گۇەنتانامودىن كەلگەن ئىككى ئۇيغۇرنى تۈركىيە قوبۇل قىلدى

0:00 / 0:00

ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدىكى گۇەنتانامو تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن 13 ئاي ئەلسالۋادوردا تۇرغان 2 ئۇيغۇر ۋەتەنسىزلىك گۇۋاھنامىسى بىلەن ئۆتكەن ھەپتە ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايروپىلان ئىستانسىسىغا كەلگەن.

بىر قانچە كۈن ئايروپىلان ئىستانسىسىدىكى ساقچى ئىدارىسىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن، تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ رەت قىلىشىغا قارىماستىن پاناھلىق تەلىپى قوبۇل قىلىنىپ ئىستانبۇلغا قەدەم قويغان.

تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ گېزىتلىرىدىن بىرى بولغان «مىللەت» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «ئۇيغۇرلار ئىستانبۇلغا قەدەم بېسىشىغا كرىزىس پەيدا بولدى» ماۋزۇلۇق خەۋەردە، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى بىلەن ئىستانبۇل ۋالىي مەھكىمىسى ئوتتۇرىسىدا كرىزىس پەيدا قىلغان بۇ ھادىسىنىڭ جەريانى مۇنداق بايان قىلىنغان:
«11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئافغانىستاندىن تۇتۇپ گۇەنتاناموغا ئېلىپ كېتىلگەن ئۇيغۇرلاردىن ئىككىسى 13 ئاي بۇرۇن تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن ئىدى. ئىسمى مەخپىي تۇتۇلغان ئىككى ئۇيغۇر تۈرك پاسپورت ئورنىدا ئۆزلىرىگە بېرىلگەن ۋەتەنسىزلىك گۇۋاھنامىسى بىلەن ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدىن ئەلسەلۋادورغا كەتكەن ئىدى.

گۇەنتانامودىن قويۇپ بېرىلىپ 13 ئاي ئەلسالۋادوردا تۇرغان 2 ئۇيغۇر تۈركى ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ئۆزلىرىگە بەرگەن ۋەتەنسىزلىك گۇۋاھنامىسى بىلەن ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودرومىغا كەلگەن. ئايرودرومدا تۈركىيە خەۋپسىزلىك خادىملىرى تەرىپىدىن نازارەتخانىدا سوراققا تارتىلغاندا، بېشىدىن ئۆتكەنلەرنى تۈرك ساقچىلىرىغا ئاڭلىتىپ تۈركىيەدە قېلىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

خەۋپسىزلىك خادىملىرى بۇ ئەھۋالنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسىگە بىلدۈرگەن. مەزكۇر ئىككى ئىدارە بۇ ئىككى ئۇيغۇرنى تۈركىيە قوبۇل قىلسا تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىگە تەسىر يېتىدىغانلىقىنى، شۇڭا بۇ ئىككى ئۇيغۇرنىڭ كەلگەن دۆلىتىگە قايتۇرۇلۇشى ھەققىدە رەسمىي خەت ئەۋەتكەن. بۇ ئىككى ئۇيغۇر پاناھلىق تىلەش رەسمىيەتلىرىنى ئۆتەپ تۈركىيەگە كىرىشتە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان. بۇ رەسمىيەت خەلقئارالىق پاناھلىق تىلەش قانۇنىغا ئاساسەن بېجىرىلگەن.»

تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ گېزىتلىرىدىن بىرى بولغان «مىللەت» گېزىتىنىڭ باش بېتىدە ئېلان قىلىنغان، ژۇرنالىست تولگا شاردان ئەپەندى يازغان «گۇەنتانامودىن كەلگەن ئۇيغۇر كرىزىسى» ماۋزۇلۇق باش ماقالىنىڭ «تۈركىيە خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى» ماۋزۇلۇق قىسمىدا مۇنداق يېزىلغان:
«تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىدە مۇھىم ئورۇن ئىگىلەيدۇ. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يېقىندىن كۆزىتىلمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى تېررورىست دەپ ئەيىبلىمەكتە. ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى رابىيە قادىر خانىمنىمۇ تېررورىست دەپ ئەيىبلەۋاتقان خىتاي، تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىدىمۇ داۋاملىق ھالدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلمەكتە».

گۇەنتانامودىن قويۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلار بۇرۇنمۇ كۆپ قېتىم ھەر خىل يوللار بىلەن تۈركىيەگە كېلىش ئۈچۈن ئىلتىماس قىلغان بولسىمۇ، تۈركىيە ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە تەسىر يېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ قوبۇل قىلمىغان ئىدى. بۇ قېتىم قوبۇل قىلىشىدىكى سەۋەب نېمە؟ بۇنىڭ تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىگە قانداق تەسىرى بولار؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەرگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.