ھىندىستان-خىتاي چېگراسىدا جىددىيچىلىك يۈز بەرمەكتە

0:00 / 0:00

ھىندىستان-خىتاي ھەر ئىككى تەرەپ ئىگىلىك ھوقۇقىنى تالاش-تارتىش قىلىۋاتقان رايونلاردا جىددىيچىلىك يۈز بەرمەكتە.

خىتاي، ھىندىستان چېگراسىغا يېقىن تىبەت رايونىدا رەسمىي ئوق ئىشلىتىپ ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ باردى. بىراق، 11 سائەت داۋام قىلغان بۇ ھەربىي مانېۋىرنىڭ مەقسىتى توغرىسىدا ئۇچۇر بېرىلمىگەن. خەۋەردە بىلدۈرۈشىچە، بۇ ھەربىي مانېۋىر ھىندىستان-خىتاي چېگراسىغا يېقىن رايوندىكى خىتاي يول ياساش سەۋەبىدىن ھىندىستان ئەسكەرلىرى بىلەن سۈركىلىش پەيدا بولغان رايوندا ئېلىپ بېرىلغان. شۇنىڭ بىلەن ھىندىستان ئۆزلىرى ئۈچۈن خەۋپ ھېس قىلىپ ئون مىڭلىغان ئەسكەرلىرىنى چېگرا رايونغا ئەۋەتكەن.

ب ب س ئوردو بۆلۈمىنىڭ خىتاينىڭ دۆلەت ئاخبارات خەۋىرىدىن نەقىل قىلىپ تارقاتقان خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھىندىستان چېگراسىغا كۆپ مىقداردا قورال-ياراق يۆتكىگەن.

خىتاينىڭ ھەربىي ئاخباراتى Daily PLI نىڭ خەۋىرىدە، خىتاي ئارمىيىسىنىڭ شىمالىي ھەربىي شتابى ئۆتكەن بىر ئاي ئىچىدە كۆپ مىقداردا قورال-ياراق ۋە ھەربىي ئاپتوموبىللارنى تىبەتكە يۆتكىگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. ئىگىلىنىشىچە، خىتاي قورال-ياراقلارنى قورۇقلۇق يولى ئارقىلىق پويىز بىلەن يۆتكىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ھىندىستانمۇ يېقىندىن بۇيان ئاروناچال، پارادېيش، ئاقسايچىن قاتارلىق ھىندىستان ئەمەلىي ئىگىلەپ تۇرغان چېگرا رايونلارغا 10 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر يۆتكىگەن.

ھىندىستان تايمىسنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، ھىندىستان، ئۆتكەن ئاي خىتاي بىلەن بوتان ئىگىلىك ھوقۇقىنى داۋا قىلىۋاتقان رايوندا خىتاينىڭ يېڭىدىن يول ياساش ئىشلىرىنى توسۇش ئۈچۈن ئەسكەر يۆتكىگەنلىكىنى بىلدۈردى. بۇ رايوننىڭ، ھىندىستان بىلەن شەرقىي شىمالىدىكى سىككىم ۋە قوشنا دۆلەت بوتان بىلەن چېگراسى تۇتىشىدىكەن. ئۇ رايوندا خىتاي بىلەن بۇتان ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ مەسىلىدە ھىندىستان بوتاننى قوللاپ كەلمەكتە ئىكەن.

ھىندىستان، خىتاي بۇ يولنى پۈتتۈرگەن تەقدىردە، ئۇنىڭ ھىندىستانغا قارشى ئىستراتېگىيىلىك ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولۇشىدىن ئەندىشە قىلىدىكەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي تەرەپنىڭ ھىندىستان چېگراسىغا يېقىن رايونغا كۆپ مىقداردا قورال-ياراق يۆتكىشى ۋە بۇ رايوندا ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بېرىشى ھىندىستانغا قاتتىق بىر سىگنال بېرىشنى مەقسەت قىلىدىكەن. خىتاي بۇ رايونلاردا ئىگىلىك ھوقۇق داۋا قىلىپ يول ياسىماقتا ئىكەن. بۇ رايوندا ھىندىستاننىڭمۇ كۆپ ساندا ئەسكەرلىرى مەۋجۇت ئىكەن، بىراق خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ يېڭى زامانىۋى قوراللىرى ھىندىستان ئەسكەرلىرىنىڭكىدىن ئىلغار ئىكەن.

