تۈركىيەنىڭ چوڭ ۋىلايەتلىرىدىن بولغان كونيادا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «ئىرفان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق دوستلۇق جەمئىيىتى» 25 - فېۋرال قەيسەرىدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا 10 توننا ئۇن ياردىمىنى ئەكېلىپ تاپشۇرۇپ بەردى.
مەزكۇر تەشكىلات خادىملىرى 25 - فېۋرال ئەتىگەن سەھەردە چوڭ ئاپتوموبىل بىلەن ئېلىپ كەلگەن ئۇن قەيسەرى ۋالىيلىقىدىن تايفۇن بەربەر ئەپەندى، قەيسەرى شەھەرلىك ھۆكۈمەت مەسئۇللىرىدىن ھۈسەيىن ئەپەندى، قەيسەرى كۆچمەنلەر ئىدارىسى مەسئۇللىرىدىن يۈسۈپ يىلماز ئەپەندىلەرنىڭ كۆزى ئالدىدا ئۇيغۇر مۇساپىرلارغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى.
مالايشىيا ۋە تايلاند ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇر مۇساپىرلار تۇرۇۋاتقان قوروجايغا ئېلىپ كېلىنگەن 10 توننا ئۇن قەيسەرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشقۇرۇش ھەيئەت ئەزالىرىدىن ئابدۇقادىر تۈمتۈرك ۋە ئابدۇغېنى بېكىن ئەپەندىلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن قوروجاي ئىچىدىكى ئامبارغا قويۇلدى.
ئابدۇقادىر تۈمتۈرك ئەپەندى كونيا ئىرفان - دەر جەمئىيىتى ئەۋەتكەن ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ قەيسەرى ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت، شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋە كۆچ ئىدارىسى مەسئۇللىرىنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئۇيغۇر مۇساپىرلارغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئون توننا ئۇننى ئۇيغۇرلارغا تاپشۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، قەيسەرى كۆچمەنلەر ئىدارىسى مەسئۇللىرىدىن يۈسۈپ يىلماز ئەپەندى، ياردەم ئەۋەتكەن تەشكىلاتقا رەھمەت ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «بۇ ياردەمنى ئەۋەتكەن ئىرفان - دەر تەشكىلاتىغا رەھمەت ئېيتىمىز، باش قۇرۇش ھەيئىتى ئەزالىرى بۇ يەرگىچە كەلدى، پۇت، قوللىرى دەرد كۆرمىسۇن، بىز ئۇلارنىڭ بۇ خەير ساخاۋىتى ئۈچۈن دۇئا قىلىمىز. يۇرتلىرىدىن ئايرىلىپ دۆلىتىمىزگە كەلگەن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا ھەر دائىم ياردەم بۇيۇملىرى ئەۋەتىپ ھال سوراپ تۇرۇۋاتقان پۈتۈن تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىغا، خەلقىمىزگە، بۇ مۇساپىرلارنى ھەقسىز داۋالاۋاتقان دوختۇرلىرىمىزغا رەھمەت ئېيتىمەن.»
مەمەت ئىسىملىك مۇساپىر ئۇيغۇر بۇ ياردەمنى قىلغان تەشكىلاتقا رەھمەت ئېيتتى.
ئابدۇقادىر تۈمتۈرك ئەپەندى دۈشەنبە كۈنى قەيسەرى ئالپەرەن ئوجاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ ياردىمى بىلەن قەيسەرى تەكدەن دوختۇرخانىسىدا دوختۇر مۇسا ئۆزدەمىر ئەپەندىنىڭ 15 ئۇيغۇر بالىنى خەتنە قىلغانلىقىنى، قەيسەرى خەلقىنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلارغا ئىگە چىقىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
تۈركىيەنىڭ چوڭ ۋىلايەتلىرىدىن بولغان كونيادا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «ئىرفان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق دوستلۇق جەمئىيىتى» رەئىسى مەمەت كاكلىك ئەپەندى باشچىلىقىدىكى ھەيئەت 7 - فېۋرال مالايشىيا ۋە تايلاند ئارقىلىق قەيسەرىگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇر مۇساپىرلار ئۈچۈن كونيادا يىغقان پۇلنى ئۇلارغا تەقدىم قىلغان ئىدى.
شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارقىلىق تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن مىڭ كىشى قەيسەرىدىكى دۆلەتنىڭ قورۇ - جايىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇلار ھازىرغىچە تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ ماددىي ياردىمى بىلەن تۇرمۇش كۆچۈرۈپ كەلمەكتە.