ئامېرىكا، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى ئورتاق ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى

بۈگۈن ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە ئاۋسترالىيىگە ئائىت كۈرەشچى ئايروپىلانلار ئورتاق ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى. مانېۋىر ئەسلىدە مۇشۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا ئامېرىكا تېررىتورىيىسىگە تەۋە گۇئام ئاراللىرىدا باشلانغان.

2013-02-07
Share

مانېۋىرنىڭ بۈگۈنكى قىسمىغا يۇقىرىقى 3 دۆلەتنىڭ كۈرەشچى ئايروپىلان، بومباردىمانچى ۋە ترانسپورت ئايروپىلانلىرى ۋە شۇنداقلا يېقىلغۇ توشۇغۇچى ئايروپىلانلىرى بىرلىكتە ئىشتىراك قىلغان.

بۇ مانېۋىر رايوندا يۈز بەرگۈسى ھەرقانداق بىر ئۇرۇش ئېھتىمالىغا قارشى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئىدى. ئەمما بىرلەشمە ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، خىتاينىڭ زورىيىشى ۋە باشقا تەھدىت ئېھتىماللىرىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ بۇ مانېۋىرنىڭ ئەھمىيىتىنىڭمۇ زورىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ياپونىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتىدا مانېۋىرنىڭ ھەرگىزمۇ خىتايغا ئوخشاش مەلۇم بىر دۆلەتكە قارشى ئېلىپ بېرىلمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئەمما ئۇ يەنە سۆزىدە «لېكىن مەن ياپونىيىنىڭ ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيە بىلەن بولغان شېرىكلىك مۇناسىۋىتى كۈچلۈك بىر سىگنال، دەپ ئويلايمەن» دەپ قوشۇمچە قىلدى.

ئامېرىكا دائىرىلىرى بۇ ھەربىي مانېۋىرغا كېيىن يېڭى زېللاندىيە ۋە فىلىپپىنغا ئوخشاش تېخىمۇ كۆپ شېرىك دۆلەتلەرنى قاتناشتۇرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت