ياپونىيەدە چىقىدىغان «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» ژۇرنىلىنىڭ 16-فېۋرالدىكى سانىغا مەزكۇر ژۇرنالنىڭ مۇخبىرلىرىدىن ئوئېم ماشۇنىڭ «ئوتتۇرا شەرقتە پۇلاڭلاۋاتقان خىتاي-ئىران شېرىن ئاي پانۇسى» ناملىق سىياسىي ئىقتىساد ماقالىسى ئېلان قىلىندى.
مەزكۇر ماقالىدە ئاساسلىقى ئىران، خىتاي ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرگە باھالار بېرىلگەن بولۇپ، بۇنىڭدا يەنە ئۇيغۇر مەسىلىسىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.
مۇخبىر ئوئېم ماشۇ ماقالىسىدە ئالدى بىلەن ئۆتكەن يىلى ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرى ئىرانغا يۈرگۈزگەن ئىقتىسادىي ئېمبارگونى بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، بۇنىڭدىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلانغان خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىراندىن كۆپلەپ ئىقتىسادىي نەپكە ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ بىر قىسىم ئانالىزلىرىنى بىرلەپ-بىرلەپ ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
خىتاي-ئىران مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختالغان ئاپتور ماقالىسىدە: «2015-يىلى ئىرانغا يۈرگۈزۈلگەن ئىقتىسادىي جازا بىكار قىلىنىش بىلەن تەڭ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرى ئىراندا زىيارەتتە بولدى. ئىران پرېزىدېنتى ھاسسان روھانىي بىلەن تېھراندا تەپسىلىي سۆھبەتلەشتى. ئىككى تەرەپ 25 يىللىق كۈچكە ئىگە بولغان 17 تۈردە كېلىشىم ھاسىل قىلىپ،ھاسسان روھانىي ئىككى دۆلەت سودا سوممىسىنى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزدى. بۇ يالغۇز ئىقتىسادىي تۈرلەر بويىچە تۈزۈلگەن كېلىشىملەر بولماستىن، بەلكى بۇنىڭ بىر قىسمى ھەربىي توختاملار ئىدى» دەيدۇ.
مۇخبىر ئوئېم ماشۇ ئىككى دۆلەت ئارىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىملەرنىڭ بىر قىسمىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتكەندە، خىتاي ئىراننىڭ تىنچلىق ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان يادرو ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشىغا،ئىران بولسا خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئىقتىساد پىلانىغا ياردەمدە بولىدىغانلىقىغا ۋەدە قىلغان.
ماقالىدە خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىرانغا قىلغان تۈرلۈك ياردەملىرى تەپسىلىي كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بۇنىڭدا 2009-يىلى ئىران خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىي جازاسىغا ئۇچرىغاندا،
خىتاي ئىراندىن نېفىت ئىمپورت قىلىشنى توختاتمىغان شۇنداقلا ئىران بىلەن مەخپىي كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، ئوتتۇرا شەرقتىكى سودا ئىشلىرىدا ئىران بانكلىرىدىن پايدىلانغان.
خىتاينىڭ ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇش جەھەتتىكى ھەرىكىتىدە ئىران بىلەن بىردەكلىكىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تەكىتلىگەن ئاپتور ماقالىسىدە: «خىتاي، ئىران بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇش پىكرىدە بولغانلىقى ئۈچۈن ئىراق بىلەن ئافغانىستانغا ياردەم بەرگەن» دەيدۇ.
ماقالىدە ئىراننىڭ ھەربىي ئىشلىرىدىن خەۋەردار ئەربابلارنىڭ بۇ جەھەتتە ئاشكارىلىغان بەزى بىر ئۇچۇرلىرىغىمۇ ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا دېيىلىشىچە، خىتاي ئىراننىڭ بەزى بىر چوڭ تىپتىكى ھەربىي قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنى ياساپ بېرىشكە ھۆددە قىلغان شۇنداقلا ئىراننىڭ 2008-يىلىدىن باشلاپ ئېلىپ بېرىۋاتقان يادرو ئاتوم ئېنېرگىيىسى تەتقىقاتىنى خىتاي ئۇران بىلەن تەمىنلىگەن.
خىتاينىڭ ئۇچۇر مەنبەلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، پۈتۈن خىتايدا يەتتە چوڭ ئۇران كانى مەۋجۇت بولۇپ، بۇنىڭدىكى ئۇراننىڭ زاپاس مىقدارى ۋە يىللىق ئىشلەپچىقىرىشى ئەڭ ئالدىدا تۇرىدىغان ئۇران كانى ئۇيغۇر رايوننىڭ ئېلى ناھىيىسىدە ئىكەن.
