2015 - يىلى 14 - ئىيۇل گوللاندىيەنىڭ پايتەختى دەنھاخ شەھىرىگە جايلاشقان تايلاند باش كونسۇلخانىسى بىلەن خىتاي باش كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئىلگىرى - كېيىن نامايىش ۋە ئىپتار پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى.
تايلاند كونسۇلخانىسى ئالدىدىكى نامايىشنى گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇردى.
خىتاي باش كونسۇلخانىسى ئالدىدىكى نامايىش ۋە ئىپتار پائالىيىتى گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى ۋە گوللاندىيە تۈرك فېدېراتسىيەسىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئۆتكۈزۈلدى.
شۇ يەر ۋاقتى كەچ سائەت 8 دىن 11 گە قەدەر داۋام قىلغان بۇ پائالىيەتكە گوللاندىيەدىكى نوغاي تۈركلىرى، ئىراق تۈركمەنلىرى، ئەزەربەيجان تۈركلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستانلىقلار بولۇپ يۈزلەرچە كىشى ئىشتىراك قىلدى.
پائالىيەتتە ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىلى ئىسا ساۋۇت ئەپەندى بىلەن تۈرك فېدېراتسىيەسىنىڭ ۋەكىلى مۇراد گېدىك ئەپەندىلەر مۇھىم سۆز قىلدى.

ئىپتاردىن ئىلگىرىكى نامايىشتا غەزەپلەنگەن نامايىشچىلار جاراڭلىق شوئارلار توۋلىدى ۋە باياناتلار ئوقۇدى. ئاي - يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلار ئارىسىدا تۈرك، تۈركمەن ۋە ئەزەربەيجانلىقلارنىڭ بايراقلىرىمۇ بىرگە لەپىلدىدى. خىتايلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىقلىرى، چەكتىن ئاشقان زۇلۇملىرىغا قارشى مەزمۇنلار يېزىلغان پلاكات ۋە لوزۇنكىلار قەد كۆتۈردى. ئەرلەر، خانىم - قىزلار ۋە كىچىك بالىلارنىڭ ھەممىسى باشتىن ئاخىرى بىر ھاياجان بىلەن ئاۋاز قوشتى.
ئىپتاردىن ئىلگىرى پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى قاتارىدا شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ زۇلۇمدىن قۇتۇلۇپ ئەركىنلىككە ئېرىشەلىشى ئۈچۈن دۇئا - تىلاۋەتلەر قىلدى. ئۇيغۇر پولۇسى بىلەن تۈرك پولۇسى ئىپتارلىق قىلىنىپ، نامايىشچىلار شام نامىزىدىن كېيىن قايتىشتى.
بۇ 2009 - يىلدىن بۇيانقى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئېلىپ بېرىلغان ئەڭ جانلىق ۋە كۆپ ساندا كىشىلەر قاتناشقان بىر پائالىيەت بولۇپ قالدى.