2014-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىدا مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىدىن پارلامېنت ئەزاسى بولغان سىنان ئوگان ئەپەندى سۆز قىلىپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ۋە پارلامېنت تارمىقىدىكى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنى ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلمىگەنلىك بىلەن ئەيىبلەپ تەنقىد قىلدى شۇنداقلا تۈركىيە كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنى ئىلھام توختىغا ئىگە چىقىشقا چاقىرىق قىلدى.
پارلامېنت ئەزاسى سىنان ئوگان پارلامېنتتا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: شەرقىي تۈركىستاندا مۇسۇلمان تۈرك بولۇشتىن باشقا، ھېچقانداق جىنايىتى بولمىغان ئىنسانلىرىمىز 70 ياشلىق ئانىسى بىلەن تۇتۇلۇپ تۈرمىگە قامىلىۋاتىدۇ. ئىلھام توختى تۈرمىگە قامالدى. ئىسكەنجىگە ئۇچرىدى، ئەمما تۈركىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى باشلىقى ئايخان سەفەر ئۈستىننىڭ بىر تال قىلىمۇ تەۋرىمىدى. ئايخان سەفەر ئۈستۈن بىلەن بەس-مۇنازىرە قىلىمەن، ئايخان سەفەر ئۈستۈن تۈركىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن پارلامېنتتا مۇنبەرگە چىقىپ بۇ ھەقتە تۈرك خەلقىگە جاۋاب بېرىشى كېرەك.
ئوخشاش كۈندە يەنە، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىدىن پارلامېنت ئەزاسى نەۋزات قورقماز ئەپەندى پارلامېنتتا سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا توختالدى ۋە 2013-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى بىر-بىرلەپ تىلغا ئالدى.
نەۋزات قورقماز ئەپەندى تۈركىيە ھۆكۈمىتى باش مىنىستىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا خىتاب قىلىپ، ئۇلارنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى قەتلىئاملارغا سۈكۈت قىلغانلىق بىلەن ئەيىبلىدى ۋە ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىق قىلدى.
نەۋزات قورقماز ئەپەندى سۆزىدە يەنە، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمغا ۋىزا بەرمىگەنلىكى ۋە تۈركىيەگە كىرىشىنى چەكلىگەنلىكى بىلەن ئەيىبلىدى ھەمدە بۇ قىلمىشلىرىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تۈزىتىپ رابىيە قادىرنىڭ تۈركىيەگە كىرىشىگە رۇخسەت بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.
نەۋزات قۇرقماز سۆزىدە يەنە، ئىلھام توختىنىڭ تۈرمىگە قامالغانلىقىنى، شۇندىن بۇيان قەيەردە ئىكەنلىكى توغرىسىدا ھېچقانداق ئۇچۇر ئېلىنمىغانلىقىنى، قەيەردە ئىكەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەيدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش يولىدا تۈرمىگە قامالغان ئىلھام توختىنىڭ ھېچقانداق جىنايىتى يوقلۇقىنى، پۈتۈن دىكتاتور ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئۇسۇلى بويىچە، ئۇنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلدى دەپ گۇمانلىنىپ قولغا ئالغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە مۇنداق دېدى: كۆزلىرى تۇرۇپ كۆرمىگەن، قۇلاقلىرى تۇرۇپ ئاڭلىمىغان تۈركىيەدىن باشقا پۈتۈن ئۇيغۇر دۇنياسى بۇ ۋەقەنى ئاڭلىدى، كۆردى ۋە ئورنىدىن دەس تۇردى.
ئۆتكەن ھەپتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت تۈركىيە پارلامېنتىنى زىيارەت قىلىپ نەۋزات قۇرقماز ئەپەندى قاتارلىق بىر تۈركۈم پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۇچراشتى ۋە ئۇلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا دوكلات سۇنۇش بىلەن بىرگە، ئىلھام توختىنىڭ ناھەق تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ 548 پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ 52 پارلامېنت ئەزاسى بار، بۇ پارتىيە مۇخالىپ، ئۆكتىچى پارتىيە سۈپىتىدە خىزمەت قىلماقتا.
مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى تۈرك دۇنياسى بىرلىكى قۇرۇشنى ئاساسىي غايىسى دەپ قارايدىغان پارتىيە بولۇپ، تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشنى خىزمەت پرىنسىپى دەپ قارايدۇ ۋە شۇ بويىچە خىزمەت قىلىدۇ.
تۈركىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئۇيغۇر دىيارىغا ھەيئەت ئەۋەتىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ھەققىدە قارار ئالغان بولسىمۇ، بۇ ھەقتە ھازىرغىچە ئاخباراتلاردا ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىدى.