ئىلھام ماھمۇت: ياپونىيەدىكى ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تەشۋىق قىلىمىز

0:00 / 0:00

ياپونىيەدە نەشر قىلىنىدىغان «مەتبۇئاتلىرى ئۇچۇر ئاشكارىلىمايدىغان خىتاي، كورېيە ۋە شىمالىي كورېيە» ناملىق سىياسىي ژۇرنالنىڭ بۇ پەسىللىك سانىنىڭ مۇقاۋىسىغا خىتاي، كورېيە ۋە شىمالىي كورېيە رەھبەرلىرىنىڭ سۈرىتى بېرىلگەن.

مۇقاۋىنىڭ ئاستى قىسمىغا بولسا ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ۋە تەيۋەن قاتارلىقلارنىڭ تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىنىڭ سۈرىتىمۇ قوشۇپ كىرگۈزۈلگەن.

مۇقاۋىدا يەنە «ياپونىيە خەتەرلىك»، «خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 92 يىللىق تاجاۋۇزچىلىق تارىخى» دېگەندەك تېمىلاردىكى ماقالىلەرنىڭ سەرلەۋھەسىمۇ كۆرسىتىلگەن.

مەزكۇر ژۇرنالدا ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ۋە تەيۋەن قاتارلىقلارنىڭ ياپونىيەدىكى تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت خاتىرىلىرىگىمۇ ئورۇن بېرىلگەن.

ژۇرنالدا ياپونىيەدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام ماھمۇت بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ساقلىنىۋاتقان تۈرلۈك ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي مەسىلىلەر ئۈستىدىكى ئەتراپلىق مۇلاھىزە ‏- سۆھبەت خاتىرىسىمۇ كىرگۈزۈلگەن.

تىبەتلەردىن پروفېسسور پىما گارپۇر ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن تىبەتلەرنىڭ كەلگۈسى تەقدىرى ۋە خىتاينىڭ ھازىرقى تىبەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرى توغرىسىدىكى سۆھبەت خاتىرىسى، ئۇندىن باشقا موڭغۇل تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى دائىچىن بىلەن ئۆتكۈزگەن ئىچكى موڭغۇلدىكى موڭغۇللارنىڭ ھازىرقى سىياسىي ئەھۋالى ھەققىدىكى سۆھبەت خاتىرىسىمۇ بېرىلگەن.

مەزكۇر ژۇرنالدا يەنە، ياپونىيەدە كۆزگە كۆرۈنگەن تەيۋەنلىك ئوبزورچى ۋە يازغۇچى خۇاڭ ۋېنشۇڭ ئەپەندىنىڭ تەيۋەننىڭ تەقدىرى، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ تەيۋەنگە قاراتقان سىياسەتلىرى توغرىسىدىكى تەپسىلىي سىياسىي ئانالىزلىرىغىمۇ ئورۇن بېرىلگەن.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، مەزكۇر ژۇرنال تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان سۆھبەتكە ئىشتىراك قىلغان، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام ماھمۇت بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.