مەلۇم بولۇشىچە، يېقىدا بېيجىڭدا زىيارەتتە بولغان كانادا باش مىنىستىرى ستېفېن ھارپېر خىتاي تەرەپ بىلەن بىلەن تاموژنا ئىستىخباراتى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىگە ئىمزا قويغان. ئۇنىڭ كانادا خەلقىنىڭ پىكرىنى ئالماي تۇرۇپ، بۇنداق بىر نازۇك كېلىشىمگە ئىمزا قويغانلىقى كانادا خەلقىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.
بەزى مۇتەخەسسىسلەر مەزكۇر كېلىشىمنىڭ كانادا پالاتاسىدا مۇنازىرىگە قويۇلۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ستېفېن ھارپېر 11 - ئاينىڭ بېشىدا بېيجىڭدا زىيارەتتە بولغان ۋە خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى.
كانادا تاموژنا مۇلازىمەت ئىدارىسىنىڭ «يەرشارى خەۋەرلىرى» تېلېۋىزىيەسىگە مەلۇم قىلىشىچە، كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بۇ كېلىشىمگە 11 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ئىمزا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە كانادانىڭ سودىدىكى 2 - چوڭ شېرىكى بولغان خىتاي بىلەن ئىمزالىغان «تاموژنا ئىستىخباراتى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى»نىڭ كانادا چېگراسىدىن كىرىدىغان ماللارنى تەكشۈرۈش ۋە بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئەمما، كانادالىق مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئۆكتىچى پارتىيىلەر مەزكۇر كېلىشىمگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرمەكتە.
كانادا خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور چارلېز بۇرتون ھارپېر ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىغا قېتىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: مەن ھۆكۈمىتىمىزنىڭ چېگرا قانۇنىمىزنى كۆزگە ئىلمايدىغان مۇشۇنداق بىر ھۆكۈمەت بىلەن تاموژنا ئىستىخباراتى ئالماشتۇرماقچى بولغانلىقىنى چۈشىنەلمىدىم ۋە قوبۇل قىلالمىدىم.
كانادا ھۆكۈمىتى ياۋروپا بىرلىكى، ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە ئىسرائىلىيە بىلەنمۇ ئوخشاش كېلىشىمگە ئىمزا قويغان.
ھالبۇكى، دوكتور بۇرتون خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بۇ خىل كېلىشىمگە ئىمزا قويۇشنىڭ پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغانلىقىنى ۋە بەلكى خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشىمايدىغان يېرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋە خىتاي ئارمىيەسى كاناداغا قانۇنسىز ھەربىي تېخنىكىلارنى ۋە قانۇنسىز ماللارنى كىرگۈزۈشكە بىۋاسىتە يېتەكچىلىك قىلىپ ئارىلىشىدىغانلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز. خىتاينىڭ تاموژنا مۇلازىمىتى، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ بىر قىسمى. بۇنداق بولغاندا خىتاي چەكلىگەن تېخنىكا ۋە ماللارنى كاناداغا ئاسانلا كىرگۈزۈۋېتىدۇ. ھەتتا كانادا تاموژنا مۇلازىمىتى تەرىپىدىن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلارنى خىتاي كانادانىڭ زىيىنىغا قوللىنىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي ھۆكۈمىتى چېگرادىن كاناداغا كىرگۈزۈلگەن تېخنىكا ۋە ماللار ھەققىدە يالغان ئۇچۇرلارنى تەمىنلەيدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ تەبىئىتى.
كانادا ھۆكۈمىتى ئىمزا قويغان بۇ كېلىشىمنىڭ قايسى تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى، بۇنىڭ ئىچىدە خىتايدىن كانادا چېگراسىغا پاناھلىق تىلەپ كەلگۈچىلەر ھەققىدىكى ئىستىخباراتنىڭ بار يوقلۇقى ياكى كانادانىڭ قانچىلىك كونتروللۇقنى قولىدا تۇتالايدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس بولۇپ، دوكتور بۇرتون بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىشنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: ئەسلىدە بۇنداق كېلىشىملەرگە ئىمزا قويۇلۇشىتىن بۇرۇن بايانات ئېلان قىلىنىشى، ئىمزا قويۇلىدىغان كېلىشىمنىڭ تۇرلىرى ئېلان قىلىنىشى كېرەك ئىدى. ھارپېر ھۆكۈمىتى بۇنداق بايانات ئېلان قىلمىدى. كانادا بىخەتەرلىك ئىدارىسى ۋە كانادا خان جەمەتى ئاتلىق ساقچىلىرى ئىدارىسىنىڭ بۇنىڭدىن خەۋىرى بارلىقى سۆزلەندى، ئەمما ئۇلارنىڭ قانداق جاۋاب بەرگەنلىكى ئېنىق ئەمەس. مېنىڭچە كانادا بىخەتەرلىك ئىدارىسى بۇنىڭغا قارشى چىقىشى كېرەك. چۈنكى بۇ ئۇلارنىڭ خىتايدىن كېلىدىغان ئىشپىيونلۇق ھەرىكەتلىرىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىغا قولايسىزلىق يارىتىدۇ.
ئۇ يەنە، كۈچىيىۋاتقان تەنقىدىي پىكىرلەرنىڭ خىتاي بىلەن ئىمزالانغان تاموژنا ئىستىخباراتى كېلىشىمىنى بىكار قىلىشتا قانچىلىك تەسىرى بولۇشى مۇمكىنچىلىكى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ كېلىشىم چوقۇم كانادا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى كېرەك، گەرچە ئىمزا قويۇلۇپ بولغان كېلىشىمنى بىكار قىلىۋەتكىلى بولمىسىمۇ، ئەمما بىز بۇنى يۈرگۈزۈشتە كانادا مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان بەلگىلىمىلەرنى كىرگۈزۈشىمىز كېرەك.
مەلۇماتلارغا قارىگاندا، خىتايدا ياسالغان ساختا ماللارنىڭ كاناداغا كۆپلەپ كىرگۈزۈلىۋاتقانلىقى توسۇلۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، كانادانىڭ خىتاي بىلەن تاموژنا ئۇچۇرلىرىنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى تۈزۈشى كانادالىقلارنى ئەندىشىگە سالغان.
خىتاينىڭ كانادانىڭ سودا ۋە ھەربىي مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلىغانلىقى ھەققىدە نۇرغۇن مىساللار بولۇپ، ئوتكەن يىلى خىتايدا تۇغۇلغان كانادالىق چىڭ چۋەنخۇاڭ كانادانىڭ چارلىغۇچى كېمىسى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوغرىلاپ خىتايغا قاچماقچى بولغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، خىتاي سودىگەر سۇ بىن، كانادانىڭ F - 35 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانى ھەققىدىكى ئۇچۇرنى ئوغرىلاپ خىتاي ئىگىدارچىلىقىدىكى شىركەتكە ساتماقچى بولغان ئىدى.
0:00 / 0:00