مەلۇمكى، مىليونلىغان ئادەم قۇربان بولغان ۋە ئىنسانلارغا دەھشەتلىك ۋەيرانچىلىقلار ئېلىپ كەلگەن بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى يىللىرى يەتتىسۇدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار دەسلەپ چار رۇسىيەسىگە، ئاندىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھەم قولىغا قورال تۇتۇپ، ھەم ئارقا سەپتە تىنماي ئەمگەك قىلىپ، ئىنتايىن كۆپ ياردەم قىلغان ئىدى. شۇ جۈملىدىن قوشنا ئۇيغۇر ئېلىمۇ بۇنىڭدىن خالى ئەمەس. بىر نەچچە يىللارغا سوزۇلغان بۇ ئۇرۇشلار نەتىجىسىدە مىڭلىغان ئۇيغۇرلار قانلىق جەڭلەردە قۇربان بولدى، ناكا بولدى، يىتىم قالدى.
مەلۇمكى، تۆرت يىلغا سوزۇلغان سوۋېت - گېرمان ئۇرۇشىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ فاشىزم ئۈستىدىن ئۈزۈل - كېسىل غەلىبە قازىنىشىغا ئەمگەكچى خەلق ئۆزىنىڭ سالماقلىق ھەسسىسىنى قوشقان ئىدى. شۇ جۈملىدىن قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان ۋە تۈركمەنىستان جۇمھۇرىيەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ ھەم ئۇرۇش مەيدانىدا، ھەم ئارقا سەپتە قەھرىمانلىقنىڭ ئاجايىپ ئۈلگىسىنى كۆرسەتتى. بۇ جەرياندا ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قېرىنداشلىرىمۇ چەتتە قاراپ تۇرماي، ئادەم كۈچى ۋە ماددىي جەھەتتىن قوللىغان ئىدى.
ئۇيغۇرلار ئىلگىرىمۇ، يەنى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا رۇسىيەگە كۆپ ياردەم قىلغان. ئەنە شۇ ئىككى دەھشەتلىك ئۇرۇشتا مىڭلىغان ئۇيغۇرلار ئۆز جېنىنى قۇربان قىلغان ئىدى. ئەمما، ئەپسۇسكى، چار رۇسىيەسى دەۋرىدىمۇ، سوۋېت دەۋرىدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ قەھرىمانلىقى يېتەرلىك دەرىجىدە ئۆگىنىلمىدى، ئۇنىڭغا مۇناسىپ باھا بېرىلمىدى.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان يازغۇچى ئابدۇخالىق ماھمۇدوف بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
0:00 / 0:00