادلىرىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن جامائەتلىشىش ۋە توپلىشىشقا يۈزلەنگەندىن بېرى، پۇرسەت خاراكتېرلىك پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ كەلمەكتە. ئۇلار 24 - ماي يەكشەنبە كۈنى يازنىڭ ئېللىق ھاۋاسىدىن تەڭ بەھرىمان بولۇپ، دەنھاخ شەھىرىدىكى خەلق جەنۇبى باغچىسىدا جەم بولدى.

پائالىيەت ئەھلى ئائىلە ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە كېلىپ، كاۋاپ يېگەچ ھال - مۇڭ بولۇشتى ۋە خاتىرە رەسىمگە چۈشۈشتى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغانلار ئۆزلىرىنىڭ ھېس - تۇيغۇلىرىنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشتى.