توكيونىڭ شەھەر باشلىقى ئىنوسې 27 - ئاپرېل «نيۇيورك ۋاقت گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئىسلام ئەللىرىگە ۋە تۈركىيىگە قىلغان تەنقىدى سۆزلىرى ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، 30 - ئاپرېل ئۆز ئىشخانسىدا مەتبۇئات ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قىلغان تەنقىدىي سۆزلىرى ئۈچۈن ئەپۇ سورىغان.
ئۇ شۇ كۈنى ياپونىيىدىكى كەچلىك تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ ئىستانبۇلغا كۆپ بارغانلىقىنى، ئىستانبۇلنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ئۇنىڭ نيۇيورك ۋاقت گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان سۆزىدىن كېيىن ياپونىيە مەتبۇئاتلىرى،تېلېۋىزىيە قاناللىرى ۋە تور بەتلىرىدە بۈگۈن يەنە قايتىدىن بۇ مۇنازىرە ئۈستىدە ئوت يېقىلىپ كەتتى.
ياپونىيىلىك تۈركىي مىللەتلەر جۇغراپىيە تەتقىقاتچىسى تاكۇيا بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
- ئىنوسېنىڭ تۈركىيىگە قىلغان بۇ تەنقىدى سۆزلىرى يالغۇز تۈركىيەگىلا ئەمەس، بەلكى شەرقىي تۈركىستان، مەركىزى ئاسىيادىكى جۈملىدىن بارلىق تۈركىي مىللەتلەر دۇنياسىغا قىلىنغان تەنقىد دەپ ئويلايمەن.
1 - ماي كۈنى ئەتىگەندە ياپونلار ياخشى كۆرۈدىغان تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن بىرى بولغان ج ن ن قانىلىنىڭ ئەتىگەنلىك «ئاسازېبا»خەۋەرلەر مۇلاھىزە پروگراممىسىدا داڭلىق تېلېۋىزىيە خەۋەرلىرى رىياسەتچىسى مىنو مونتا ئەپەندى توكيو شەھەر باشلىقىنىڭ ئىسلام ئەللىرى، تۈركىيە ھەققىدە قىلغان تەنقىدى سۆزلىرى ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ: «توكيو شەھەر باشلىقى ئىنوسېنىڭ ئەپۇ سورىشىلا كۇپايە قىلمايدۇ. ئۇ، ئولىمپىكتىن ۋاز كېچىپ،دەرھال شۇ پۇللارنى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان فۇكىشىما قاتارلىق ئۆلكىلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىشى كېرەك» دېدى.
ياپونىيىدىكى يازغۇچىلاردىن ئىتاگاكې ياپونىيە ياھوئو خەۋەرلەر تور بېتىدە « توكيو شەھەر باشلىقى ئىنوسې توكيونىڭ ئولىمپىككە ساھىپخان بولۇش نامزاتلىقىدىن ۋاز كېچىپ، ياپونىيەنىڭ يېقىن دوستى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈشىنى قوللىشى كېرەك.» دېگەن. ئۇ يەنە سۆزىدە: «توكيو شەھەر باشلىقى ئىنوسې تۈركىيە بىلەن ياپونىيەنىڭ مۇناسىۋىتىنى چۈشۈنەلمىگەن. ئۇ،ياپونىيەنىڭ كونا دوستى تۈركىيەگە ياپونىيەنى دۈشمەن قىلماسلىقى كېرەك. 7 يۈز مىليوندىن ئوشۇق نوپۇسقا ئىگە ئىسلام دۇنياسىغىمۇ ياپونىيىنى دۈشمەن قىلماسلىقى كېرەك. ئىنوسې ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىنى ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىغا ئوخشىتىپ، خاتا چۈشىنىپ قالغان. ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىنى ياپونىيەدىكىدەك سىياسەتچىلەر، ئەمەلدارلار ۋە پۇلدارلار كونترول قىلالمايدۇ.» دېگەن.
