ئىئوردانىيەدە نوپۇسى 60 تىن ئاشىدىغان بىر جەمەت ئۇيغۇر ياشاۋاتقانلىقى ئېنىقلاندى

0:00 / 0:00


بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدە ئىئوردانىيەدە 60 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياشايدىغانلىقى ھەققىدە بىر ئۇچۇر تارقالدى، مۇخبىرىمىزنىڭ بۇنىڭغا ئاساسەن ئېنىقلىشى داۋامىدا، ئىئوردانىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر جەمەت كىشىلىرى ئىكەنلىكى، سانىنىڭ 60تىن ئاشىدىغانلىقى، 1973 - يىلدىن باشلاپ پايتەخت ئامماندا ياشاۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى. نۆۋەتتە پىششىق خىش ۋە مەرمەر تاش قاتارلىق قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بۇ جەمەت، 1956 - يىلى يەكەندىن پاكىستانغا ھىجرەت قىلغان ئۇيغۇر باي بالىلىرىدىن مەرھۇم سېيىت ئابدۇللاخاننىڭ ئۇرۇغ - ئەۋلادلىرى ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، سېيىت ئابدۇللاخان 2006 - يىلى ئىئوردانىيەدە ۋاپات بولغان، مەرھۇمنىڭ پاكىستاندا تۇغۇلغان 7 پەرزەنتى ۋە ئىئوردانىيەدە تۇغۇلۈلغان 40نەچچە نەۋرىسى نۆۋەتتە ئۇيغۇر كىملىكى بىلەن ۋە ۋەتەن - شەرقى تۈركىستان ھەسرىتى بىلەن ياشىماقتا. مەرھۇمنىڭ چوڭ ئوغلى - جەمەتنىڭ بېشى سېيىت نادىر ئەپەندى بۈگۈن مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئۆز جەمەتى ۋە ئۇلارنىڭ ئىوردانىيەدىكى ھاياتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.