ھىندىستان - خىتاي چېگرا مەسىلىسى يەنە جىددىيلىشىپ كەتتى

ھىندىستان - خىتاي چېگرا ئىختىلاپى 1962 - يىلى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ھەربىي توقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئارۇناچال - پاراداش شتاتى ۋە كەشمىرنىڭ ئاقسايچىن رايونى ھىندىستان - خىتاي ئارىسىدىكى چېگرا ئىختىلاپىنىڭ مۇھىم تۈگۈنى.

ھىندىستان خىتاي ئارمىيىسىنىڭ ئەمەلىي كونتروللۇقىدىكى جامۇ - كەشمىرنىڭ 38 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرلىق ئاقسايچىن رايونى ھىندىستان زېمىنى ئىكەنلىكىنى ۋە خىتاي بېسىۋالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن. خىتاي بولسا ئارۇناچال شتاتىنىڭ تىبەتكە قاراشلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھىدىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى رەت قىلىپ كەلدى. يېقىندا خىتاي ئارمىيىسىنىڭ لاداق چىگرىسىغا ئىچكىرىلەپ كىرىشى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى چېگرا ئىختىلاپىنى يەنە كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى.

تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ئەركىن مەلۇمات بېرىدۇ.

ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئانتونىي خىتاي ئارمىيىسىنىڭ ھىندىستان كونتروللۇقىدىكى لاداق رايونىغا ئىچكىرىلەپ كىرىپ، چېدىر قۇرغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، بارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ھىندىستان چېگرىسىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ھىندىستان پارلامېنتىدا مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، بىز بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ مەنپەئەتىمىزنى قوغداۋاتىمىز....... مەنپەئەتمىزنى قوغداش ئۈچۈن بارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىمىز، دېگەن. ھىندىستان ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 15 - ئاپرېل خىتاي ئارمىيىسىنىڭ 50 كىشىلىك بىر ئەترىتى جامۇ - كەشمىرگە قاراشلىق لاداق رايونىغا 10 كىلومېتىر ئىچكىرىلەپ كىرىپ چېدىر قۇرغان.

ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سالمان كۇرشىت، خىتاينىڭ بېسىپ كىرىش ھەرىكىتىنى مۇۋاپىق يول بىلەن ھەل قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھىندىستان ئاخباراتى خىتاي ئارمىيىسىنىڭ ھىندىستان كونتروللۇقىدىكى زېمىنغا ئىچكىرىلەپ كىرىپ، شەرقىي لاداقتىكى دۆلەتبەگۆلدى دېگەن يەرگە قاراپ ئىلگىرىلەنلىكىنى، ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر مەسىلە ھەققىدە خىتاي بىلەن سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خىتاي ئارمىيىسى چېدىر قۇرۇپ ئورۇنلاشقان جاي، ھىندىستان 1962 - يىلى خىتاي - ھىندىستان چېگرا توقۇنۇشىدا ياسىغان ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ئۇچۇش يولىغا يېقىن كېلىدۇ. ھىندىستان مەزكۇر ئۇچۇش يولىنى رىمونت قىلىۋاتقان مەزگىلدە، خىتاي ئارمىيىسى ئۇنىڭ ئەتراپىغا كېلىپ ئورۇنلاشقان. بۇنىڭ بىلەن ھىندىستان چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى خىتاي ئارمىيىسى چېدىر قۇرۇپ ئورۇنلاشقان جاينىڭ 500 مېتىر نېرىسىغا ھەربىي لاگىر قۇرغان. جامۇ كەشمىر ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ساجاد كىچلو، ھىندىستان فېدىرال ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئارمىيىسىنىڭ ھەرىكىتىگە دەرھال تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ھەرىكىتى تاجاۋۇزچىلىق بولۇپ، ھىندىستان بۇنىڭغا قاتتىق ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەك. بىراق تۈركىيە ئىستراتىگىيىلىك چۈشەنچىلەر مەركىزىنىڭ مۇتەخەسسىسى، دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، بۇ ۋەقەنىڭ ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ھەربىي توقۇنۇش كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىماللىقى چوڭ ئەمەس.

دۆلەتبەگۆلدى، يەكەن دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىغا، قارا قۇرۇم ئېغىزىنىڭ لاداق تەرىپىگە جايلاشقان. ئۇيغۇر ئېلى چېگرىسىنىڭ جەنۇبىي، ھىندىستان - خىتاي ئەمەلىي چېگرا كونترول سىزىقىنىڭ بىر نەچچە كىلومېتىر غەربىي شىمالىغا توغرا كېلىدۇ. لاداق بىلەن يەكەننى تۇتاشتۇرىدىغان تارىخىي يىپەك يولىنىڭ مۇھىم تۈگۈنى. مەزكۇر جاينىڭ نامى 16 - ئەسىردە قاراقۇرۇم ئېغىزىدا ئۆلۈپ قالغان دۆلەتبەگ ئىسىملىك يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ بىر ئەرباپىنىڭ نامىغا قويۇلغان. كەشمىر سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدە بىر مەھەل مەزكۇر خانلىقنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئاقسايچىن رايونىدىكى ھەربىي كېڭەيمىچىلىك ھەرىكىتى ئۇنىڭ پاكىستاننى مەركەز قىلغان بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى، خىتاي قىسىملىرىنىڭ ئاقسايچىندىكى ھىندىستان - خىتاي ئەمەلىي كونترول سىزىقىنىڭ جەنۇبىغا قاراپ ئىچكىرىلەپ كىرگەنلىكى ۋە چېدىر قۇرغانلىقىنى رەت قىلغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ دۈشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، خىتاي قىسىملىرىنىڭ ئاقسايچىن چېگرا كونترول سىزىقىنىڭ ئەتراپىدا چارلاش ئېلىپ بارغانلىقىنى، بىراق كونترول سىزىقىدىن ئۆتمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ، جۇڭگو چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى ئىككى دۆلەت ئىمزالىغان كېلىشىملەرگە ئىزچىل ھۆرمەت قىلىپ ۋە بويسۇنۇپ كەلدى شۇنداقلا يەنە ئىككى دۆلەت چېگرىسىدىكى ئەمەلىي كونترول سىزىقىغا ئىزچىل ھۆرمەت قىلىپ ۋە بويسۇنۇپ كەلدى، دېگەن. ھىندىستان، خىتاي ئارمىيىسى كونترول قىلىپ تۇرغان 38 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كۆلەمدىكى ئاقسايچىن رايونىنى خىتاينىڭ قانۇنسىز بېسىۋالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن.