ئاپتور پەرىي ئارېيسمىس «خارۋارد سىياسىي كۆزىتىش» ژۇرنىلىدىكى ماقالىسىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ پەرقلىق مىللىي كىملىكى خىتاي ھۆكۈمىتىگە داۋاملىق مەسىلە پەيدا قىلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ئەھۋال ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز - ئارا دىئالوگىنى قىيىنلاشتۇرغانلىقىنى، شۇڭا خىتاينىڭ مەزكۇر «يېڭى چېگرا» رايونىدا زورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ يەنە داۋام قىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
پەرىي ئارېيسىمىس «يىراق شەرقنىڭ بىپايان غەربىي: شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار» سەرلەۋھەلىك ماقالىسىدە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ يېقىندا يولغا قويغان «ئەسەبىيلىكنى چەكلەش نىزامى» نىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدە دىنىي باستۇرۇش ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى ئاجىزلىتىش ۋاستىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلىپ بارغان بۇ خىل ھەرىكەتلەر رايوندا دائىم ناھايىتى يامان ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىپ كەلگەن.
ماقالىدە يەنە، خىتاي ئاساسىي قانۇنى بارلىق پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغدىسىمۇ، بىراق ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر رايونى ۋە تىبەتكە ئوخشاش رايونلاردىكى كۈنتەرتىپى پەرقلىق ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر رايونىنىڭ «ئەسەبىيلىكنى چەكلەش نىزامى» بۇنىڭ تىپىك مىسالى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
ماقالىدە مۇنداق دەيدۇ: « ئۇيغۇرلار خىتاي دۆلىتىنىڭ مۇقىملىقىغا تەھدىت، دېگەن قاراش داۋاملاشقانسېرى، دائىرىلەردىكى )ئۇيغۇر( مەدەنىيەت كىملىكىنى ھۆكۈمەتكە تەھدىت، دەيدىغان قاراش داۋاملىشىدۇ.»
ئامېرىكا مارىلاند ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي مەسىلىلىرى پروفېسسورى ما خەييۈننىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى رادىكال سىياسىتى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز - ئارا دىئالوگ قۇرۇشىنى بارغانسېرى قىيىنلاشتۇرۇۋاتقانلىقى بىر رېئاللىق. ئۇ، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دۆلەت خەۋپسىزلىك، ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە باغلىۋېلىپ، مەسىلىنى مۇرەككەپلەشتۈرىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ماخەييۈن مۇنداق دەيدۇ: « شىنجاڭدىكى ئەمەلدارلار شىنجاڭ مەسىلىسىنى دۆلەت بىخەتەرلىك ۋە ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە باغلىۋالدى. بۇنداق ئەھۋالدا بېيجىڭدىكى ئەمەلدارلار كىم بولسا بولسۇن، ئۇلارنىڭ بۇ سىياسەتنى ئۆزگەرتىشى بەك مۈشكۈل. چۈنكى، بۇ مەسىلىنى غەرەزلىك، غەرەزسىز دۆلەت بىخەتەرلىك مەسىلىسى، ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە باغلىۋالسا، ئۇنىڭغا تېگىشكە ھېچكىم جۈرئەت قىلالمايدۇ. ئىككىنچى بىر ئامىل، ھازىر شىنجاڭدىكى يەرلىك ئەمەلدارلار تۆھپە يارىتىپ، خىزمەت كۆرسىتىشنىڭ پېيىغا چۈشۈپ كەتتى. بۇ ئەھۋالدا ئۇلار ئامال بار مەسىلىنى چوڭايتىدۇ، ھەل قىلىشنى ئويلىمايدۇ. شۇڭا، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە شىنجاڭ ۋەزىيىتىگە ئۈمىدۋار قارىمايمەن.»
ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق يىپەك يولى مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى، ۋەزىيەت ئانالىزچىسى دوكتور قاھار باراتنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىۋاتقان ئەڭ خەتەرلىك كۈچ، سابىق خىتاي رەئىسى جياڭ زېمىن دەۋرىدە ۋەزىپىگە ئولتۇرغان شوۋىنىست ھەربىي ۋە ساقچىلار.