ب ب س ئوردو بۆلۈمىنىڭ 20-ئىيۇل كۈنى ئېلان قىلغان «نېمە سەۋەبتىن ھىندىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا چېگرا سۈركىلىشى كېلىپ چىقتى؟» دېگەن ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «ئەگەر ھىندىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا بىر ئايدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان چېگرا تالىشىش مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئەھۋالغا قارايدىغان بولساق، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش چىقىدىغاندەك بىر چۈشەنچىگە كېلىمىز. بۇ جەرياندا ھەر ئىككى دۆلەت بىر-بىرىگە قىلىنغان تەھدىت ۋە قورقۇتۇش بىلەن تولغان قوپال باياناتلار ئېلان قىلىنىۋاتىدۇ. ھىندىستان ئاخباراتلىرى خىتاينى ئەيىبلەپ، ‹خىتاي سۈركىلىشتە قاتتىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈۋاتىدۇ› دېگەندەك ئىپادىلەر قوللانغان. خىتاي بولسا ھىندىستاننى چېگراغا يۆتكىگەن ئەسكەرلىرىنى ئارقىغا چېكىندۈرۈشكە چاقىرماقتا.»

ماقالىدە بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن تۆت ھەپتىدىن بۇيان خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا 3500 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئورتاق چېگرا مەسىلىسىدە سۈركىلىش پەيدا بولدى. 1962-يىلىمۇ بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا چېگرا تالىشىش سەۋەبىدىن ئۇرۇش يۈز بەردى ۋە 55 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، بىر قانچە رايوندا چېگرا تالىشىش ماجىرالىرى داۋام قىلىۋاتىدۇ.

ئۆتكەن ئاي باشلانغان سۈركىلىشتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت چېگرادا ئەسكەرلىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتتى ۋە ئۇدۇلمۇ-ئۇدۇل كېلىپ بىر-بىرىنى چېكىنىشكە چاقىرىق قىلىشتى.

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش قاچان پەيدا بولدى؟

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش، خىتاي تەرەپتىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان چېگرا رايوندىكى يوللارنى كېڭەيتىش ۋە يېڭىدىن ياساش ئىشلىرىغا ھىندىستان قارشى چىققاندىن كېيىن پەيدا بولدى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھىندىستان بۇ يوللار پۈتكەن تەقدىردە، خىتاينىڭ ھىندىستانغا قارشى ئىستراتېگىيىلىك ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولۇشىدىن ئەندىشە قىلىدىكەن.

ب ب س ئوردو بۆلۈمىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، ھىندىستاننىڭ گېنېرالى خىتاينىڭ يول ياسىشىغا قارشى چىقىپ مۇنداق دېگەن: «بىز ئوق چىقارمىدۇق، بىزنىڭ ياشلىرىمىز پەقەت خىتايلارنىڭ ئىلگىرىلىشىنى توسۇپ قېلىش ئۈچۈن ئىنسانلاردىن تەركىب تاپقان بىر توسۇق قۇردى.»

خىتاينىڭ ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لۇ جاۋى، ھىندىستاننىڭ پريس ترست ئوف ھىندىيا دېگەن گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدا، تىنچلىق ئورنىتىش ئۈچۈن ھىندىستاننىڭ شەرتسىز ھالدا ئەسكەرلىرىنى چېگرادىن چېكىندۈرۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە ھىندىستان چېگرا قوغدىغۇچىلىرىنى، يول ياساش ئىشلىرىنى توختىتىشقا ئۇرۇندى دەپ ئەيىبلىگەن.

