ھىندىستان-خىتاي چېگرا قىسىملىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا يېڭى چېگرا سۈركىلىشى پارتلاپ، ئىككى تەرەپ چېگرا قىسىملىرىنىڭ بىر-بىرىگە تاش ئېتىپ قارشىلىق قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى. مەزكۇر ۋەقە بۇنىڭدىن ئىككى ئاي ئاۋۋالقى ئىككى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا سۈركىلىشىنى كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى. بۇ يىل 6-ئاينىڭ 16-كۈنى ھىندىستان-خىتاي شەرقىي چېگرا لىنىيەسىدىكى بۇتان-تىبەت-ھىندىستان چېگراسى تۇتاشقان جايدىكى دوكلام ئېغىزىدا چېگرا سۈركىلىشى يۈز بېرىپ، ئىككى دۆلەت چېگرا ئارمىيىسى بىر-بىرى بىلەن ھازىرغا قەدەر تىركىشىپ تۇرۇۋاتقان ئىدى.
ئىككى دۆلەت چېگرا قىسىملىرىنىڭ ئۆز-ئارا بىر -بىرىگە تاش ئېتىپ قارشىلىق قىلىش ۋەقەسى سەيشەنبە كۈنى ھىندىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىرنىڭ لاداق رايونىغا جايلاشقان پانگوڭ كۆلى ئەتراپىدا يۈز بەرگەن. پانگوڭ كۆلىنىڭ ئىككى تەرىپى ھىندىستان كونتروللۇقىدىكى لاداقنىڭ بىر قىسمى بولسىمۇ، بىراق ئاقسايچىننى پانگوڭ كۆلىگە تۇتاشتۇرىدىغان تار كارىدورنى خىتاي كونترول قىلىپ تۇرۇۋاتقان بولۇپ، كۆلنىڭ بىر قىسمى ئۇنىڭ كونتروللۇقىدا ئىدى.
ھىندىستان تەرەپ خىتاي چېگرا قىسىملىرىنىڭ پانگوڭ كۆلى ئەتراپىدا ئالدى بىلەن ھىندىستان ئەسكەرلىرىگە تاش ئاتقانلىقىنى بىلدۈردى.، بۇنىڭغا قارشى ھىندىستان ئەسكەرلىرىنىڭ خىتاي چېگرا قىسىملىرىغا قايتۇرۇپ تاش ئاتقانلىقىنى بىلدۈردى. بىر ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئەمەلدارىنىڭ چارشەنبە كۈنى فىرانسىيە ئاگېنتلىقىغا بەرگەن ئۇچۇرىدا، ۋەزىيەتنىڭ كونترول قىلىنغانلىقى، ئەمما ھەر ئىككى تەرەپ ئەسكەرلىرىنىڭ ئىچىدە يېنىك يارىلانغانلارنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
مەزكۇر ۋەقە ھىندىستان مۇستەقىللىقىنىڭ 70 يىللىق خاتىرە كۈنى يۈز بەرگەن. ھىندىستان 15-ئاۋغۇست مۇستەقىللىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن. مۇراسىمدا ھىندىستان باش مىنىستىرى مودى ھىندىستاننىڭ ھەرقانداق تەھدىتكە قارشى يېتەرلىك ھەربىي كۈچى بارلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.
لاداق چېگراسىدا يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە چارشەنبە كۈنى بەزى خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە، خىتاي -ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش قوراللىق توقۇنۇشقا ئېلىپ بارامدۇ-قانداق؟ دېگەن پەرەزلەرنى پەيدا قىلدى.
بىراق بەزى ئانالىزچىلار، ئەگەر خىتاي ھىندىستان بىلەن ئۇرۇش قىلسا، ئۇنىڭ ناھايىتى زور بەدەل تۆلەشكە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. نيۇيورك شەھەرلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر پروفېسسورى شيا مىڭ مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر خىتاي ھىندىستانغا قارشى ئۇرۇش قوزغىسا، ئۇ ئالدى بىلەن دۆلەت ئىچىدىكى ئەمىنلىكنى ئويلايدۇ. چۈنكى، ئۇرۇش قوزغىسا دۆلەت ئىچىدىكى ئىككى مىللەتنىڭ مەسىلىسىگە دۇچ كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرى تىبەتلەر، يەنە بىرى ئۇيغۇرلار. ئۇيغۇرلار بىلەن تىبەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان قارشىلىق ھەرىكىتى ھازىرمۇ داۋام قىلىۋاتىدۇ. ئەگەر ئۇ بۇ ئىككى رايونغا زور كۆلەملىك قوشۇن يۆتكەپ ئۇرۇشقا كىرسە، بۇ يەردىكى يەرلىك مىللەتلەر بىلەن بولغان ئىختىلاپ ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قىيىنچىلىق پەيدا قىلىدۇ. ئىككىنچى، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردىن قارىغاندا، ھىندىستاننىڭ دۇنيادىكى دوستى خىتايدىن كۆپ. ھازىر ھىندىستاننىڭ ئامېرىكا، ياپونىيەلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يېقىن. ئۇنىڭ شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى تەسىرى خېلى كۈچلۈك. ئۇ رۇسىيە بىلەن ئۇزۇن مەزگىللىك دوست دۆلەت. شۇڭا خىتاي ھىندىستان بىلەن ئۇرۇش قىلسا، ئۇنىڭ تۆلەيدىغان بەدىلى ناھايىتى زور بولىدۇ.»
يەنە بەزى مۇتەخەسسىسلەر، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئاخباراتى ھىندىستاننى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ھىندىستان بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئېھتىمالى بەك چوڭ ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچىلەر تەتقىقات مەركىزىنىڭ خىتاي مەسىلىلەر مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، ھىندىستان-خىتاي ئوتتۇرىسىدا 1962-يىلدىكى چېگرا توقۇنۇشىدەك قىسمەن ئۇرۇش پارتلاش ئېھتىمالى مەۋجۇت. ئەمما ھەر ئىككى دۆلەت زور كۆلەملىك ئۇرۇش قىلىشقا تەييار ئەمەس. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «چوڭ كۆلەملىك ئۇرۇش بولۇشى ناتايىن، ئەمما چېگرادا كىچىك كۆلەملىك ئۇرۇشلار بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، ھەر ئىككى تەرەپ چوڭ كۆلەملىك ئۇرۇش قىلىشقا تېخى تەييار ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە خەلقئارا پوزىتسىيەسىمۇ تېخى ئېنىق ئەمەس. چۈنكى، بەزىدە ئۇرۇش قىلىشتىن بۇرۇن دۆلەتلەر خەلقئارا ۋەزىيەتكە قارايدۇ. جەڭ باشلانسا، مېنى قوللايدىغانلار چىقامدۇ، ماڭا ئىقتىسادى ياردەم بېرىدىغانلار بولامدۇ، دېگەنلەرگە قارايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ھەر ئىككى دۆلەت يادرو قوراللارغا ساھىب. بۇ قورالغا ساھىب دۆلەتلەرگە ھېچكىم ئالدىراپ ئۇرۇش ئاچالمايدۇ.»
دوكتور ئەركىن ئەكرەم يەنە، خىتاينىڭ ھىندىستانغا قارشى ئۇرۇش قوزغاشقا تەۋەككۈل قىلالماسلىقىدىكى يەنە بىر ئامىل، ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى سىياسىي كۈرەش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئەركىن ئەكرەم: «ئەگەر، خىتاي ھازىر ئۇرۇش قوزغاپ ھىندىستاننى ئۇتۇۋالالىسا، شى جىنپىڭ 19-قۇرۇلتايدا ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، قۇرۇلتايدا ئۆزىنىڭ ئادەملىرىنى يەرلەشتۈرۈپ، تەسىر كۈچىنى كۈچەيتەلەيدۇ. ئەمما ئۇرۇش ئۇزىراپ، 10-ئاي، 11-ئايلارغا كەتسە، 19-قۇرۇلتايغا ئازراق بولسىمۇ تەسىر قىلىدۇ. ئازراق دېگىنىم، خىتاي يېپىق بولغاچقا بىلمەيمىز، ئەمما ئىچكى كۈرەش ناھايىتى شىددەتلىك بولىدۇ. چۈنكى يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بېرى، شى جىنپىڭ چېرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، نۇرغۇن سىياسىي رەقىبلىرىنى تۈرمىگە تاشلىغان. تۈرمىگە تاشلانغانلارنىڭ ئادەملىرى سىرتتا تېخى بار. مەسىلەن، جاڭ چۈنشيەن بۇنىڭ بىر مىسالى. شۇڭا، ئۇرۇش قىلىش نىيىتى بولسىمۇ، بىراق 19-قۇرۇلتايدىن بۇرۇن ھىندىستان بىلەن ئۇرۇش قىلىشى بىر ئاز قىيىن دەپ ئويلايمەن.»
