14 - دېكابىر گوللاندىيىنىڭ ئامېستردام شەھىرىدىكى بىر زالدا، ماجارىستاندىكى «ھونلار قۇرۇلتىيى» دىن ۋەكىل بولۇپ كەلگەن ئاندراس ئەپەندىنىڭ ھونلار ۋە ماجارلار تارىخىنى تونۇتۇش پروگراممىسى بىلەن گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان تۈرك تارىخى تەتقىقاتچىسى مەمەت تۇنجەر ئەپەندىنىڭ تەقدىم قىلىشىدا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن شەرقىي تۈركسىتاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى تونۇتۇش پروگراممىسى مەزمۇن قىلىنغان بىر پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى.
پائالىيەتكە گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇر، تۈرك، تاتار، نوگاي قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە خەلق سەنئەتكارلىرىدىن باشقا، زىيارەتچى ئاكتىپلارمۇ قاتناشتى.
پائالىيەتتە ئالدى بىلەن مەزكۇر پائالىيەتنى ئويۇشتۇرغۇچى «تۈرك ئۆيى جەمئىيىتى» رەئىسى ۋەئىس گۈنگۈر ئەپەندى مېھمانلارنى قارشى ئىلىش سۆزى قىلدى. ئاندىن «ھۇنلار قۇرۇلتىي»نىڭ ۋەكىلى ئاندىراس ئەپەندى پائالىيەت ئەھلىگە ئۆزىنىڭ يىللاردىن بېرى ئىزدىنىشىدىن ھۇنلار ۋە ماجارلارنىڭ تارىخىي ۋە بۈگۈنىگە ئائىت خۇلاسىلىگەن نەتىجىلىرى ۋە بۇ يولدا كۆرسەتكەن تېرىشچانلىقلىرىدىن مەلۇمات بەردى.
ئاندىن تۈرك تارىخى تەتقىقاتچىسى، ئىنسان ھەقلىرى تەرغىباتچىسى، يازار مەمەت تۇنجەر ئەپەندى دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، تۈرك قەۋملىرى ئىچىدە ئەڭ چارىسىز، ياردەمسىز بىر ھالەتتە ھاياتلىق مۇجادىلىسى قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالىدىن مىساللار كەلتۈرۈپ، دۇنيا خەلقىنى ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىشكە ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرغان دوكلاتى سۇنۇلدى.
پائالىيەتتە يەنە، تۈرك خەلق سەنئەتكارلىرى مەنىلىك ناخشىلارنى تەقدىم قىلدى. ئۇيغۇرلاردىن گوللاندىيىدىكى تۈرلۈك پائالىيەتلەردە ئالقىشلىنىپ كېلىۋاتقان ئايگۈل ھەسەن خانىممۇ ئانا ۋەتىنى كۈيلەنگەن ناخشىسىنى تەقدىم قىلدى.
پائالىيەت شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 15:00 دىن كەچ سائەت 18:00 گە قەدەر داۋام قىلدى.
پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ھونلار قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى ئاندىراس ئەپەندى ئۆزىنىڭ 7 يىل ئىلگىرى ئۈرۈمچىگە بارغانلىقى، كېلەر يىلى قەشقەر تەرەپلەرگە بېرىش ئۈچۈن تەييارلىنىۋاتقانلىقى؛ ماجارىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن ھونلار قۇرۇلتىيى ھارپىسىدا، خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ تېلېفۇن ئارقلىق، شۇ يەردە تىكلەنگەن بايراقلار قاتارىدا جۇڭگو بايرىقىغىمۇ ئورۇن بېرىش ھەققىدىكى تەلىپىنى رەت قىلغانلىقى ھەققىدە سۆزلەپ بەردى.
يازغۇچى مەمەت تۇنجەر ئەپەندىمۇ ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزۇن يىللىق مۇساپىلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى پەلەستىن خەلقىنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە ئېغىر بولىۋاتىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان تەشكىلاتلار قاتارىدا «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» ۋە «گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى» تەشكىلاتى ۋەكىللىرىمۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشتى. گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىدىن سادىقجان سەلەي ئەپەندى بۇ پائالىيەتتە ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار قانداق خىزمەتلەرنى سۇنغانلىقىدىن مەلۇمات بەردى.
0:00 / 0:00