Google شىركىتى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىغا دۇچ كەلدى
2018.12.11
ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ شىركەتلەردىن بولغان Google شىركىتى 2006-يىلى قۇرۇلغاندىن تارتىپ تور دۇنياسىدىكى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن ئىزدەش تورى بولۇپ كەلمەكتە. شۇ سەۋەبتىنمۇ دۇنيادا بۇنى بىلمەيدىغان كىشىلەر بەكمۇ ئاز. مانا مۇشۇ يوسۇندا ئىزچىل تور دۇنياسىدا ئۈستۈن ئورۇننى ئىگىلەپ كەلگەن Google شىركىتى 2010-يىلىدىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە خىتايدا مەنئى قىلىنغان ھەمدە پۈتۈنلەي توسۇۋېتىلگەن.
يېقىندا Google شىركىتىنىڭ قايتىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەتكە ئولتۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تور تەلىپىگە ماسلاشقان يېڭى ئىزدەش سىستېمىسىنى ياساۋاتقانلىقى، بۇ يېڭى سىستېمىغا مەخسۇس سۈزگۈچ ئورنىتىلىدىغانلىقى، بۇ ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىگە ياقمايدىغان بارلىق مەزمۇنلارنى سۈزۈش ئارقىلىق تور دۇنياسىدىكى ھۆكۈمەتكە بولغان قارشىلىقنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولۇۋاتقانلىقى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كۆپلەپ مۇنازىرىگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم.
ئەنە شۇ مۇنازىرىلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە Google شىركىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن مەخسۇس تور سۈزگۈچى ئورنىتىلغان ئىزدەش سىستېمىسى ياساپ بەرمەكچى بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى بۈگۈن، يەنى 11-دېكابىر كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئېچىلدى.
مەلۇم بولۇشىچە، Google شىركىتىنىڭ «ئۇچار ئەجدىھا» دەپ نام قويۇلغان مەزكۇر ئىزدەش سىستېمىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تەرەپلىرى بىلەن كۆپ تەرەپلىمە مۇھاكىمە ئۆتكۈزۈش ئاساسىدا ئىشلەنگەن ئىكەن. ناۋادا بۇ بازارغا سېلىنسا پۈتۈن دۇنياغا دىكتاتورىلىق ۋە ھاكىممۇتلەقلىقنىڭ ئەڭ تىپىك ئۈلگىسى بولۇپ تونۇلۇۋاتقان خىتايغا تېخىمۇ زور باستۇرۇشنىڭ يولىنى ئېچىپ بەرگەنلىككە باراۋەر بولىدىكەن. يېقىندىن بۇيان مۇشۇ ھەقتە بارغانسېرى كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىققان مۇنازىرىلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتىسى بولغان بۇ ھال بۇ قېتىمقى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئېچىلىش بىلەنلا گۇۋاھلىق بەرگۈچى شەخس، Google شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ساندار پىچاينىڭ ئالدىغا تاشلاندى.
بۈگۈنكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىنىڭ گۇۋاھچىسى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ئەدلىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى كومىكېۋىن ماككارسىي سۆز ئېلىپ Google شىركىتىنىڭ چەتئەل مەملىكەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ھەرقاچان ئامېرىكىنىڭ قىممەت قارىشى، پىكىر ئەركىنلىكى ۋە ئىنسان ھەقلىرى بويىچە ئىش كۆرۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئەمدىلىكتە بولسا بۇ شىركەتنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى ئۈچۈن سۈزگۈچ ئورنىتىلغان ئىزدەش سىستېمىسى ياساۋاتقانلىقىنى، بۇ جەھەتتە ئۇلارنىڭ خىتايدىكى ئەڭ چوڭ تور سىستېمىسى بولغان تېڭشۈن گۇرۇھى بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىنى، ئەمدىلىكتە بولسا Google شىركىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان سىستېمىلىق نازارەت، باستۇرۇش ۋە تەقىب قىلىشلارغا ھەمدەمدە بولماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى، ئەمما مۇشۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە خىتايدىكى ھاكىممۇتلەق دۆلەت ئاپپاراتىنىڭ سانى ئاللىقاچان بىر مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنى ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى لاگېرلارغا قامىۋالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ساندار پىچايدىن بۇنىڭغا جاۋاب سورىدى.
