ئى خ خ ۋەقپى باشلىقى بۈلەنت يىلدىرىم قەيسەرىدە ئۇيغۇرلاردىن ھال سورىدى

0:00 / 0:00

تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ياردەم قۇرۇلۇشلىرىدىن بىرى بولغان ئى خ خ يەنى ئىنسانىي ياردەم ۋەقپى باشلىقى بۈلەنت يىلدىرىم، تۈركىيە ئاناتولىيە مۇنبىرى باشلىقى تۇرگاي ئالدەمىر ئەپەندى ۋە ئى خ خ ۋەقپىنىڭ قەيسەرى شۆبىسى مەسئۇلى شابان ئۆزدۇيار ئەپەندى قاتارلىق كىشىلەردىن تەركىپ تاپقان ھەيئەت ئەزالىرى قەيسەرىدىكى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىگە كېلىپ ئۇيغۇرلاردىن ھال سورىدى.

ھەيئەتنى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى باشچىلىقىدىكى تەشكىلات باشقۇرۇش ھەيئىتى ئەزالىرى كۈتۈۋالدى. شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ئالدى بىلەن مېھمانلارنى قارشى ئېلىش نۇتقى سۆزلىدى. ئۇ، ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، بۈلەنت يىلدىرىم ئەپەندىگە «سىز بۇرۇن، بۈگۈن دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئىنسانلارنىڭ زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، مىسىر، سۈرىيە، ئىراق، شەرقىي تۈركىستان، قاراباغغا ئوخشاش نۇرغۇن جايلاردا خەلققە ئېغىر بېسىم ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئاتا يۇرتىمىز شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ زۇلۇمنىڭ ھەممىدىن ئېغىر ئىكەنلىكىنى دېگەن ئىدىڭىز. بۈگۈن راستىنلا خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان خەلقىغە ئېقىلغا سىغمايدىغان بېسىم سىياسىتى ئېلىپ بارماقتا. قولىدا ھىچقانداق قۇرال - ياراقنىڭ سۇنىقى يوق ئۇيغۇرلارنى تېررورچى، ئەسەبىي دىنچى دەپ ئەيىبلەپ ئۇلارغا ئۆلۈم جازاسى بەرمەكتە. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىش سىياسىتى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە» دېدى. سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ئى خ خ رەئىسى بۈلەنت يىلدىرىمنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا قىلغان ياردىمى ئۈچۈن رەھمىتىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ياردەم ۋەقپى بولغان ئىنسانىي ياردەم ۋەقپىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارغا ياردەم قولىنى ئۇزاتقاندەك ئۇيغۇرلارغىمۇ ياردەم قولىنى ئۇزىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئارقىدىن بۈلەنت يىلدىرىم ئەپەندى سۆز قىلىپ، تەشكىلاتنى زىيارەت قىلغانلىقى ئۈچۈن خۇرسەن بولغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاندا خىتايلارنىڭ قىرغىنچىلىق سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، بۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا دۇنيانىڭ ئەڭ بىچارە خەلقنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر خەلقى ئىكەنلىكىنى دېدى. بۈلەنت يىلدىرىم قىلغان سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يەردە ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى دۇنيا دۆلەتلىرىدىن يوشۇرۇۋاتقانلىقىنى، شۇڭا بۇندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە تېخىمۇ كۆپ ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

26 - فېۋرال كۈنى چۈشتىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىشنىڭ ئاخىرىدا قەيسەرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشقۇرۇش ھەيئەت ئەزالىر بۈلەنت يىلدىرىم باشچىلىقىدىكى ھەيئەتتىن ئۇيغۇرلارغا قانداق ياردەملەرنى قىلالايدىغانلىقى توغرىسىدا سوئال سورىدى. ئۇچرىشىش ئاخىرىدا ھەيئەت ئەزالىرىغا تەشكىلاتنىڭ كۆك بايراق ژۇرنىلى بىلەن خاتىرە بويۇملىرى سوغات قىلىندى.

بۇ زىيارەت توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىگە مىكرافونىمىزنى ئۇزاتتۇق.