كانادا باش مىنىستىرى جۇستىن ترېدۇ خىتايغا زىيارەتكە بارىدۇ

0:00 / 0:00

كانادا مەتبۇئاتلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، كانادا باش مىنىستىرى جۇستىن ترېدۇنىڭ، بۇ يىل 4-، 5 سېنتەبىر كۈنلىرى خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان سانائەتلەشكەن 20 دۆلەت باشلىقلىرى ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىش ئۈچۈن 30-ئاۋغۇست كۈنى خىتايغا بارىدىغانلىقى مەلۇم.

كانادانىڭ دۆلەتلىك قانىلى ھېسابلانغان CBC تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ 18-ئاۋغۇست كۈنىدىكى مەلۇماتىغا قارىغاندا، جۇستىن ترېدۇ، «بەزىدە ئەگرى-توقاي دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر ھۆكۈم سۈرگەن بىر پەيتتە، دۇنيانىڭ 2-چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىسى ھېسابلانغان خىتايغا يېقىنلىشىشقا زېمىن ھازىرلاش مەقسىتىدە» بۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا خىتايغا بارىدىكەن.

خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان سانائەتلەشكەن 20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن خىتايغا بارىدىغان جۇستىن ترېدۇنىڭ 30-ئاۋغۇستتىن 6-سېنتەبىرگە قەدەر خىتاينىڭ بېيجىڭ، شاڭخەي، خوڭكوڭ، خاڭجۇ قاتارلىق چوڭ شەھەرلىرىگە بارىدىغانلىقى مەلۇم. بۇ، جۇستىن ترېدۇنىڭ 2015-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدىن ئېتىبارەن كانادا باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم خىتايغا زىيارەتكە بېرىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

CBC تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان، جۇستىن ترېدۇنىڭ خىتاي زىيارىتى ھەققىدىكى ماقالىدە، جۇستىن ترېدۇ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن قويۇق سودا مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئاسىيا بازارلىرىغا تېزلىكتە كىرىش مەقسىتى بولسىمۇ، ئەمما رايوندا ساقلىنىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىلىرى سەۋەبىدىن، خىتايغا دىققەت بىلەن يېقىنلىشىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.

بۇ يىل ئىيۇندا كاناداغا زىيارەتكە كەلگەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى، ئوتتاۋادا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە سوئال سورىغان كانادالىق مۇخبىرغا «تەكەببۇرانە، مەسئۇلىيەتسىز سوئال سورىدى» دەپ ئازار بەرگەن، شۇنداقلا «سوئالىڭ ھەقسىزلىققا تولۇپ تاشقان» دېگەندەك قوپال ئىبارىلەرنى ئىشلىتىش بىلەن دۇنيا ئاخبارات ساھەسىدە شۇنداقلا ئاممىۋى تاراتقۇلاردا زور غۇلغۇلا تېمىسى بولغان ئىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ھەققىدە ئادەتتىكى بىر سوئالنى سورىغان مۇخبىرغا قارىتا ئاچچىقلاپ كېتىشى ۋە مۇخبىرغا ئازار بېرىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، جۇستىن ترېدۇ ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن يېقىنلىشىشتا زور بېسىمغا دۇچ كەلگەن.

كانادادىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەر، كانادادا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان، خىتايدا ئىنسان ھەقلىرى كۈنلۈكى ئاستىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى شۇنداقلا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق تەشكىلاتلار جۇستىن ترېدۇ ھۆكۈمىتىنى، ئىنسان ھەقلىرىنى ئېغىر ھالدا دەپسەندە قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى يولغا قويۇشتا سوغۇققان بولۇشقا، كانادانىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇقتىن ئىبارەت قىممەت قارىشىنى ئاياق ئاستى قىلماسلىققا چاقىرغان. كانادالىق مۇخبىرغا ئازار بېرىش مەسىلىگە قارىتا، جۇستىن ترېدۇ ئۆزىنىڭ قاتتىق پەرىشان بولغانلىقىنى ئىپادىلەپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ياخشىلىشىدا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە كانادا مەتبۇئاتلىرىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ياخشىلىنىش بولماي تۇرۇپ، كانادانىڭ خىتاي بىلەن ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالاشقا ئالدىرىشىنىڭ ھاجىتى يوق، دېگەن.

