«مەن ناخشىلىرىم بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى ۋە ئۇيغۇر تىلىنى ياۋروپاغا ئاڭلاتتىم. نورۋېگىيەدىكى مىڭلارچە ماھىرلار ئارىسىدىن تاللىنىپ 2015 - يىللىق نورۋېگىيە تالانت مۇنبىرىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتىم. 11 - ئاينىڭ 13 - كۈنى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە تاللانغان 54 ماھىر نەق مەيداندا ئۆز ماھارەتلىرىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسىتىدۇ. مەن پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ ئىككى مىنۇت ۋاقتىنى چىقىرىپ ناخشامغا ھەمبەھر بولۇشىنى ۋە مېنىڭ ئۈچۈن ئاۋاز بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!...»
ياش ناخشىچى ئېلدوس غەيرەت رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا يوقىرىقى بايانلار بىلەن ئۆز سۆزىنى باشلىدى.
ئۇ ئۆزىنىڭ بىرىنچى قېتىم نورۋېگىيەدىكى «تالانت سەھنىسى» ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان چاغدا تولىمۇ جىددىيلەشكەنلىكىنى، ئەمما كېيىنچە ئۆزىدە ئىشەنچ ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ ئۆزىنىڭ نورۋېگىيەدىكى «تالانت سەھنىسى» دە ئورۇندىغان «يۇرتۇم» ۋە «ئانا» قاتارلىق ناخشىلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«بۇ ناخشىلارنى مەن كىچىك چاغلىرىمدا ۋەتەندە ئاڭلىغان ۋە خاتىرەمدە ساقلاپ كەلگەن ئىدىم. بۇ ناخشىلارنى ئەينى چاغدىكى ئاممىباب ناخشا ئېيتىدىغان ياش چولپانلار ئورۇنلىغان ئىدى. مەن نورۋېگىيەگە كەلگەندىن كېيىن بۇ ناخشىلارنى ياۋروپانىڭ سەنئەت مۇھىتىغا ماسلاشتۇرۇپ، تېكىست ۋە مېلودىيە جەھەتتىن مەلۇم دەرىجىدە ئۆزگەرتىش ئېلىپ باردىم. ناخشا تېكىستىنى ھەم نورۋىش تىلىدا ھەم ئۇيغۇر تىلىدا ئارىلاشتۇرۇپ ئېيتىشتەك بىر ئۇسلۇبنى تاللىۋالدىم. ئالدىنقى بىرقانچە قېتىملىق سەھنە ماھارىتىمدە بۇنىڭ ئۈنۈمىنى ھېس قىلدىم. ناخشا تېكىستلىرىنى نورۋىش تىلىغا تەرجىمە قىلىشتا ھەم نورۋېگىيەلىك تىل ئوقۇتقۇچىلىرىم ھەم ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىم كۆپ ياردەمدە بولدى.»
ئېلدوس زىيارىتىمىز جەريانىدا يەنە مۇنۇلارنى ئىلگىرى سۈردى:
«مەن ھەر قېتىم نورۋېگىيە سەھنىسىدە ناخشا ئورۇنلىغان چېغىمدا باھالىغۇچىلار بىلەن تاماشابىنلارنىڭ مېنىڭ كىملىكىمگە قىزىقىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. ھېلىمۇ ئېسىمدە، دەسلەپكى قېتىملىق ماھارەت كۆرسىتىش سەھنىلىرىدە ئۇلار مەندىن قايسى ئەلدىن كەلگەنلىكىم ۋە قانداق تىلدا سۆزلەيدىغانلىقىمنى كۆپ سورىدى. مەنمۇ ناھايىتى ئىپتىخارلىق بىلەن: "مەن شەرقىي تۈركىستاندىن كەلدىم. مەن ئۇيغۇر ھەم ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەيمەن!" دېگەن چۈشەنچىلەرنى بەردىم. ئۆزۈممۇ سەھنىگە كانۋاي كۆينەك كىيىپ چىقتىم. ھازىر نورۋېگىيەدىكى كۆپلىگەن تاماشابىنلار ناخشام ئارقىلىق ھەم مېنى ھەم ئۇيغۇر مىللىتىنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتى.»
ئاخىرىدا ئېلدوس بىزنىڭ «يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە بىرقانچە كۈنلا قالغان مۇشۇ پەيتتە ئۆزىڭىزنى قانداق ھېس قىلىۋاتىسىز، جىددىيلىشىۋاتامسىز؟» دېگەن سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى:
«بىرقانچە كۈندىن بۇيان پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر جامائىتىدىن ھەر خىل ئۇسۇل ۋە شەكىللەردىكى مەدەت بېرىش ھەم قوللاش ئۇچۇرلىرىنى تاپشۇرۇۋالدىم. ئۇلار تېلېفون بېرىش، ئۇچۇر يوللاش ياكى فېيسبۇك ئارقىلىق سالام يوللاش ئارقىلىق مېنى قوللىدى. مەن تونۇمايدىغان شۇنچە كۆپ ئاكا - ھەدىلىرىم ۋە چوڭ - كىچىك ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىم "ئارقاڭدا ساڭا تىرەك بولىدىغان بىز بار" دەپ مېنى روھىي جەھەتتىن خاتىرجەم قىلدى. ھەتتا ۋەتەن ئىچىدىنمۇ كۆپلىگەن قوللاش ئۇچۇرلىرىنى تاپشۇرىۋالدىم. مەن مۇشۇ مىنۇتلاردا شۇنچە خاتىرجەم ھەم ئۆزۈمگە بولغان تولۇق ئىشەنچنى ھېس قىلىۋاتىمەن، چۈنكى مېنىڭ كەينىمدە مېنى قوللايدىغان ئۇلۇغ بىر خەلق تۇرماقتا. خەلقىمنىڭ ماڭا بېرىۋاتقان مەدەتلىرى بارلىق جىددىيلىكلىرىمنى يوق قىلىپ، ئۆزۈمگە بولغان ئىشەنچىمنى ئارتقۇزماقتا.»
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.
0:00 / 0:00