مەركىزى لوندوندىكى ئەنگلىيە خان ئوردىسى خەلقئارا تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇتەخەسسىسى سانام باكىرنىڭ قارىشىچە، خىتاي بىلەن ئىران ئارىسىدا ئىلگىرىدىن تارتىپلا مەخپىي ھەربىي كېلىشىملەر تۈزۈلگەن بولۇپ، خىتاي بۇ كېلىشىملەرگە ئاساسەن ئىرانغا ھەربىي جەھەتتىن ئىزچىل ياردەم بېرىپ كەلگەن.
مۇتەخەسسىس سانام باكىرنىڭ ئېيتىشىچە، ئىراننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشنى تەلەپ قىلىشى، خىتاي ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولۇپ، خىتاي يېقىن كەلگۈسىدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئوخشاش ئۆزىنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى كۈچلۈك ھەربىي تەشكىلات قىلىپ قۇرۇپ چىقماقچىكەن.
بىراق، ياپونىيەدىكى خىتاي ئىشلىرى كۆزەتكۈچىلىرىدىن ئارىما يامادا بۇ ھەقتە توختىلىپ: «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئىقتىسادىنى ئاساسلىقى خىتاي بىلەن رۇسىيە ئۆز ئۈستىگە ئالغان. شۇڭا ھازىرقى ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە بۇ ئىككى دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ ئاجىزلىشىشى ئەلۋەتتە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ قارايمەن» دېدى.
ماقالىدە ئاپتور: «ئەگەر خىتاي ئىراننى ھەربىي جەھەتتىن كۈچلۈك قوللاپ بەرسە، ئۇ چاغدا ئىراننىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا بولغان قارشىلىقى كۈچىيىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۇرۇش ئوتى كۆپلىگەن دۆلەتلەرگە تۇتۇشۇپ، خىتاينىڭ بۇ رايوندىن ئالىدىغان 70% نېفىتى توختايدۇ. شۇڭا خىتاي ئىراننىڭ تىنچ بولۇشىنى خالايدۇ» دېگەن.
ئاپتور ماقالىسىدە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرى بىرلا ۋاقىتتا ئارقا-ئارقىدىن سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئىراندا زىيارەتتە بولۇشىنى بۇ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش يۈزىسىدىن دەپ قارىغان.
شى جىنپىڭنىڭ شۇ قېتىمقلىق سەپىرىدە سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئىرانغا كۆپلەپ مەبلەغ سالغانلىقى ماقالىدە ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتۈلگەن بولۇپ، ياپونىيەدىكى بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرققە سالغان بۇ خىل مەبلەغلىرى ناھايىتى خەتەرلىك دەپ قارىلىدىكەن. بۇ خىلدىكى قاراشتىكىلەردىن ئارىما يامادا بۇ ھەقتە توختىلىپ: «ئوتتۇرا شەرقتىكى دۆلەتلەردىكى دىنىي مەزھەپ توقۇنۇشى ۋە مىللىي زىددىيەتتىن كېلىپ چىقىۋاتقان ئۇرۇش-ماجرالار ئاخىرلاشمىغان بىر ۋاقىتتا، بۇ رايونغا مەبلەغ سېلىشنىڭ ئۆزىنى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئۈچۈن خەتەرلىك دەپ قارايمەن» دېدى.
ماقالىدە شى جىنپىڭنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سالمان بىلەن يەمەن،سۈرىيە ۋەزىيىتى ھەققىدىمۇ ئۆز-ئارا سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئاپتور ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا، خىتاينىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئىران بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىگە باھا بېرىپ:«سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن 1990-يىلدىن باشلاپ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان خىتاي قارىماققا سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن يېقىندەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن، ئەمەلىيەتتە ئىرانغا بەكرەك يېقىن. سەۋەبى خىتاي 1990-يىللاردىن كېيىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق ھەرىكەتلىرىنى سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىغان. سەئۇدى ئەرەبىستان سۈننىي مەزھەبىدە بولغانلىقى سەۋەبىدىن خىتاي ئۇلار سۈننىي مەزھەبىدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ بارلىق ھەرىكىتىنى قوللايدۇ دەپ چۈشەنگەن ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانغا بەكرەك دىققەتتە بولغان. بىراق، ئىراننى شىئە مەزھەبىدە بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلمايدۇ دەپ قارىغان» دەيدۇ.
بىراق، مەككىدىكى ئۇيغۇر ژۇرنالىست سىراجىدىن ئەزىزى سەئۇدى ئەرەبسىتان بولسۇن ۋە ياكى شۇ يەردە ھىجرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بولسۇن، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكىتى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسىنىڭ يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈردى.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.
0:00 / 0:00