گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى خىزمەت تۈرلىرىنى يېڭىلىدى

0:00 / 0:00


گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ ئۆتكەن ئاي ئۆتكۈزۈلگەن ئىچكى سايلىمىدىن كېيىن ۋەزىپە ئالغان مەسئۇللار 4 - دېكابىر گوللاندىيەنىڭ ھارلىم شەھىرىدىكى مەركىزىدە جەم بولۇپ، بۇندىن كېيىنكى خىزمەت تۈرلىرىنى بەلگىلەپ چىققان.

تەشكىلات رەئىسى سادىقجان سەلەي ئەپەندىدىن ئىگىلىشىمىزچە، مەزكۇر تەشكىلات بۇندىن كېيىنكى خىزمەت مۇلازىمىتىنى ئىنتېرنېت ئارقىلىق يەتكۈزۈش ۋە ئايلىق مەشرەپ پائالىيىتىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇپ، ئۆز - ئارا ھەمكارلىشىش، ياردەملىشىش ۋە ئىتتىپاقلىشىشقا مەركەزلەشتۈرىدىكەن.

سادىقجان سەلەي ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي پائالىيەتلەرنى تەشكىللەشتە گوللاندىيەدىكى مەۋجۇت تەشكىلاتلار بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپلا قالماي، ھەممەيلەنگە ئورتاق پۇرسەت بېرىش ئارقىلىق، مەسئۇلىيەتنى ئىجرا قىلىشتىكى ئاكتىپلىقنى جارى قىلدۇرۇشقا يۈزلىنىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر تەشكىلات بۇ يىلنىڭ بېشىدىكى سايلامدىن كېيىن، تەشكىلات قوللىغۇچىلىرى ۋە ئەزالىرىنى ئايلىق ياردەم توپلاشقا سەپەرۋەر قىلغان بولۇپ، ھازىرچە بولۇۋاتقان ئىقتىسادىي كېرىم - چىقىمنى قامداش دەرىجىسىدە ئەمەسكەن.

سادىقجان سەلەي ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە يەنە، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئىقتىسادىي كېرىمى ئايلىق ئۇچۇرۇشۇش، نامايىش ۋە تەشۋىقات قاتارلىق تۈرلەرگە سەرپ قىلىنىدىكەن.

سادىقجان سەلەي ئەپەندى زىيارىتىمىزنىڭ ئاخىرىدا، گوللاندىيەدىكى بارلىق ۋەتەنداشلىرىنىڭ ھەرقاچان، نازارەت ۋە پىكىر - تەكلىپلەردە بولۇپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشتى.