گوللادىيەدە تۈركىي مىللەتلەر ئارىسىدىكى قېرىنداشلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش تەكىتلەندى

0:00 / 0:00

گوللادىيەدە تۈركىي مىللەتلەر ئارىسىدىكى قېرىنداشلىق ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش تەكىتلەندى. مەزكۇر چاقىرىقىنى «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» دە زىيارەتتە بولغان تۈركىيە ئاق پارتىيە مىللەت ۋەكىللىرى گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ماھېر ئۈنئال ئەپەندى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ، 2013 - يىلى 27 - مارت گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان تۈرك سىستېمىسىدىكى جەمئىيەت باشلىقلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» نى زىيارەت قىلغان ئىدى.

ماھېر ئۈنئال ئەپەندى تۈرك، تاتار، نوغاي، كەركۆك، تۈركمەن، ئىراق، بالقان، گرېتسىيە، ئافغانىستان، تۈركىيە قاتارلىق ئەللەردىن كېلىپ گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ 20 دىن ئارتۇق ۋەكىلىنىڭ ھەمراھلىقىدا «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» دە دوستلۇق زىياپىتىدە بولدى.

«ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» مېھمانلارنىڭ شەرىپىگە زىياپەت بەردى. كىچىك ئوغلىمىز فەرھان ھاجىم قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى قىلدى. جەمئىيەت مەسئۇلى ئوبۇلقاسىم ئەپەندى مېھمانلارنىڭ قەدەم تەشرىپلىرىگە رەھمەتلىرىنى بىلدۈردى ۋە مىللەت ۋەكىلى ماھېر ئۈنئال ئەپەندىگە سوۋغا تەقدىم قىلدى.

ماھېر ئۈنئال ئەپەندىمۇ تۈرك بىرلىكىنىڭ قەدىر - قىممىتىنى تەكىتلەپ، تۈرك سىستېمىسىدىكى قېرىنداشلارنى ئىتتىپاقلىشىشقا چاقىردى.

ئافغانىستان تۈركمەنلىرى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى مەڭلى خانىممۇ سۆز قىلىپ: بۈگۈن بۇ يەردە بىرلىكتە ئولتۇرغاندەك، شەرقىي تۈركىستاندا، ئافغانىستاندا ۋە گېرتسىيەلەردىمۇ ھەمداستىخان بولۇشقا ئاللا نېسىپ قىلغاي!، دېدى. مەڭلى خانىم يىغىن ئەھلىگە سوۋغات بۇيۇملىرى ھەدىيە قىلدى.

كېيىن كۆپچىلىك بىرلىكتە خاتىرە رەسىمگە چۈشتى.

ئاق پارتىيە مىللەت ۋەكىللىرى گۇرۇپپىسى مەسئۇلىنىڭ ۋەكىلى ماھېر ئۈنئال ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: ھەممىمىزنىڭ بىرلىك ئۈچۈن، باراۋەرلىك ئۈچۈن، بىر پىكىردە، بىرلىكتە تېرىشىش ئۈچۈن ۋە ھەممەيلەننىڭ ئۆزلىرىمىزگە تېگىشلىك بولغان ھەقلىرىمىزنى - ھۆرلۈكىمىزنى تولۇق قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، كۆپ كۈچ چىقىرىشقا - ماسلىشىشقا ئېھتىياجىمىز بار. بىز تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بارلىق قانداشلىرىمىزنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ يولدىكى ھەر تۈرلۈك ئېھتىياجلىرىغا ياردەمدە بولۇشقا ھەر ۋاقت تەييارمىز. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەد داۋۇت ئوغلى، بىر تەرەپتىن مۇھاجىر ۋەتەنداشلىرىمىزنىڭ مەسئۇلى باش مىنىستىر ياردەمچىسى بەكرى بۇزدا ئەپەندىلەر بۇ ساھەدە كۈچ چىقارماقتا. قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان چاغلىرىڭىزدا، بىر ئېھتىياجىڭىز چۈشكەندە بىزلەرنى ئىزدەڭ. قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەمدە بولىمىز. ئىنشا ئاللا!، دېدى.

گوللاندىيەدىكى تۈرك مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىشلىرىدا ئاكتىپلىق بىلەن خىزمەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ داڭ چىقارغان ۋەئىيس گۈنگۈر ئەپەندىممۇ تىلەكلىرىنى بىلدۈرۈپ: ئارىمىزدا نۇرغۇن دوستلار بار. مىللەت ۋەكىللىرى ۋە جەمئىيەت باشلىقلىرى بار. ناھايىتى ياخشى كۈتۈۋېلىندۇق. خۇددى بىز ھەممىمىز بىرلىكتە شۇنداق گۈزەل بىر سىمفونىيە ئىچىدە مۇڭلانغاندەك ھاياجانلاندۇقكى، ئىنشا ئاللا يەنە بىر پۇرسەت تاپقىنىمىزدا تەكرار كەلگۈم بار، دېدى.

ماھېر ئۈنئال ئەپەندى ئۇزىغاندىن كېيىن، 20 يېقىن تۈرك قېرىنداش ئۇزۇن سۆھبەتلەردە بولۇشۇپ، بۇندىن كېيىنكى خىزمەتلەردە ھەمكارلىشىشقا ۋەدىلەشتى. ئاخىرىدا «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» نىڭ مەسئۇلى ئوبۇلقاسىم ئەپەندىنى زىيارەت قىلىپ، پائالىيەت ھەققىدە توختالدى.