تۇڭگان پەرزەندى ئىبراھىم ياۋاخۇنوف: ئۇيغۇر خەلقى مېنىڭ يېقىن دوستۇم

0:00 / 0:00

قازاقىستان كۆپ مىللەتلىك مەملىكەتتۇر. ئۇنىڭدا ياشاۋاتقان ھەر خىل خەلقلەر ۋەكىللىرى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان قازاقىستاننىڭ ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي تەرەققىياتىغا ئۆز تۆھپىلىرىنى قوشۇپ كەلمەكتە. تۇڭگانلار ئەنە شۇلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇلار ئالماتا شەھىرىنىڭ زاريا ۋوستوكا مەھەللىسىدە ئىستىقامەت قىلماقتا.

باشقا مىللەتلەر قاتارىدا ئۇلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت مەركەزلىرىنى قۇرۇپ، مىللىي سەنئىتىنى، ئۆرپ - ئادەتلىرىنى راۋاجلاندۇرماقتا. تۇڭگانلار ئاساسىي جەھەتتىن 19 - ئەسىرنىڭ ئاياقلىرىدا، ئاندىن 20 - ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا ھازىرقى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىلى ۋىلايىتىدىن كۆچۈپ چىققان بولۇپ، قازاقىستاندا سوۋېت ھاكىمىيىتىنى ئورنىتىشتا، ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشى يىللىرى فاشىزمغا قارشى كۈرەشتە، ئۇرۇشتىن كېيىن ئىگىلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە زور قەھرىمانلىق كۆرسەتكەن. قازاقىستانغا كېلىپ ئورۇنلاشقان تۇڭگانلار ئىچىدە بولۇپمۇ ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ 40 - يىللىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ئەۋج ئالغان مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە قاتناشقانلارمۇ بار بولۇپ، ئۇلار بۈگۈنكى كۈنگىچە يۇرت - جامائەتچىلىك ئارىسىدا چوڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر بولماقتا.

ئەنە شۇلارنىڭ بىرى، سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي ئارمىيە كاپىتانى، داڭلىق تۇڭگان ئاتلىق پولكىنىڭ جەڭچىسى، «ساداقەتلىك» ۋە «باھادىرلىق» ئوردېنلىرىنىڭ ساھىبى ئىبراھىم ياۋاخۇنوفتۇر. ئۇ 1925 - يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قاينۇق يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، 1944 - يىلى پىدائىيلار قاتارىدا ئۇرۇشقا ئاتلانغان. ئى. ياۋاخۇنوف تۇنگان پولكىنىڭ قۇرۇلۇشىدىن تا ئۇنىڭ تارقىتىلىشىغىچە بولغان ئارىلىقتا ھەر خىل لاۋازىملاردا خىزمەت قىلغان ھەم بىر قاتار قانلىق جەڭلەرگە قاتناشقان. ئۇ شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىچكى ئىشلار ئىدارىسىدە مەسئۇل خىزمەتلەردە بولغان.

ئى. ياۋاخۇنوف 1961 - يىلى قازاقىستانغا كۆچۈپ چىقىپ، ئۇزاق ۋاقىت دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ئەمگەكتىكى تىرىشچانلىقى ئۈچۈن ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بىر نەچچە قېتىم تەقدىرلەنگەن، مېداللار بىلەن مۇكاپاتلانغان. ئۇ تۇڭگان مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە ئاقساقاللار كېڭىشىنىڭ رەئىسى ۋەزىپىلىرىنى ئاتقۇرۇش جەريانىدا ئاكتىپلىق كۆرسەتكەن. ئى. ياۋاخۇنوف 2008 - يىلى يورۇق كۆرگەن «تۇڭگانلار: ئۆتمۈشى ۋە ھازىرى» ناملىق ئىككى توملۇق كىتابنىڭ ئاپتورى. بۇ ئەمگەكتە تۇڭگان خەلقىنىڭ ئۆتمۈش تارىخى، ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە قوشقان تۆھپىسى، مۇنەۋۋەر پەرزەنتلىرى ھەققىدە مەلۇماتلار ئورۇن ئالغان. ئى. ياۋاخۇنوف ھازىر 88 ياشقا كەلگەن بولۇپ، زاريا ۋوستوكا مەھەللىسىنىڭ يۇرت - جامائەتچىلىكى ئارىسىدا ئالاھىدە ھۆرمەتكە ئىگىدۇر.

ئۇ رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.