ھىندىستان بۇ توغرىدا نېمە دەيدۇ؟

ب ب س ئوردو بۆلۈمىگە مەلۇمات بەرگەن ھىندىستان مۇداپىئە مىنىستىرى ئارون جېيتلى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «2017-يىلىدىكى ھىندىستان 1962-يىلىدىكى ھىندىستان ئەمەس ۋە ئۇ ئۆزىنىڭ چېگرالىرىنى پۈتۈنلەي قوغداش ئىقتىدارىغا ئىگە.»

ھىندىستاننىڭ سابىق گېنېرالى گېگىنجيت سېنھگنىڭ قارىشىچە، سىككىم چېگراسى بولسا، ئۇرۇش پەيتىدە ھىندىستان خىتايغا قارشى ھۇجۇم قىلالايدىغان بىردىن-بىر چىقىش يولى ئىكەن ۋە ئۇ رايون ھىمالايا تېغىنىڭ بويىدا ھىندىستان ئارمىيىسىگە نىسبەتەن، خىتايغا قارشى جۇغراپىيە جەھەتتە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدىغان مۇھىم رايون ئىكەن.

ھىندىستاننىڭ سابىق گېنېرالى گېگىنجيت سېنھگ مۇنداق دېگەن: «خىتاي ئۇ رايوننىڭ قانچىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ھەر ۋاقىت بىز ئۈستۈنلۈك ئىگىلەيدىغان رايونلارنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ.

بۇ توغرىدا خىتاي تەرەپ نېمە دەيدۇ؟

خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى لۇ كاڭ تۈنۈگۈنكى ئاخبارات يىغىنىدا، ھىندىستان تەرەپنى دەتالاشتىكى دوكلام رايوندىن چېكىنىشكە يەنە بىر قېتىم چاقىرغان.

لۇ كاڭ سۆزىدە: «بىز كۆپ قېتىم دېدۇق، يەنە تەكىتلەيمىز، ھىندىستان ئارمىيىسى قانۇنسىز ھالقىغان چېگرا تەۋەلىكىدىن چىقىپ كېتىشى ۋە ھىندىستان تەۋەسىگە چېكىنىشى كېرەك» دېگەن.

خىتاي تەرەپ سىككىم رايونىنى ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى دائىرىسى ئىچىدىكى رايون دەپ داۋا قىلىدىكەن ۋە بۇ ھەقتە بەرگەن باياناتىدا، ھىندىستاننى ئاگاھلاندۇرۇپ، 1962-يىلىدىكى ئۇرۇشتا ھىندىستاننىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ھازىرقى خىتاي ئۇ ۋاقىتتىكى خىتايدىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك دېگەندەك ئىپادىلەرنى تىلغا ئالغان.

كەلگۈسىدە قانداق بولىدۇ؟

تىبەتلەرنىڭ رەھبىرى دالاي لامانىڭ ھىندىستاندا ياشىشىمۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپلارنىڭ يەنە بىر ئامىلى ئىكەن.

چېگرا تالاش-تارتىشى مەسىلىسىدە، ھىندىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا 1967-يىلى بىر قېتىم توقۇنۇش بولغان ۋە ھازىرمۇ پات-پات سۈركىلىش يۈكسەلمەكتە ئىكەن. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىرقى سۈركىلىش ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە قارىغاندا ئەڭ ئەۋج ئالغان جىددىي ۋەزىيەتتە ئىكەن.

ھىندىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا تالاش-تارتىش مەسىلىسى ھازىر قانداق ۋەزىيەتتە تۇرۇۋاتىدۇ؟ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش چىقىش ئېھتىمالى بارمۇ؟ بۇ ھەقتە بىز پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ھىندىستان-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا سۈركىلىشلىرىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى توغرىسىدا توختالدى.