جۇستىن ترېدۇ يەنە، ھەرقانداق بىر پۇرسەت بولغاندا، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى شۇنداقلا ھېچقانداق دەلىل-ئىسپات بولمىغان شارائىت ئاستىدا جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان كەۋىن گەررات مەسىلىسىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

ھازىر خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان كانادا پۇقراسى پەقەت كېۋىن گەرراتلا ئەمەس، بەلكى كانادانىڭ ئۇيغۇر ۋەتەندىشى ھۈسەنجان جېلىلمۇ 10 يىلدىن بۇيان خىتاي تۈرمىسىدە ياتماقتا.

كانادا دائىرىلىرى جۇستىن ترېدۇنىڭ بۇ قېتىملىق خىتاي زىيارىتى مەزگىلىدە ھۈسەنجان جېلىل مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى ئاخباراتقا ئاشكارىلىمىغان بولسىمۇ، ئەمما ھۈسەنجان جېلىلنىڭ ئايالى كامىلە خانىمنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، كانادا تاشىقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ھۈسەنجان جېلىل مەسىلىسىنىڭ جۇستىن ترېدۇنىڭ خىتاي زىيارىتىنىڭ كۈنتەرتىپىدىكى مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئەمما بىز كامىلە خانىمنىڭ يۇقىرىدا ئېيتقانلىرىنى ئۆز ئالدىمىزغا دەلىللەشكە مۇۋەپپەق بولالمىدۇق.
ھۈسەنجان جېلىل مەسىلىسى ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان، ھازىر كانادادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر شائىرى ئەخمەتجان ئوسمان، ئەگەر ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھۈسەنجان جېلىل مەسىلىسىنى ئىزچىل تەكىتلىمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، بۇ مەسىلىنىڭ كانادادا ئۇنتۇلغان بىر مەسىلە بولۇپ قالىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

كانادادىكى سىياسىي كۆزەتچى مەمەت توختى كەۋىن گەررات مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىكەن، تەبىئىي ھالدا ھۈسەنجان جېلىل مەسىلىسىنىڭمۇ ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىغا ئۈمىدۋار قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھازىر كانادادا ياشاۋاتقان سىياسىي مۇلاھىزىچى كامىل تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بىر كانادا پۇقراسىنىڭ 10 يىلدىن بۇيان خىتاي تۈرمىسىدە يېتىشى كانادانىڭ ئار-نومۇسى مەسىلىسى ئىكەن.

كانادانىڭ ئۇيغۇر پۇقراسى ھۈسەنجان جېلىل 2006-يىلى ئۆزبېكىستان دائىرىلىرى تەرىپىدىن تاشكەنت شەھىرىدە قولغا ئېلىنىپ، خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئىدى. يېقىندا ئۇنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەرقايسى تۈرمىلەرگە ۋە ناھىيەلەرگە ئېلىپ بېرىلىپ، «قىلغان-ئەتكەنلىرىگە توۋا قىلىش لىكسىيەسى» سۆزلەشكە مەجبۇرلانغانلىقى ئاشكارىلانغان.

ئاتا-بالا ترېدۇلار ۋە خىتاي

يېقىندا كانادا تەرەپ يەنە، جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە خىتاينى خەلقئارالىق قانۇنلارغا رىئايە قىلىشقا چاقىرىپ، بېيجىڭنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويغان.