خىتاي-ھىندىستان چېگرا قىسىملىرىنىڭ سەيشەنبە كۈنى لاداقدىكى پانگوڭ كۆلى ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ئۆز-ئارا تاش ئېتىش ۋەقەسىگە ھەر ئىككى دۆلەت نىسبەتەن سوغۇققان پوزىتسىيە بىلدۈردى. ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى فىرانسىيە ئاگېنتلىقىغا قىلغان سۆزىدە، ۋەقەنى «كىچىك ھادىسە... بىراق ۋەزىيەت كونترول قىلىندى» دەپ ئەسكەرتىپ، ئىككى تەرەپ كۆرۈشۈش ئارقىلىق ۋەقەنىڭ ھەل بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ چارشەنبە كۈنى مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا، ۋەقە توغرىسىدا مەلۇماتى يوقلۇقىنى ئەسكەرتىپ، «خىتاي چېگرا قىسىملىرى ھىندىستان-خىتاي چېگراسىدا ئىزچىل تىنچلىقنى قوغداپ كەلدى. بىز ئىزچىل خىتاينىڭ كونتروللۇقىدىكى چېگرا لىنىيەسى ئىچىدە چارلاش ئېلىپ بېرىپ كەلدۇق. بىز ھىندىستاننى كونترول سىزىقى ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىدار كېلىشىملەرگە ئەمەل قىلىشقا چاقىرىمىز» دەپ جاۋاب بەرگەن.
نيۇيورك ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پروفېسسور شيا مىڭ، خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا سۈركىلىشىنىڭ جىددىيلىشىشىدا، خىتاي ئارمىيىسى ئىچىدىكى يىپەك يولى ئىستراتېگىيەچىلىرىنىڭ مۇھىم رولى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ھازىر بىر تەرەپ قىلىدىغان قىزىق نۇقتىلار ناھايىتى كۆپ. ئاز دېگەندە 5 قىزىق نۇقتا بار. نېمە ئۈچۈن دېگەندە، ئۇ چەتئەلگە ھەقىقەتەن تاقابىل تۇرۇش نىيىتى بولسا، ئۇ چوقۇم بىر نۇقتىنى مەركەز قىلىشى كېرەك. بىراق ئۇنىڭ ھازىر ئۇنداق بىر مەركىزى نۇقتىسى يوق. ئۇنىڭ قەيەر بىلەن ئۇرۇش قىلىش مەسىلىسىدىكى پىكرى ئېنىق ئەمەس. ۋاقىت جەھەتتىن ئۇ تەيۋەننى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئەڭ ئارزۇ قىلىدۇ. بىراق ئۇ، مەملىكەت ئىچىدە خەلقنى ئامېرىكىغا، ياپونىيەگە قارشى ئۆچمەنلىككە ئەڭ ئاسان سەپەرۋەر قىلالايدۇ. كىم جۇڭئۇن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئەڭ ئاسان بولۇشى مۇمكىن. ھىندىستان ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنداق زور تەھدىت ئەمەس. بىراق، ئارمىيە ئىچىدىكى بەزى ئىستراتېگىيەچىلەر، خىتاينىڭ غالىبىيەت يولى «بىر بەلۋاغ، بىر يول»، غەربىي رايونغا يۈرۈش قىلىش، غەربىي رايوندا باش كۆتۈرۈش دېگەننى ئوتتۇرىغا قويۇپ، غەربىي رايوندىكى ئىگىزلىكلەرنى كونترول قىلىشنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ھىندىستاننى مەغلۇپ قىلىش زۆرۈر، بۇ، خىتاينىڭ ئۇزۇن مەنزىللىك ئىستراتېگىيەسى ئۈچۈن پايدىلىق دېگەننى تەرغىب قىلىپ كەلدى. لى شيەننەننىڭ كۈيئوغلى ليۇ ياجاۋ غەربىي رايون نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان شەخسلەرنىڭ بىرى.
0:00 / 0:00