ھىندىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدا يۈز بەرگەن 4 قېتىملىق سۈركىلىش

0:00 / 0:00

خىتاي بىلەن ھىندىستان ئارىسىدا 1962-يىلىدىن بۇيان ئاز دېگەندە 4 قېتىم چېگرا سۈركىلىشى يۈز بەرگەن.

خىتاي-ھىندىستان ئارىسىدىكى دوكلام سۈركىلىشى، ئىككى دۆلەتنىڭ كەلگۈسى ماجىرالىرى توغرىسىدىكى ئانالىزلارنى كۆپەيتتى. بۇ يىل 6-ئايدا باشلانغان بۇتاننىڭ سىككىم رايونىدىكى 20 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇققا سوزۇلغان دوكلام كارىدورىدا يۈز بەرگەن خىتاي بىلەن ھىندىستان ئارمىيىسىنىڭ سۈركىلىشى، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى بۈگۈنگىچە جىددىيلەشتۈرۈپ كەلمەكتە. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خەلقئارا مەتبۇئاتلار ھەر تۈرلۈك ئانالىزلارنى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ كەلگۈسى ماجىرالىرى توغرىسىدىكى قىياسلارنى ئوتتۇرىغا چىقارماقتا.

ب ب س نىڭ 7-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان «خىتاي نېمىشقا ھىندىستانغا ھەرگىز سەل قارىمايدۇ؟» ناملىق ئانالىز ماقالىسىدە، خىتاي بىلەن ھىندىستاننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى سېلىشتۇرۇلۇپ، 2020-يىلى بارغاندا، ھىندىستاننىڭ ئامېرىكا ۋە خىتايدىن قالسا 3-ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئىستېمال بازىرىغا ئايلىنىدىغانلىقى، 2030-يىلىغا بارغاندا، ئامېرىكا ۋە خىتايدىن ئېشىپ كېتىپ، دۇنيا بويىچە بىرىنچى يۇقىرى ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئىستېمال بازىرىغا ئايلىنىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. مەزكۇر ماقالىدە بۇنىڭ ئاساسى سۈپىتىدە، ھىندىستاندىكى ئەمگەك كۈچى تەننەرخىنىڭ ئەرزانلىقى، خىتايدا نوپۇسنىڭ قېرىشىغا قارشى ھالدا، ھىندىستاندا 35 ياشتىن تۆۋەنلەرنىڭ ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 65% ئىنى ئىگىلەيدىغانلىقى، 2015-يىلىدىكى ھىندىستان ئىقتىسادى تەرەققىيات سۈرئىتىنىڭ خىتاينىڭكىدىن 0. 6 پىرسەنت ئارتۇق بولغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكا، ياپونىيە، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ھىندىستانغا مەبلەغ سېلىشنى كۆپەيتىۋاتقانلىقى قاتارلىقلار بايان قىلىنىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ئانالىزلاردا يەنە، ئۆتكەن ئاي ئامېرىكا، ياپونىيە، ھىندىستاننىڭ بىرلەشمە مانېۋىر ئېلىپ بېرىپ خىتايغا كۈچ كۆرسەتكەنلىكى، ھىندىستاننىڭ يالغۇز ئەمەسلىكى ۋە ھەربىي تەرەققىياتقا زور دەرىجىدە مەبلەغ ئاجرىتىپ، خىتاي بىلەن ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرۇشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. گەرچە ئانالىزلاردا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا يېقىن كەلگۈسىدە زور كۆلەملىك ئۇرۇش پارتلىمايدىغانلىقى تەخمىن قىلىنسىمۇ، ئاسىيانىڭ خوجايىنلىق ھوقۇقىنى تالىشىش كۈرىشىنىڭ بۇ ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ھامان جىددىيلەشتۈرۈپ تۇرىدىغانلىقى، چېگرا ماجىرالىرىنىڭ بېسىقمايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ھىندىستان كەشمىر ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىغا قوشنا دۆلەت بولۇپ، خىتاي-ھىندىستان سۈركىلىشى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ھەر زامان جىددىي دىققىتىدە تۇرۇپ كەلمەكتە. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بۇ ھەقتىكى مۇنازىرىلەر داۋاملاشماقتا. 2017-يىلى 25-، 27-فېۋرال كۈنلىرى كۈزەي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە چاقىرىلغان تۇنجى نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان ئىستراتېگىيە مۇھاكىمە يىغىنى ۋە 19-، 21-ماي بېرلىندا چاقىرىلغان 2-نۆۋەتلىك يىغىنىدا ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ھىندىستان-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى مەخسۇس مۇزاكىرە قىلىپ، بۇ ھەقتە تەۋسىيە قارارلىرى قوبۇل قىلغان ئىدى. بۇ قاراردا، «ئىككى دۆلەتنىڭ سۈركىلىشىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، ھىندىستان تەرەپنى قوللاش، بالۇچىلارنى قوللاش ۋە ئۇيغۇر مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتى ئۈچۈن ھىندىستاننىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈش» دەيدىغان ماددىلارغىمۇ ئورۇن بېرىلگەن. بۇ ھەقتە ئەنقەرە ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتىنىڭ ئىستراتېگىيە مەسىلىلىرى بويىچە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.

ھىندىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدا ھازىرغا قەدەر 4 قېتىم چېگرا توقۇنۇشى يۈز بەرگەن. ھىندىستان بىلەن خىتاينىڭ چېگرا سىزىقى1890-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن «خىتاي، ئەنگلىيە، تىبەت، ھىندىستان كېلىشىمى يىغىنى» دا بەلگىلەنگەندىن بۇيان، خىتاي بىلەن ھىندىستان ئارىسىدا ئىلگىرى ئاز دېگەندە 3 قېتىم چېگرا سۈركىلىشى يۈز بەرگەن. بىرىنچىسى، 1962-يىلىدىكى ئاقساي رايونىدا بولغان خىتاي-ھىندىستان ئۇرۇشى. ئىككىنچىسى 1967-يىلى تىبەت-ھىندىستان چېگراسىدىكى ناتھۇلا چېگرا توقۇنۇشى. ئۈچىنچىسى 1986-يىلىدىن 1987-يىلىغا قەدەر سوزۇلغان ئارۇناچال پارادەش سۈركىلىشى.

ھەممىدىن ئېغىر توقۇنۇش 1962-يىلىدىكى خىتاي-ھىندىستان ئۇرۇشى بولغان. بۇ زاماندىكى ھىندىستان رەھبىرى نېھرۇ، مەزكۇر ئۇرۇش تۈپەيلى ئۆز خەلقىنىڭ قاتتىق تەنقىد ۋە ھۇجۇمىغا دۇچ كەلگەن. ھىندىستان مىللەتچىلىرى، ئۇرۇشتا ھىندىستاننىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى قوبۇل قىلالماي، نېھرۇدىن تاكى جەنۇبىي تىبەت رايونلىرىغا قەدەر بېسىپ كىرىشنى تەلەپ قىلىشقان. 22 كۈن داۋاملاشقان بۇ ئۇرۇشتىن كېيىن، خىتاي ئارمىيىسى ئىگىلەپ بولغان ئاقساي رايونىنى تاشلاپ، 20 كىلومېتىر ئارقىغا چېكىنىپ كەتكەن. ئۇرۇشتا ھىندىستاننىڭ 3000 دىن ئارتۇق ئادىمى ئۆلگەن ۋە غايىب بولغان. 3968 ئادىمى ئەسىرگە چۈشكەن. 1000 دىن ئارتۇق ئادىمى يارىلانغان. خىتاي تەرەپتىن ئۆلگەنلەر 722 ئادەم، يارىلانغانلار 1697 كىشى بولغان. بۇ قېتىمقى ئۇرۇشقا خىتاي ئارمىيىسى قاتارىدا ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئەسكەرلىرىمۇ قاتناشتۇرۇلغان ئىدى. بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا ئۆلگەن ئىسمائىل مەمەت ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ئۇزۇن يىللارغىچە قەھرىمان ئاتىلىپ خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە مەدھىيىلەنگەن.

ئۇيغۇر زىيالىيسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى، ھىندىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ ئۇيغۇرلارغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

1962-يىلىدىكى ئۇرۇشتىن كېيىن، ھىندىستان-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى سوغۇق ئۇرۇش دەۋرىگە كىرگەن. ئارىدىن 40 يىل ئۆتكەندە، ئىككى تەرەپنىڭ ئارىسىدىكى مۇز ئېرىشكە باشلىغان. ھىندىستان تەرەپ 2003-يىلىغا كەلگەندىلا تىبەتنىڭ خىتاينىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 2006-يىلى جەنۇبىي تىبەت رايونىدا سودا ئالاقىسىنى باشلىغان. بىراق، تالاش-تارتىش ئىچىدىكى ئارۇناچال پارادەش رايونىغا كۆپلەپ ھىندى كۆچمەنلەرنى يۆتكەپ، نوپۇسنى 1 مىليون يۈزمىڭدىن ئاشۇرۇۋەتكەن. بۇ يەردىكى يەرلىك تىبەتلىكلەرگە قارىغاندا، ھىندىلارنىڭ نوپۇسى قانچە باراۋەر ئېشىپ كەتكەن. بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، ھىندىستان تەرەپ يەنە تالاش-تارتىش ئىچىدىكى رايونلارغا ئەسكەر يۆتكەش ۋە ئېغىر قوراللارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشلىرىغىمۇ سەل قارىمىغان. مەلۇماتلار، ھىندى ئارمىيىسىنىڭ بۇ رايوندىكى خىتاي ئارمىيىسىدىن 3 ھەسسە ئارتۇقلۇقىنى كۆرسەتمەكتە.

بۇ قېتىم 6-ئايدا بۇتاننىڭ تەلىپى بىلەن دوكلامغا كىرىپ، خىتاينىڭ تاش يول قۇرۇلۇشىغا توسالغۇ پەيدا قىلغان تەرەپ ھىندىستان بولۇپ، بۇ سۈركىلىش ھىندىستان-خىتاي ئارىسىدىكى 4-قېتىملىق چېگرا سۈركىلىشى ھېسابلىنىدىكەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بۇ سەۋەبلىك كۆپ قېتىم نارازىلىق باياناتلىرى ئېلان قىلدى. ھىندىستانمۇ خىتاينىڭ تەلەپپۇزىغا يارىشا جاۋاب بېرىپ كەلمەكتە.