CBC تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان جۇستىن ترېدۇنىڭ خىتاي زىيارىتى ھەققىدىكى ماقالىدە، مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر خىتاي ئىزچىل ھالدا ترېدۇ باشچىلىقىدىكى لىبېراللاردىن يەنىلا ناھايىتى زور ئۈمىدلەرنى كۈتىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

مۇلاھىزە قىلىنىشىچە، خىتاي تەرەپ، لىبېرال پارتىيەدىن بولغان جۇستىن ترېدۇنىڭ دادىسى پېرى ترېدۇنى كانادا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە ئۇل سالغان، شۇنداقلا خىتاينىڭ غەرب دۇنياسى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشىغا يول ئاچقان تارىخى شەخس، دەپ قارايدىكەن.

يېڭىلا ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان جۇستىن ترېدۇ، ئۆتكەن يىلى نويابىر، تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن سانائەتلەشكەن 20 دۆلەت ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىش ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ ئانتالىيە شەھىرىگە بېرىپ، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، شى جىنپىڭ جۇستىن ترېدۇنىڭ دادىسى پېرى ترېدۇغا ناھايىتى يۇقىرى باھا بېرىپ، «كانادا-خىتاي دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىگە ئۇل سالغان تارىخى شەخس، خىتاي خەلقىنىڭ ياخشى دوستى» دەپ ماختىغان. ئارىدىن 40 نەچچە يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە پېرى ترېدۇنىڭ ئوغلى جۇستىن ترېدۇنىڭ كانادادا قايتا ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىشىنى «تارىختا كەم ئۇچرايدىغان ۋەقە» دېگەن.

بۇ يىل ئىيۇندا ئوتتاۋادا زىيارەتتە بولغان خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىمۇ، لىبېرال پارتىيەدىن بولغان جېن كرېتىئەن بىلەن پائۇل مارتېن ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان مەزگىللەردىكى كانادا‏-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان بولسىمۇ، ئەمما ستېۋىن خارپېر باشچىلىقىدىكى كونسېرۋاتىپ پارتىيە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىللەردىكى كانادا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە توختالمىغان.

كانادادا ستېۋېن خارپېر دەۋرى

2006-يىلىدىن ئېتىبارەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن، ستېۋېن خارپېر ھۆكۈمىتى، خىتايغا نىسبەتەن سوغۇق ھالەتتە يېقىنلاشقان بولۇپ، بۇ مەزگىللەردە، ستېۋېن خارپېر، «مەن كانادانىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇقتىن ئىبارەت قىممەت قارىشىنى دوللارغا تېگىشمەيمەن» دېگەن سۆزلىرى بىلەن كانادالىقلارنىڭ قەلبىنى ئۇتقان ئىدى. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي خارپېر باشچىلىقىدىكى كونسېرۋاتىپلار ھۆكۈمىتى يەنىلا خىتاي بىلەن كۈچلۈك ۋە يېقىن سودا مۇناسىۋەت تارىخىنى باشلىغان.
2014‏-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا ستېۋېن خارپېر خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان بەزى رايونلىرىدا يېڭى سودا مەركەزلىرىنى قۇرۇپ ئىشخانىلار ئاچتى. ئۇ يەنە خىتاي كانادا سودا مۇناسىۋەتلىرى ئارقىلىق يېرىم مىليون كىشىنى قايتا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى ئۆزىنىڭ خىتاي زىيارىتى ھەققىدە توختالغان جۇستىن ترېدۇ، مەقسىتىنىڭ تۇرغۇن ۋە ئاستىلاش ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان كانادانىڭ ئىقتىسادىي ۋە تىجارىي ئىشلىرى ئۈچۈن يېڭى بىر يول ئىزدەش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
بۇ قېتىم خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان سانائەتلەشكەن 20 دۆلەت ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشىنىڭ ئاساسىي مۇزاكىرە تېمىسىنىڭ، دۇنيا ئىقتىسادىنى يۈكسەلدۈرۈش، شۇنداقلا مەبلەغ سېلىش پۇرسەتلىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش يوللىرىنى ئىزدەش ۋە دۇنيا ئىقتىسادىي سىستېمىسىنى كۈچلەندۈرۈش بولىدىغانلىقى مەلۇم.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.