گوللاندىيەدە ئىلتىجاچى ئۇيغۇرلارنى قايتۇرماسلىق چاقىرىقى كۈچەيگەن

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پىدائىي
2015.08.26
vvd-partiyesi-gollandiye-parlament-uyghur-mesilisi.jpg VVD پارتىيەسىنىڭ گوللاندىيە پارلامېنتدىكى ئەزاسى كلاس ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرلار ئىلتىجاسىغا مۇناسىۋەتلىك خەۋىرى
telegraaf.nl


2015 - يىلى 11 - ئاپرېل گوللاندىيە ئىلتىجاچىلار ئورگىنىنىڭ تور بېتىدە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بىلەن گوللاندىيە ئىلتىجاچىلار ئورگىنىنىڭ، گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنى ئىلتىجاچى ئۇيغۇرلارنى ۋەتىنىگە قايتۇرماسلىققا دەۋەت قىلغان بىر چاقىرىقنامىسى ئېلان قىلىنغان ئىدى.

ئۇنىڭدا ئۇيغۇر ئىلتىجاچىلارنىڭ سىياسىي جەھەتتە چەتكە قېقىلىپ خىتايغا قايتۇرۇلۇشى ئىنسان ھەقلىرىگە خىلاپ ئىكەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ كۈلتۈر - مەدەنىيەت، ئۆرپ - ئادەت، دىن ۋە تىل قاتارلىق ساھەلەردە ئۆزلۈكىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن چەتئەللەرگە چىقىپ كېتىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىق تەلەپ قىلىشىنىڭ ئۆزىلا سىياسىي ھەرىكەت ھېسابلىنىپ، خىتايغا قايتۇرۇلغان تەقدىردە يىللاپ تۈرمىگە مەھكۇم قىلىنىدىغانلىقى، بەزىلىرىنىڭ ئىز - دېرەكسىز غايىب بولۇپ كېتىدىغانلىقى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۇيغۇر ئىلتىجاچىلارنىڭ قايتۇرۇلۇشىنى خەلقئارالىق كېلىشىملەرگە خىلاپ، دەپ قارايدىغانلىقىدەك مەزمۇنلار قەيت قىلىنغان.

مەزكۇر چاقىرىق نامىدىن مەلۇم بولۇشىچە، گوللاندىيە ھۆكۈمىتى 2012 - يىلى ئۇيغۇر ئىلتىجاچىلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشنى ئۇدا 5 قېتىم رەت قىلغان. شۇنداق بولۇشىدا، گوللاندىيەدىكى ئىلتىجاچىلار ئورگىنى بىلەن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ۋە شىۋېتسىيەدىن قايتۇرۇلغان ئىككى ئۇيغۇردىن بىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ئارىدىن نەچچە ئاي ئۆتكەندە يەنى 12 - ئاۋغۇست گوللاندىيەدىكى داڭلىق خەۋەر ۋاسىتىلىرىدە، گوللاندىيەدىكى VVD ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە خەلق پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى، گوللاندىيە پارلامېنت ئەزاسى ۋە سېكرېتارى كلاس دەيكھوف ئەپەندىنىڭ گوللاندىيە ئىلتىجاچىلار ئورگىنى بىلەن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، گوللاندىيەدىكى ئىلتىجاچى ئۇيغۇرلارنىڭ قارارنامىلىرىگە ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە بىر يىلغىچە قايتىدىن قاراپ چىقىدىغانلىقى، بۇ مۇددەتتە ئىلتىجا تەلىپى رەت قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ قايتۇرۇلمايدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.

ئىگىلىشىمىزچە، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىغا قارشى چاقىرىقلار 2009 - يىلى «5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» دىن كېيىن بىر قانچە قېتىم تالاش - تارتىش قىلىنغان. خىتايلارنىڭ «سۇنى لېيىتىش» ھىيلە - مىكىر بىلەن قايمۇققان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن ۋەتىنىگە قايتىپ كەتكەنلىكى مەلۇم بولغاندىن كېيىن، گوللاندىيەدە ئىلتىجاچىلار ئىشلىرى بىر قەدەر تەسلىشىپ قالغان ئىدى.

بۇ ھەقتە ئىنكاس بەرگۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ھازىر گوللاندىيەدە ئىلتىجا تەلىپى رەت قىلىنغان ياكى جاۋاب ساقلاۋاتقان ئۇيغۇرلار تەخمىنەن 30 ئەتراپىدا بولۇپ، بۇ قېتىمقى قايتۇرۇلماسلىق قارارىنىڭ نەتىجىسى بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار جەملەنگەن مەلۇماتلارنىڭ ۋەزنىگە باغلىق ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.