ئۇزۇن يىللار ئامېرىكىدىكى ك ن ن تېلېۋىزىيە قانىلىدا مەسلىھەتچى بولغان ياپونىيىلىك يازغۇچى تاماسا بۇرا،yahoo.com خەۋەرلەر تور بېتىدە: 2020 - يىلى ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئەگەر توكيودا ئۆتكۈزۈلمىسە، بۇ شەھەر باشلىقى ئىنوسېنىڭ خاتالىقى ۋە مەسئۇللىيىتى بولىدۇ. ئىنوسې ئۆزى بىر يازغۇچى، كۆپ قېتىم ئەسەرلىرى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئۇ، يازغۇچى بولغاندىكىن ئەلۋەتتە تىل جەھەتتىن خاتالاشماسلىقى كېرەك. ئۇ،«نيۇيورك ۋاقت گېزىتى» گە قىلغان سۆزىدىن تېنىۋالغان. مەزكۇر گېزىت سوتقا چۈشۈشكە تەييارلىنىپ، ئىنوسېنىڭ ئۈنئالغۇغا ئېلىنغان سۆزىنى ئاشكارىلىماقچى بولغان. ئەمما ئۇ، ئۆزى ئېيتقان سۆزلەرنىڭ ئاللىقاچان ئۈنئالغۇغا ئېلىنغانلىقىنى بىلمەي قالغان.» دېگەن. ئۇ يەنە: «ئىنوسې، ئىسلام دۇنياسى بىلەن، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا ياپونىيىنى دۈشمەن قىلىپ قويدى» دەپ ئەسكەرتكەن.
29 - ئاپرېل كۈنى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ياپونىيە ئولىمپىك كومىتېتىغا خەت يېزىپ، توكيو شەھەر باشلىقى ئىنوسېنىڭ ئېيتقان تەنقىدىي سۆزلىرىنى تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاشنى ئۆتۈنگەن. ياپونىيە ئولىمپىك كومىتېتى 30 - ئاپرېل دەرھال توكيو شەھەر باشلىقى ئىنوسېنىڭ تەنقىدىي سۆزى ئۈچۈن ئەپۇ سوراپ، خەلقئارا ئولىمپىك تەنھەركەت كومىتېتىغا مەكتۇپ يوللىغان.
ياپونىيىدە تونۇلغان خەلقئارا دىپلوماتىيە تەھلىلچىسى ئاماكې نائوتو مەتبۇئاتلارغا قىلغان سۆزىدە: «توكيو ئولىمپىككە ساھىپخانلىق قىلىش سالاھىيىتىدىن ۋاز كېچىشى كېرەك» دېگەن. ئۇندىن باشقا ئاساھى شىنبۇن گېزىتى:«ئىنوسېنىڭ سۆزى توكيونى ئولىمپىكتىن يىراقلاشتۇردى» دېگەن سەرلەۋىلىك ماقالىدە ئېلان قىلغان. سانكېن شىنبۇن گېزىتىدە:« ياپونىيە ئولىمپىك كومىتېتى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا ۋەدە بەردى» دېگەن ماۋزۇدا ماقالە ئېلان قىلغان. مىنا مى نىھون گېزىتىدە دېيىلىشىچە: ئاسىيا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى مۇسۇلمان مەملىكەت كۇۋەيت پادىشاھلىقىنىڭ جەمەتىدىن بولغان ئەخمەد. ئەمدى توكيونىڭ شەھەر باشلىقى ئىنوسې ئولىمپىككە ساھىپخانلىققا تاللىنىشى ئۈچۈن ئاسىيا قىتئەسىنى بىر نەچچە قېتىم ئايلىنىپ، يۈگۈرۈپ، ھەممىسىدىن ئەپۇ سورىشى كېرەك.
ماينىچى شىنبۇن گېزىتىنىڭ 1 - مايدىكى سانىدا بىلدۈرۈشىچە، پەيشەنبە كۈنىدىن باشلاپ تۈركىيىدە ئىككى كۈن زىيارەتتە بولىدىغان ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابېنىڭ زىيارىتى جەريانىدا، توكيو شەھەر باشلىقى ئىنوسېنىڭ قىلغان تەنقىدىي سۆزلىرىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە تەسىر كۆرسىتىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ قانچىلىك بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىغا ياپونىيە ھۆكۈمەت تەرەپتىن سۇگانىڭ بەرگەن باياناتىدا: «بۇنىڭ، باش ۋەزىر ئابېنىڭ تۈركىيە زىيارىتىگە تەسىرى بولمايدۇ. ئەمما تۈركىيە تەنتەربىيە ئىشلىرى مىنىستىرى سۇئات قىلىچ ئىنوسېنىڭ تەنقىدىي سۆزلىرىگە نارازى بولغان. بىز بۇنى مەسىلە دەپ ئويلىمايمىز. تۈركىيە ياپونىيە ئۈچۈن مۇھىم دۆلەت. بولمىسا باش ۋەزىر نېمە ئۈچۈن زىيارەتكە بارىدۇ؟ ئەگەر ئارىمىزدا ئۇقۇشماسلىق بولسا دەرھال ئۆز - ئارا سۆزلىشىپ، ھەل قىلىمىز» دېيىلگەن.
ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابېنىڭ تۈركىيە زىيارىتى ئالدىدا تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ ۋە تۈركىيىدىكىلەرنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان قاراشلىرىنى بىلىش ئۈچۈن تۈركىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.
0:00 / 0:00