مەخسۇس سەھىپە يازغۇچى بريان ۋالش: نېفىت ئۈچۈن تۆكۈلۈۋاتقان قان

0:00 / 0:00

ئىنگلىز تىلىدىكى تايىم ژۇرنىلىنىڭ توكيودىكى مەخسۇس سەھىپە يازغۇچىسى بريان ۋالش يېقىندا مەزكۇر ژۇرنالدا «نېفىت ئۈچۈن تۆكۈلۈۋاتقان قان» ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلغان.

ماقالىدە ئاپتور نېفىت دۆلىتى ئىراقتىكى ئىچكى توقۇنۇش سەۋەبىدىن سانسىزلىغان ئىنسانلارنىڭ بىگۇناھ ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى، بولۇۋاتقان توقۇنۇشنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى يەنىلا نېفىت تالىشىش كۈرىشى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.

بريان ماقالىسىدە، 6-ئاينىڭ 19-كۈنى ئامېرىكا ئاقساراي ئېلان قىلغان باياناتىدا پرېزىدېنت باراك ئوباما بارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى ئىچكى توقۇنۇشلارغا بالدۇرراق خاتىمە بېرىشكە تىرىشىدىغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ ئوتتۇرا شەرقنى قاپلاپ كەتكەن جىھاد ھەرىكىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، بۇ خىل توقۇنۇشلاردا ئۆلۈپ كېتىۋاتقان بىگۇناھ ئىنسانلارغا ھېسداشلىقىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن بولسىمۇ، ئەمما سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنىلا بىز ئىراقنىڭ نېفىتىگە ئېھتىياجلىق دېگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ ماقالىدە كۈنىگە ئۈچ مىليون تۇڭ نېفىت بىلەن خەلقئارا نېفىت بازىرىنى تەمىنلەۋاتقان ئىراقنىڭ ئىراقتىكى رادىكال كۈچلەرنىڭ قارشىلىق ھەرىكىتىنىڭ ئەۋج ئېلىشى بىلەن نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، توققۇز ئايدىن بۇيان نېفىت باھاسى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ 6-ئاينىڭ 23-كۈنى بىر تۇڭ نېفىتنىڭ باھاسى 115 دوللارغا چىققانلىقىنى، ئىراقتىكى ئاساسلىق نېفىت بازىسى بولغان بايجى شەھىرىنىڭ ئۇرۇشى ئوتى ئىچىدە قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

برياننىڭ بىلدۈرۈشىچە، پايتەخت باغداتنىڭ سىرتىدىكى بارلىق خەلقئارالىق چوڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مەركەزلىرى ئاللىقاچان سۈننىي مەزھىپىدىكى ئەسكىرى كۈچلەرنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەن. ئىراقنىڭ جەنۇبىدىكى شىئەلەرنىڭ قولىدا بولسا پەقەتلا ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا ئائىت ئەسلىھە ۋە بىنالارلا قالغان.

ماقالىدە، دۇنيانىڭ نېفىتكە بولغان ئېھتىياجى ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئەگەر ئىراقتىكى ئىچكى توقۇنۇشقا بالدۇرراق خاتىمە بېرىلمىگەندە، ئامېرىكا قاتارلىق ئىراقتىن كۆپلەپ نېفىت ئىمپورت قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ئېنېرگىيە تەرەققىياتى توسالغۇلارغا ئۇچراش بىلەن بىرگە، ھازىرقى ھەربىر تۇڭ نېفىت باھاسىغا يەنە 40 دوللار قوشۇلۇش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرىلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

برياننىڭ قارىشىچە، ئەگەر ئامېرىكا ئىراقتىكى ئىچكى ئۇرۇشقا تىزدىن قول تىقمىسا، ناۋادا پايتەخت باغدات رادىكال سۈننىي قوشۇنلىرىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتسە، ئۇ چاغدا ئىراقنىڭ نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىشىلا ئەمەس، بەلكى ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسى ئېنېرگىيەسىگىمۇ زور تەسىرى بولىدىكەن شۇنداقلا ئىراقتىكى ئىچكى ئۇرۇش داۋاملىشىۋېرىدىغان بولسا، بۇنىڭ تەسىرى يالغۇز ئوتتۇرا شەرققىلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى دۇنيا ئىقتىسادىغىمۇ زور تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

خەلقئارادا نېفىت باھاسىنىڭ تىزدىن يۇقىرى ئۆرلىشىنىڭ ياپونىيە ئىقتىسادىغا كۆرسەتكەن تەسىر ھەققىدە توختالغان قانۇنشۇناس ياماگاجو زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى:
-ھازىر ياپونىيەدە ماينىڭ باھاسى تارىختا كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئۆرلەپ كەتتى. ئەگەر ماي باھاسى مۇشۇنداق ئۆرلەۋېرىدىغان بولسا بۇ ئابې ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ ئويلايمەن.