شۇنىڭدىن كېيىن Google شىركىتىنىڭ دۇنياۋى شىركەتكە ئايلىنىشىغا ئەگىشىپ، تور دۇنياسىدىكى ئىزدەش پائالىيىتىنىڭ ئاساسلىق ۋاسىتىسىگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى، ئەمما بۇ جەرياندا خۇسۇسىي ئۇچۇرلارنى ئۆزىدە ساقلىۋېلىش، سىياسىي جەھەتتە بىر تەرەپلىمە ئۇچۇرلارنى توپلاپ كۆرسىتىش، Google شىركىتى ياساپ چىققان Android تېلېفونلىرىنىڭ تېلېفون ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ غايەت زور ساندىكى خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىنى Google ئۈچۈن ساقلىۋېلىش، Google شىركىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى Youtube قانىلىنىڭ جەمئىيەتتە ئىجتىمائىي ئۆچمەنلىك تەرغىب قىلىنغۇچى مەزمۇنلارغا ئورۇن بېرىشى قاتارلىق مەزمۇنلار ھەققىدە دۆلەت مەجلىسىنىڭ يىگىرمە نەچچە ئەزاسى ساندار پىچاينى سوئالغا كۆمۈۋەتتى.
ساندارمۇ بۇ سوئاللارغا ئۆز يولىدا جاۋاب بېرىپ بىر قىسىم ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلدى، بىر قىسىم ئەھۋاللارنىڭ بولسا ھازىر جىددىي تۈزىلىتىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما ئاخىرىدا ئۆزلىرىنىڭ «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ياساپ بېرىۋاتىدۇ» دەپ قارىلىۋاتقان «ئۇچار ئەجدىھا» ناملىق سۈزگۈچلۈك ئىزدەش سىستېمىسىنى ياساش خىزمىتىنىڭ ئىچكى قىسىمدىكى تەجرىبە سۈپىتىدە داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما Google شىركىتىنىڭ ھازىرچە تېخى بۇنداق بىر ئىزدەش سىستېمىسىنى خىتايدا بازارغا سېلىش پىلانىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى.
بۇ قېتىمقى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئېچىلىش ئالدىدىلا بىر قىسىم ئۇيغۇرلار يىغىن زالى ئالدىدا Google شىركىتىنىڭ «ئۇچار ئەجدىھا» ناملىق سۈزگۈچلۈك ئىزدەش سىستېمىسىغا قارشى مەزمۇندىكى پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ پەيدا بولغان ئىدى. ئامېرىكىدىكى ئاكتىپ ئۇيغۇر پائالىيەتچى روشەن ئابباس يىغىن زالى سىرتىدا ۋە ئىچىدە كۆتۈرگەن نارازىلىق مەزمۇنىدىكى تاختاي ساندار پىچاي گۇۋاھلىق زالىغا كىرىۋاتقاندا ئۇنىڭغا يۈزلەندى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە كۆپلىگەن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققىتىگە سازاۋەر بولدى.
بىز يىغىندىن كېيىن روشەن ئابباسنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈن بۈگۈنكى يىغىنغا بۇنداق بىر تاختاينى كۆتۈرۈپ كەلگەنلىكىنى سورىدۇق. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ Google شىركىتىگە ئوخشاش پۈتۈن دۇنيادا ئالقىشقا ئېرىشكەن بىر شىركەتنىڭ قانخورلۇق قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىدەك بىر رەزىل ھاكىمىيەت بىلەن ھەمكارلاشماقچى بولۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ قېتىمقى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى دۇنيا ئاخباراتىدىكى ئەڭ زور ۋەقەلەر قاتارىدا مۇئامىلە قىلىنغان بولۇپ، يىغىن باشلانماي تۇرۇپلا دۇنيادىكى ئاساسلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ يۈزدىن ئارتۇق مۇخبىرى زالنىڭ ئىچى-تېشىنى سانجاق-سانجاق ئادەم دېڭىزىغا ئايلاندۇرۇۋەتكەن ئىدى. يىغىنغا قاتناشقىلى كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن بۇ توغرىلىق سۆز بولغاندا مەزكۇر ۋەقەنىڭ دۇنيا ئۈچۈن بۇنچە زور دىققەت قوزغىشىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئىجرا قىلىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى قىلمىشلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
مەلۇم بولۇشىچە، Google شىركىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى داۋاملىق دۇنيا ئاخباراتىنىڭ دىققىتىدە بولۇۋاتقان بولۇپ، بۇ ھەقتە قانداق ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا مىليونلىغان كۆزلەرنىڭ تىكىلىپ تۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم.