گوللاندىيەنىڭ روتتېردام شەھىرىدىكى ئۈرۈمچى رېستورانى يېقىندىن بۇيان ئۆزىنىڭ مەززىلىك ئۇيغۇر تائاملىرى ۋە ئۇنىڭغا يانداشقان بىر قىسىم پائالىيەتلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنى ياۋروپاغا تونۇتماقتا.
2-نويابىر كۈنى گوللاندىيەنىڭ روتتېردام شەھىرىدىكى ئۈرۈمچى رېستورانى روتتېردام شەھەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ خادىملىرىدىن 250 كىشىنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇيغۇر پولوسى، كاۋاپ قاتارلىق ئەنئەنىۋى تائاملار تەييارلانغان چوڭ زىياپەت ئۇيۇشتۇردى. مەزكۇر زىياپەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ تائام مەدەنىيىتى كۆرگەزمە قىلىنىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى ۋە ھازىرقى ۋەزىيىتىنىمۇ ئاڭلىتىلدى.
ئۈرۈمچى رېستورانىنىڭ خوجايىنى زەينىدىن تۇرسۇن ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەرگەندە، ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى پائالىيەتتىن بەكمۇ مەمنۇن بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
نەق مەيداندىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان زەينىدىن ئەپەندىنىڭ ئىنىسى قەھرىمان تۇرسۇن ئەپەندى، بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ناھايىتى تەسىرلىك، ھاياجانلىق بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۈرۈمچى رېستورانىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ قېتىمقى پائالىيەت تۈرلۈك مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى تونۇتۇشقا تۆھپە قوشقان لىندا ئىسىملىك بىر گوللاندىيەلىك خانىمنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى بولۇپ، لىندا خانىم، بۇ پائالىيەتتە ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇتۇشنى بىرلەشتۈرۈش تەكلىپىدە بولۇپ، ئۈرۈمچى رېستورانىغا ئىلتىماس قىلغان ئىكەن.
مۇراسىمدا لىندا خانىم گوللاندىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇكاپاتلانغان. مەزكۇر مۇراسىمدا ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ھەمدە ئۈرۈمچى رېستورانى تونۇشتۇرۇلۇپ ئۆتۈلگەن ھەمدە 250 نەپەر گوللاندىيەلىك مېھمان ئۇيغۇر تائاملىرىغا ئېغىز تەگكەن.
ئۈرۈمچى رېستورانى گوللاندىيەنىڭ روتتېردام شەھىرىدە ياشاۋاتقان زەينىدىن تۇرسۇن ئەپەندى تەرىپىدىن 2015-يىلى ئېچىلغان. زەينىدىن ئەپەندى بىر تەرەپتىن رېستوران تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانسا، يەنە بىر تەرەپتىن مىللىي مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى تونۇتۇشنى مەقسەت قىلغان بىر قاتار مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان.
زەينىدىن تۇرسۇن ئەپەندى 2-نويابىر ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتتىن مەمنۇن بولۇش بىلەن بىرگە، تىجارەت قىلىش بىلەن مىللىي مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشنىڭ بىر-بىرى بىلەن توقۇنۇشمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ سۆزىدە، ھەر يەردە، ھەرخىل كەسىپلەردە ياشاۋاتقان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆز مىللىتى ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە خىزمەت قىلىشقا چاقىردى.
ئۈرۈمچى رېستورانى ئۆتكەن ھەپتە، يەنى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بىلەن بىرلىشىپ، مەزكۇر رېستوراندا «ئۇيغۇر كۈنى» پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغان ئىدى.