ماقالىدە دېيىلىشىچە، ئىراقنىڭ 96% خام نېفىت بايلىقى بار بولۇپ، خەلقئارا ئېنېرگىيە مەنبەسى مەركىزى پىلانىدا، باغداتتىن 2014-يىلىغا قەدەر ھازىر كۈنىگە پىششىقلاپ ئىشلەۋاتقان ئۈچ مىليون ئۈچ يۈز مىڭ تۇڭ نېفىتكە يەنە بىر مىليون تۆت يۈز مىڭ تۇڭ نېفىتنى قوشۇپ ئىشلەشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، ئەگەر ئىراقنىڭ ۋەزىيىتى نورماللاشمىسا بۇ پىلان ئەمەلگە ئېشىش ئەمەس، بەلكى نېفىت باھاسى ئۈزلۈكسىز ئۆرلەپ مېڭىش خەۋپى كۆرۈلىدىكەن.

برياننىڭ بىلدۈرۈشىچە، خەلقئارا نېفىت بازىرى ئىراقنىڭ كۆپلەپ نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىشىغا ئېھتىياجلىق بولسىمۇ، ئەمما ئىراقتىكى رادىكال كۈچلەرنىڭ ئۇرۇشى داۋامىدا كۆپلىگەن ئېغىر تىپتىكى نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش ئەسلىھەلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، ھازىر ئىراقنىڭ نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىشى كۈنىدىن-كۈنگە تۆۋەنلەپ ماڭغان. ئەگەر بۇ خىل خىل ئىچكى ۋەزىيەت تۈزەلمىسە 2019-يىلىغا قەدەر ئەسلىدە ئىشلەپچىقىرىۋاتقان نېفىت تۇڭ سانى ئەسلىدىكى سانىنىڭ يېرىمىغا چۈشۈپ قىلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرىكەن.

ماقالىدە يەنە، ئىراقنىڭ موسۇل شەھىرىدىكى كۈرتلەرنىڭ شۇ يەردىكى نېفىت بازىلىرىنى قوراللىق مۇداپىئە قىلىۋاتقانلىقىمۇ بىلدۈرۈلگەن.

ئىراقتىكى كۈرتلەر مەسىلىسى ھەققىدە ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بىلدۈرگەن ياماگاجو بۇ ھەقتە توختىلىپ: «ئىراقتىكى كۈرت ئاپتونوم رايونى ئۆز تەغدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھەققىدىكى خەلقئارا قانۇن بويىچە ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرۇش ئۈچۈن ئىلگىرىدىن تارتىپلا بۇ مەسىلىنى ئاڭلىتىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ، ئىراقتىكى ئۇزۇندىن بۇيان ھەل قىلىنمىغان مىللەتلەر مەسىلىسى» دېدى.

برياننىڭ ھازىرقى ئىراق ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىشىچە، ئەگەر ئىراقتىكى شىددەت بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان توقۇنۇش ۋە قان تۆكۈش ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋېرىدىغان بولسا، خام نېفىتنىڭ باھاسى مۆلچەرلىگۈسىز دەرىجىدە يەنە ئۆرلەيدىكەن.

مەخسۇس سەھىپە يازغۇچىسى برياننىڭ قارىشىچە، ئىراقتىكى ئىچكى توقۇنۇش دىنىي مەزھەپ ئۇرۇشىدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە نېفىت ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كۈرەش ۋە نېفىت ئۈچۈن تۆكۈلۈۋاتقان قان ئىكەن.

ئىراقنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالغان ياماگاجو بۇ مەسىلە ھەققىدە پىكىر بايان قىلىپ: «ئىراقنىڭ ھازىرقى ھۆكۈمىتى خەلقنى باشقۇرۇش كۈچىگە ئىگە ئەمەس، خەلق بۇ ھاكىمىيەتنى چەتئەل كۈچلىرى قۇرغان ھاكىمىيەت دەپ قارايدۇ. شۇڭا بۇ ھۆكۈمەتنى تارقىتىۋېتىپ، خەلقنىڭ رايى بويىچە يېڭىدىن ھۆكۈمەت قۇرۇش ۋە سايلام ئېلىپ بېرىش كېرەك دەپ ئويلايمەن» دېدى.