تۈركىيىنىڭ ئەپيۇن قاراھىسار شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن، «تۈركىيە ۋە تۈرك دۇنياسى» دېگەن يىغىندا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىلھام توختى ئۈچۈن قايتىدىن ۋە ئادىل سوت ئېچىشى چاقىرىق قىلىندى.
3 كۈن داۋام قىلغان بۇ يىغىن 2014 - يىلى 9 - نويابىر يەكشەنبە كۈنى ئاخىرلاشتى. يىغىن ئاخىرىدا تۈرك دۇنياسى خەلقلىرىنىڭ مەسىلىلىرىگە ئالاقىدار ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىر - تەكلىپ ۋە تەلەپلەر يىغىن كېڭەش ھەيئىتى تەرىپىدىن قارارلاشتۇرۇلۇپ «تۈرك دۇنياسى خىتابنامىسى» دېگەن نامدا ئېلان قىلىندى.
يىغىندا ئۇيغۇر ۋەكىللەر تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار 10 ماددىلىق تەلەپ ۋە تەكلىپلەر سۇنۇلغان بولۇپ بۇ تەلەپ ۋە تەكلىپلەردىن بىر قانچە تۈرى قوبۇل قىلىندى ۋە يىغىننىڭ خۇلاسە دوكلاتىدا ئېلان قىلىندى.
يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇر ۋەكىللەر، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا 10 ماددىلىق تەلەپ ۋە تەكلىپ يېزىپ تۈرك دۇنياسى كېڭەش ھەيئىتگە سۇندى.
يىغىنغا مىللەت پارتىيىسىنىڭ ئاساسىي قاتلام رەھبەرلىرى، 81 شەھەردىكى شۆبە رەئىسلىرى، مىللەت پارتىيىسىنىڭ ئىدارە ھەي'ئەت رەھبەرلىرى ۋە ئەزالىرى بولۇپ 300 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
يىغىندا تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرى توغرىسىدا جەمئىيەت رەئىسلىرى ۋە ئىلمىي تەتقىقاتچىلار سۆز قىلدى.
يىغىندا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا توختالدى ۋە ئۇيغۇرلارنڭ ھازىرقى قىيىن مەسىلىلىرىنى ئاڭلاتتى.
يىغىندا ئالدى بىلەن تۈركىيىنىڭ مەشھۇر سىياسىيونى مىللەت پارتىيىسىنىڭ رەئىسى ئايقۇت ئەدىبئالىي، سابىق مىنىستىرلاردىن ئابدۇلخالىق چاي، ئەنىس ئۆكسۈز، خېلىل شىۋگىن، تۈرك پارلامېنتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھەسەن قورقمازجان، يازغۇچى زەكەرىيا كىتابچى، پروفېسسور سالىھ ئاينۇرال، پروفېسسور ئەكرەم سائەتچى ئوغلى، ئىسمائىل جىنگىز قاتارلىق رەھبەرلەردىن تەركىپ تاپقان بىر كېڭەش ھەيئىتى تەشكىللەندى ھەم سەھنىدىكى ئورۇنلىرىنى ئالدى.
يىغىندا سۆز قىلغۇچىلاردىن مىللەت پارتىيىسىنىڭ رەئىسى ئايقۇت ئەدىبئالى، گەبزە ئالى تېخنىكوم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ رېكتورى پروفېسسور سالىھ ئاينۇرال، سابىق سەھىيە مىنىستىرى خېلىل شىۋگىن قاتارلىق كىشىلەرمۇ سۆزىدە ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تەكىتلىدى.
يىغىن زالىغا چوڭ ئېكران قويۇلغان بولۇپ، ئېكراندا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى ئۆز ئىچىگە تۈرك دۇنياسىنىڭ ھەر قايسى دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ بايراقلىرى نۆۋەت بىلەن ئالمىشىپ كۆرۈنۈپ تۇردى.

بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا يىغىنغا قاتناشقان، تۈركىستانلىقلار مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەكبەر ياسا بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يىغىن ئاخىرىدا «تۈرك دۇنياسى خىتابنامىسى» ياۋرو - ئاسىيا تۈرك جەمئىيەتلەر فېدېراتسىيەسى رەئىسى ئىسمائىل جىنگىز تەرىپىدىن ئوقۇپ ئۆتۈلدى.
مەزكۇر خىتابنامىنىڭ 14 - ماددىسىدا ئىلھام توختى ئۇچۇن قايتىدىن سوت ئېچىلىشى ۋە ئادىل ھۆكۈم چىقىرىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلگەن: «ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئاساسى قانۇنىدا يېزىلغان كىشىلىك ھوقۇقلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە بېرىلمىگەنلىكى توغرىسىدا سۆز قىلغانلىقى، ماقالە يازغانلىقى سەۋەبىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر ئاكادېمىك ئىلھام توختىغا قايتىدىن ۋە ئادىل سوت ئېچىلىشى ئۈچۈن خەلقئارالىق ئىدارە - ئورگانلارنى خىتاي دائىرىلىرى بىلەن سۆزلىشىشكە چاقىرىق قىلىدۇ.»
2014 - يىلى 11 - ئاينىڭ 7 - كۈنىدىن 9 - كۈنىگىچە 3 كۈن داۋام قىلغان بۇ يىغىننىڭ ئىككىنچى كۈنىدىكى يىغىلىشتا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ۋەكىللەردىن، تۈركىيە ۋە ئىراق تۈركمەنلىرى، ئەزەربەيجان، نوغاي، بۇلغارىستان ۋە سىپرۇس تۈركلىرى، قاراقالپاق تۈركلىرى، ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېكلەرنىڭ ۋەكىللىرى سۆز قىلىپ ئۆز خەلقلىرىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە ھازىرقى ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى.

يىغىننىڭ ئاخىرقى كۈنى تۈرك دۇنياسى كېڭەش ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى يىغىننى خۇلاسىلەپ سۆز قىلدى. پروفېسسور ئەنىس ئۆكسۈز ئەپەندى سۆزىدە تۈرك دۇنياسىدا ئورتاق تىل ۋە يېزىق قوللىنىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. سابىق سەھىيە مىنىستىرى خېلىل شىۋگىن، تۈركىيىنىڭ ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرىنى ئاڭلاتتى، ئۇ سۆزىدە، رۇسىيىدە ۋە خىتايدا نۇرغۇنلىغان تۈركلەرنىڭ بېسىم ۋە زۇلۇم ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقىنى ئۇلارنىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنىڭ ھەل - چارىلىرىنى تەپسىلى ئوتتۇرىغا قويدى. سابىق تۈركىيە پارلامېنت رەئىسى ۋە ھازىرقى تۈرك پارلامېنت ۋەكىللەر بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھەسەن قورقماز ئەپەندى، تۈركىيە ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ بۈيۈك تۈرك مىللىتىنىڭ تۈرك دۇنياسى بىرلىكىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ ۋەزىپىنى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. ئاخىرىدا مىللەت پارتىيىسىنىڭ رەئىسى ئايقۇت ئەدبىئالى سۆز قىلىپ، تۈركىيەنىڭ ۋە تۈرك - ئىسلام دۇنياسى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ قانىغان جاراھەتلىرىنىڭ تۈركى خەلقلەرنىڭ باشچىلىقىدا ھەل بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
ئىسمائىل جىنگىز «تۈرك دۇنياسى خىتابنامىسى» نىڭ باشتا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىگە، تۈرك - ئىسلام تەشكىلاتلىرىغا، رۇسىيە، ئامېرىكا، كانادا، رۇسىيە ۋە پۈتۈن بۇ مەسىلىلەرگە ئالاقىدار دۆلەتلەرگە سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
18 ماددىلىق خىتابنامىنىڭ بىرىنچى ماددىسىدا مۇنداق دېيىلگەن: تۈركىيە بىلەن تۈركىي دۆلەتلەر ۋە قېرىنداش خەلقلەر ئوتتۇرىسىدا مائارىپ، مەدەنىيەت - سەنئەت، ئىقتىساد، سودا ئالاقە، ساياھەت ساھەلەردە ھەمكارلىقنىڭ كۈچەيتىلىشىنى، تىلدا، پىكىردە، ئىش - ھەرىكەتتە بىرلىك شوئار ئاستىدا ھەر ساھەدە مۇناسىۋەتلەرنىڭ كۈچەيتىلىشى، تۈركىيە جۇمھۇرىيەتلەر ئوتتۇرىسىدا ھەر ساھەدە قۇلايلىق يارىتىلىشى قۇرۇلتايىمىزنىڭ ئاساسى مەقسىتى ۋە نىشانى بولدى.
خىتابنامىنىڭ 4 - ماددىسىدا تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا تىل بىرلىكىنىڭ ۋە سۆزلىشىش بىرلىكىنىڭ قۇلايلىق يارىتىلىشى ئۈچۈن يېزىق بىرلىكىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ئۈچۈن دۆلەت ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار بىلەن ئورتاق خىزمەت قىلىشقا چاقىرىق قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
5 - ماددىدا بولسا تۈرك دۇنياسىنىڭ ئورتاق قىممەت قاراشلىرىغا ئىگە چىقىش كېرەكلىكى، تۈركلەرنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيىتىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئۈچۈن جالالىدىن رۇمى، ئىبنى سىنا، مەھمۇت قەشقىرى يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەلىشىر ناۋايى قاتارلىق بۈيۈكلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن تۈرك دۇنياسى ئىنستىتۇتى قۇرۇشنى قوللايدۇ، دېيىلگەن.
11 - ماددىدا مۇنداق دېيىلگەن: شەرقىي تۈركىستان، سۈرىيە ۋە ئىراق تۈركمەنلىرى، قاراباغدىكى قېرىنداشلىرىمىزغا قارىتا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلەرنى يېقىندىن كۆزىتىش كېرەكلىكىنى، تۈركىيە پارلامېنتى تارمىقىدىكى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنى بۇ دۆلەتلەر بىلەن سۆزلىشىشنى ۋە كۆزىتىش ھەيئىتى ئەۋەتىشكە چاقىرىق قىلىدۇ.
بىز يىغىن ئاخىرىدا مىللەت پارتىيىسىنىڭ رەئىسى ئايقۇت ئەدىبئالى ئەپەندىدىن ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدىكى پىكىر - قاراشلىرىنى ئالدۇق. رەئىس ئايقۇت ئەدىبئالى، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قانداق قارايسىز؟ دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋىتىدە خىتايغا ھۆرمىتىمىز بار، بىزنىڭ خىتاي دائىرىلىرىدىن بىرلا تەلىپىمىز بار، ئۇ بولسىمۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تىلىغا، دىنىغا ۋە كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشىنى ئالاھىدە تەلەپ قىلىمىز، بىزنىڭ خىتاي سىياسىتىمىز بۇ قىممەت قاراشلارنى ئاساس قىلىدۇ. قېرىنداشلىرىمىزغا ياخشى قارىغان تەقدىردە خىتايغا بولغان ھۆرمىتىمىز ئاشىدۇ ۋە تۈركىيىنىڭ پۈتۈن ئىمكانلىرىنى خىتايلارغا ئاچىمىز. دوستلۇقىمىزنىڭ ئاساسىي پرىنسىپى بۇنىڭدىن ئىبارەت. خىتاي ئۈچۈن تۈركىيىنىڭ قەلبىنى ئۇتۇشنىڭ بىرلا يولى بار ئۇ بولسىمۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىز بىزنىڭ ئامانىتىمىز ئىكەنلىكىنى بىلىشى كېرەك ۋە ئامانەتكە ياخشى قارشى كېرەك.»