تۈركىيەدە ئۆلتۈرۈلگەن ياپونىيەلىك قىز ئوقۇغۇچىنىڭ ۋەقەسى ياپونلارنى ئەندىشىگە سالدى

0:00 / 0:00

ياپونىيە NHK تېلېۋىزىيە قانىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرىدە، ياپونىيەدىن تۈركىيەگە ساياھەتكە بارغان ئىككى نەپەر قىز ئوقۇغۇچىنىڭ بىرى كاپادوكيادا نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، يەنە بىرى بولسا ھوشسىز ھالدا دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خەۋەردە ۋەقەنىڭ تۈركىيەنىڭ كاپادوكيا ساياھەت مەركىزىدە 9-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 1:45 ئۆتكەندە يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

«ئاساھى شىنبۇن» گېزىتىنىڭ 9-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى كەچلىك تور بېتى خەۋىرىدە دۇنيانىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىغان تۈركىيەنىڭ كاپادوكيادا بىر كۈن ئىلگىرى ياپونىيە نىگاتا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ساياھەتكە بارغان ئىككى نەپەر قىز ئوقۇغۇچىسى نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلىشىغا ئۇچراپ بىر نەپىرى ئۆلگەن، بىر نەپىرى بولسا ئېغىر يارىلانغان، تۈركىيە ساقچى تەرەپ جاۋابكارلارنى ئىزدىمەكتە» دېيىلگەن.

«ئاساھى شىنبۇن» نىڭ خەۋىرىدە ساياھەتكە بارغان ئىككى نەپەر قىز ئوقۇغۇچىنىڭ ئىككىلىسىلا نىگاتا ئۇنىۋېرسىتېتى مائارىپ فاكۇلتېتىنىڭ كېلەر يىلى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلىرى ئىكەنلىكى، پىچاق ھۇجۇمىدا ئۆلگەن 22 ياشلىق كۇرىخارا ماينىڭ جەسىتى 10-سېنتەبىر كاپادوكيادىن ئەنقەرەگە ئېلىپ كېلىنىپ، قانۇن ساقچىلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خەۋەردە تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلگەن «ئىككى نەپەر قىز كاپادوكيانىڭ زەمى جىلغىسىدا ساياھەت قىلىۋاتقاندا ھۇجۇمغا ئۇچرىغان» دېگەن ئۇچۇرمۇ نەقىل ئېلىنغان.

خەۋەردە باشقا بىر نەپەر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان 22 ياشلىق تېرېماتسۇ خۇشىئېنىڭ دوختۇرخانىدا ئوپېراتسىيە قىلىنىپ ھوشىغا كەلگەنلىكىمۇ ئېيتىلغان.

«ئاساھى شىنبۇن» نىڭ خەۋىرىدە يەنە «ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيەگە ياپونلارنىڭ ساياھەت قىلىشى ئەڭ كۆپ ئومۇملاشقان بولۇپ، 2008-يىلىنىڭ ئۆزىدىلا 150 مىڭ كىشى تۈركىيەگە ساياھەتكە بارغان. 2012-يىلى بولسا ئىككى يۈز مىڭدىن ئوشۇق كىشى تۈركىيەنى زىيارەت قىلغان. كاپادوكۇيا رايونىغا بولسا 150 مىڭ ساياھەتچى بارغان. كاپادوكيانى ھەر يىلى ئىككى مىليون كىشى ساياھەت قىلىدۇ. يەرلىك خەلقلەرنىڭ دېيىشىچە، بۇ يەردە ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق قاتىللىق جىنايىتى يۈز بەرمىگەن، يەرلىك ھۆكۈمەت بۇ ۋەقەنى ناھايىتى ئېچىنىشلىق ۋەقە دەپ قاراپ، ساقچى تەرەپ جاۋابكارلارنى ئىزدەۋاتىدۇ» دېيىلگەن.

مەزكۇر ۋەقەدىن خەۋەر تاپقان ئىلگىرى ئۆزى كۆپ قېتىم تۈركىيەگە ساياھەتكە بارغان ياپونىيەلىك ساياھەت ئىشلىرى خادىمى كايا خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ ۋەقەگە ئېچىنغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ گۇماندارلارنى تۈركىيەلىك ئەمەس دەپ ئويلايدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە تۈركىيە ئۆزىنىڭ نەزىرىدە تولىمۇ تىنچ بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

«توكيو شىنبۇن» نىڭ خەۋىرىدە «تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ دېيىشىچە، شۇ كۈنى ۋەقە يۈز بېرىپ چۈشتىن كېيىن سائەت 4:15 ئۆتكەندە دوختۇرخانا تەرەپ ياپونىيەنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋالنى مەلۇم قىلغان. بۇ ئىككى نەپەر قىز ھېچقانداق ساياھەت شىركەتلىرىگە تەۋە بولمىغان ھالدا شەخسىي ھالدا ساياھەتكە كەلگەن. ھازىرغىچە ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق ئىسپات يوق. ئىككى نەپەر قىزنىڭ پۇل ۋە ھەميانلىرىنىڭ بۇلانغان ۋە ياكى بۇلانمىغانلىقى نامەلۇم» دېيىلگەن. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئىككىسى ساۋاقداشلاردىن بولۇپ، كېلەر يىلى مەكتەپ پۈتتۈرىدىكەن، ئىككىلىسىلا بانكىدىن خىزمەت تاپقان قىزلار ئىكەن. ياپونىيەدىكى باشقا تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە ۋەقەدە قاتتىق يارىلانغان قىز تېراماتسۇنىڭ ئائىلىسى ياپونىيە مەتبۇئاتلىرنىڭ قىسقا زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئىككى نەپەر قىزنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 6-كۈنى تۈركىيەگە سەپەر قىلغانلىقىنى ۋە 19-سېنتەبىر ياپونىيە قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«كيودو ئاگېنتلىقى» نىڭ 10-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە: تۈركىيەدىكى ياپونىيە ئەلچىخانىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا جىنايەت گۇماندارلىرى تۇتۇلغان. شۇنداقتىمۇ ياپونىيە ھۆكۈمىتى بۇنى دەلىللەشكە تىرىشىۋاتىدۇ دېيىلگەن.

كيودو ئاگېنتلىقىنىڭ تۈركىيە ئاناتولىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن نەقىل ئالغان خەۋىرىدە، مەزكۇر ۋەقەگە چېتىشلىق دەپ ئىككى كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى، ئۇلارنىڭ رەسىملىرى يارىلانغان قىزغا كۆرسىتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن بولۇپ، جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ جىنسىي ھەۋەسنى قوزغىتىش دورىسى ۋە ياكى مەست قىلىش زەھەرلىك دورىلىرىنى ئىستېمال قىلغانلىقى ئېھتىماللىققا يېقىن، دەپ قارالغان.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.