12-ئاپرېل يەكشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ھىللارىي كىلىنتون خانىم ئۆزىنىڭ 2016-يىلىدىكى ئامېرىكا پرېزىدېنتلىق سايلىمىغا نامزات بولغانلىقىنى رەسمىي ئېلان قىلدى.
مەزكۇر خەۋەر خىتاي خەۋەر ئاگېنلىقلىرىدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خىتايدىكى تور بەتلەردە بۇ ھەقتە مۇنازىرە قايناپ كەتكەن. مىڭلارچە كىشى ھىللارىي خانىمنىڭ ئۆزىنى نامزاتلىققا كۆرسىتىشىگە ئىنكاس قايتۇرغان. بىراق، خىتاي تور قوللانغۇچىلىرىنىڭ ئىنكاسلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى سەلبىي بولۇپ، ئۇلار ھىللارىي خانىم پرېزىدېنت بولغان تەقدىردە ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغان. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئالىم سېيتوف ئەپەندى بولسا ھىللارىي خانىمنىڭ خىتاينى ياخشى چۈشىنىدىغان كونا سىياسەتچى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۇ پرېزىدېنت بولغان تەقدىردە ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسەتلىرىدە بەزى ئۆزگىرىشلەر بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.
ھىللارىي كىلىنتون خانىم يەكشەنبە كۈنى ناھايىتى قىسقا بىر بايانات ئارقىلىق ئۆزىنىڭ 2016-يىلىدىكى پرېزىدېنتلىق سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئەسلىدە، بۇ ئامېرىكىلىقلار ئۈچۈن بەك بىر كۈتۈلمىگەن ئەھۋال ئەمەس. چۈنكى ئۇ 2013-يىلى دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ۋەزىپىسىدىن چېكىنىپ چىققاندىلا ئۇنىڭ پرېزىدېنت بولۇش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى تەخمىنلەر ئوتتۇرىغا چىقىپ بولغان، ئەمما ئۇ بۇنى دەلىللىمىگەن ئىدى. ئارىدىن 2 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ھىللارىي خانىم ئامېرىكىنىڭ تۇنجى ئايال پرېزىدېنتى بولۇپ، تارىختىن يېڭى بىر سەھىپە ئېچىش ئۈچۈن پائالىيەتلىرىنى باشلايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ھىللارىي كىلىنتون خانىم كۈچلۈك نامزات دەپ قارىلىۋاتقان بولۇپ، دەسلەپكى قەدەمدە ئېلىپ بېرىلغان راي سىناشلاردا نۇرغۇن ئامېرىكىلىقلار ھىللارىي خانىمنىڭ نامزاتلىقىغا قارىتا ئىجابىي پوزىتسىيىدە بولغانلىقى مەلۇم بولغان.
ھىللارىي خانىم نامزاتلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بۇ خىتايدىكى تور بەتلەردىكى قىزىق تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. تاشقى سىياسەت ژۇرنىلىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، خىتايدىكى داڭلىق مۇنازىرە تور بېتى بولغان ۋېيبو تور بېتىدە بۇ تېمىغا مىڭلارچە كىشى ئىنكاس يېزىپ، ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ ئىنكاسلارنىڭ نۇرغۇنلىرى سەلبىي بولۇپ، بەزىلىرى ھەتتا ھىللارىي خانىمغا ئوچۇق ھاقارەت تۈسىنى ئالغان ئىكەن. كۆپ قوللاشقا ئېرىشكەن ئىنكاسلارنىڭ بىرىدە «ئەگەر ئۇ پرېزىدېنت بولسا ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىدۇ» دەپ يېزىلغان. خىتاي تور قوللانغۇچىلىرى ئاساسەن دېگۈدەك ھىللارىي خانىمنىڭ نامزاتلىقىنى قارشى ئالمىغان بولۇپ، ۋېيبودىكى ئەڭ كۆپ قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەن يەنە بىر ئىنكاستا، ئەگەر ئۇ پرېزىدېنت بولسا ئۇنىڭ خىتاينىڭ رەقىبى ياپونىيە بىلەن يېقىنلىشىپ، جەنۇبىي دېڭىزدا ئىشلارنى قالايمىقان قىلىۋېتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى ھىللارىي خانىمنىڭ كونا بىر سىياسەتچى بولۇش سۈپىتى بىلەن خىتاينى ياخشى چۈشىنىدىغان بىر سىياسەتچى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھىللارىي خانىمنىڭ پرېزىدېنت بولۇشىنى خالىمايدىغانلىقىنىڭ مۇقەررەرلىكىنى بىلدۈردى.
«شاڭخەيلىك» ناملىق تور گېزىتىدە خەۋەر قىلىنىشىچە، ھىللارىي خانىم ھەققىدىكى سەلبىي ئىنكاسلار پەقەت ۋېيبودىلا ئەمەس، باشقا نۇرغۇن مۇنازىرە تور بەتلىرىدىمۇ كەڭ ئورۇن ئالغان. نۇرغۇن تورداشلار ھىللارىينىڭ دۆلەتنى باشقۇرۇش ئىقتىدارىغا سوئال قويغان. بەزىلەر ھەتتا «ئۇ ئۆيىدە ئېرىنى باشقۇرالماي تۇرۇپ، دۆلەتنى قانداق باشقۇرىدىكەن» دېگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ھىللارىي كىلىنتون خانىم دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى مەزگىلىدىلا خىتايدا ئەڭ سۆيۈلمەيدىغان چەتئەل رەھبىرى، دەپ باھالانغان بولۇپ، بۇنداق بولۇشىدا خىتايدىكى دۆلەت ئاخباراتلىرىنىڭ ھىللارىي ھەققىدىكى تەشۋىقاتىنىڭ رولىنى زور دەپ قاراشقا بولىدىكەن. ئالىم سېيىتوف ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىش ئارقىلىق، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇپ كەلگەنلىكىنى، ئۆزىگە پايدىلىق بۇنداق ئىنكاسلارغا كەڭ مەيدان ھازىرلاپ بەرسە، ئۆزىگە قارشى ئىنكاسلارنى چەكلەپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
دەرۋەقە، ھىللارىي خانىم تېخى يېقىندىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 5 نەپەر ئاياللار ھوقۇقى پائالىيەتچىسىنى قولغا ئالغانلىقىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، ئۇلارنى دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭ ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى بولغان مەزگىلدە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى مەسىلىلىرىدىكى پوزىتسىيىسى كەسكىن بولغان ئىدى. ئالىم سېيىتوف ئەپەندى ھىللارىي خانىمنىڭ پەقەت كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىلا ئەمەس، بەلكى تىنچ ئوكيان رايونىدىكى زىددىيەتلەر مەسىلىسىدىمۇ خىتايغا تۇتقان پوزىتسىيىسىنىڭ قاتتىق بولۇپ كەلگەنلىكىنى، شۇڭا ئۇ پرېزىدېنت بولغان تەقدىردە ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىدە بەلگىلىك دەرىجىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ، دەپ قاراشقا بولىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ھەم ئۇيغۇرلارغا پايدىلىق سىياسەتلەر بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.