قاھار بارات مۇنداق دەيدۇ: « شىنجاڭ مەسىلىسىدىكى ئەڭ ئېغىر زىددىيەت ۋە ئەڭ ئېغىر خەۋپ نېمە دېسە، قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقى يوق ئۇيغۇرلار ئەمەس، جياڭ زېمىن دەۋرىدە، ۋاڭ لېچۈەن دەۋرىدە يېتىشىپ چىققان خىتاي ھەربىيلەر، ساقچى، قوراللىق ساقچى مانا مۇشۇلار. بۇلارنى يېتىشتۈرگىلى ئۇزۇن بولدى. مۇشۇ كۈچ بىردىن-بىر بىئاراملىق پەيدا قىلىۋاتقان كۈچ. لېكىن بۇ يەردىكى بېيجىڭنىڭ سىياسىتى ئۇلارنى قوللاش، ئۇلارغا مەدەت بېرىش ۋە داۋاملىق ئۇلارنى تېخىمۇ غالجىرلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنى ئۇجۇقتۇرۇش. ئەھۋال شۇنچىلىك يامان يەرگە يەتتى. »
دوكتور قاھار بارات يەنە، ئۇيغۇر رايونىدىكى بۇ ئەھۋال، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەسىلىنى لوگىكىلىق مۇلاھىزە قىلىپ، ئۇنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي سەۋەبلىرىنى ئانالىز قىلىش ۋە بىر ھەل قىلىش چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
قاھار بارات: « چوڭ خەنزۇچىلىق ، شوۋېنىزم ۋە مىللىي غالجىرلىق ئەۋج ئېلىپ بۇ دەرىجىگە يەتكەندە، بۇ خىل سەۋەبلەرگە، بولىدىغان لوگىكىلىق ئانالىزلارغا قارايدىغان ئادەم قالمايدۇ. جاھان غالجىرلارنىڭ، ناتسىستلارنىڭ قولىغا ئۆتىدۇ. بۇنداق چاغدا ئۆزلىرىگە بۇنىڭ پايدىسى نەدە، زىيىنى نەدە، ئۇلارغا قارىغۇدەك چولىسى قالمايدۇ. دېمەك، بۇ ئۇلارنىڭ كۆزىنىڭ پۈتۈنلەي قاراڭغۇلاشقانلىقىنى، ئەمەلىيەتنى، ۋەزىيەتنى چۈشىنەلمەيدىغان يەرگە يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
ئامېرىكا مارىلاند ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پروفېسسور ما خەييۈننىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنىڭ تەسىرى ئۇيغۇرلار بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ. ئۇ، بۇنىڭ ئۇزۇن مەزگىلدە ئوخشاشلا خىتايغا ئېغىر زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: « ئۇيغۇر مەدەنىيىتى نۇقتىسىدىن ئالغاندا، بۇ پۈتۈن مىللەتكە تەسىر قىلدى. بىراق خىتايغا نىسبەتەن ئالغاندا، ئۇنىڭ بۇ سىياسىتى خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق ۋە جەنۇبىي ئاسىيادىكى تەسىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. مېنىڭچە، بېيجىڭ يەرلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىنىڭ قانچىلىك زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تېخى ھېس قىلىپ يەتمىدى. بۇنىڭ قانچىلىك زىيان سالغانلىقى كەلگۈسى 10-20 يىل ئىچىدە كۆرۈلىدۇ. چۈنكى، ئۇلار ھەرىكىتى بەك رادىكال يولغا كىرىپ كەتتى. خىتاي بىر دۆلەت سۈپىتىدە ئۆزىنىڭ شىنجاڭدىكى سىياسىتىنىڭ قانداق زىيانلارغا مال بولغانلىقىنى كۆرۈپ يەتكىنى يوق. بۇ سىياسەت يالغۇز ئۇيغۇرلارغا ئازار بېرىپ قالمىدى. ئۇ خىتاي، ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسىگە ئازار بەردى. كەلگۈسى 10-20 يىل ئىچىدە ئۇنىڭ بۇ رادىكال سىياسىتىنىڭ قانداق زىيانلارنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى كۆرىمىز.»
پەرىي ئارېيسمىس ماقالىسىدە يەنە، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئارىسىدىكى ئىختىلاپنىڭ چوڭايتىۋاتقان باشقا مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى باراۋەرسىزلىك، ئىقتىسادى كىرىمدىكى تەڭپۇڭسىزلىق، قوش تىللىق مائارىپى قاتارلىق ئامىللار نارازىلىقنى كۈچەيتىۋاتقان ئامىللاردۇر.
ئۇ ماقالىسىدە، ئىقتىسادى تەڭپۇقسىزلىق بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ يېڭى مائارىپ سىياسىتى گۇمان قوزغىغانلىقى، ئۇنىڭ ئىسلامى كىملىك بىلەن زىچ يۇغۇرۇلغان ئۇيغۇر قىممەت قارىشىنى ۋەيران قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بىراق پەرىي ئارېيسىمىس ماقالىسىدە، خىتاينىڭ تۇڭگان سىياسىتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭ كونكرېت مەقسىتى ئىسلامنى جازلاش ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىدۇ. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ جازالاش نىشانى ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنىڭ ئۆزىدەك قىلىدۇ.