تۈركىيە دۆلەت مىنىستىرى، ھۆكۈمەت باياناتچىسى بۈلەنت ئارىنچ ئەپەندى مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، ئىنجىرلىك ھاۋا ئارمىيىسى بازىسىنى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ پايدىلىنىشىغا ئېچىش قارارىنى تېخى ماقۇللانمىغانلىقىنى، بۇ ھەقتە مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ۋە ئورگانلار بىلەن مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى جاكارلىدى.
تۈركىيە دوغان خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ نىيۇيوركتا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى نافىز ئالبايراق ئەپەندىنىڭ بۈگۈن ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، تۈركىيەنىڭ ئادانا ۋىلايىتىدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى ھەربىي بازىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەربىي بازىلارنى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىگە قارشى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئارمىيىسىنىڭ پايدىلىنىشىغا ئاچقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئورۇن ئالغان خەۋەرلەرگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ يېزىلغان مەزكۇر خەۋەردە، تۈركىيەنىڭ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرگە قاتنىشىش توختامنامىسىنىڭ روھىغا ئاساسەن ئادانا ۋىلايىتىدىكى ئىنجىرلىك بازىسىنى پايدىلىنىشقا ئېچىشنىڭ شەرت ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.
مەزكۇر خەۋەردە ئامېرىكا مىللىي مۇداپىئە مىنىستىرى چ ھاگەل بىلەن تۈركىيە دۆلەت مىنىستىرى ئىسمەت يىلماز تېلېفون بىلەن كۆرۈشۈپ بولغاندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئامېرىكا تۈركىيەنىڭ بۇ قوللاپ قۇۋۋەتلىشىگە رەھمەت ئېيتقانلىقى دېيىلگەن.
تۈركىيەنىڭ ئادانا ۋىلايىتىدىكى ئىنجىرلىك ھەربىي بازىسىنى شام-ئىراق ئىسلام دۆلىتى تېررورىستلىرىغا قارشى كۈرەشتە پايدىلىنىش ئۈچۈن ئامېرىكىغا ئاچقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر تارقىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا تۈركىيە ھۆكۈمىتى مىنىستىرلىق كابىنېتىنىڭ يىغىنىدىن كېيىن دۆلەت مىنىستىرى، ھۆكۈمەت باياناتچىسى بۈلەنت ئارىنچ ئەپەندى مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، ئىنجىرلىك ھاۋا ئارمىيىسى بازىسىنى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى ئارمىيىسىنىڭ پايدىلىنىشىغا ئېچىش قارارىنى تېخى ماقۇللانمىغانلىقىنى، بۇ ھەقتە مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ۋە ئورگانلار بىلەن مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تۈركىيە بۇرۇندىن تارتىپ پۈتۈن كۈچى بىلەن سۈرىيەدىكى ئەسەد ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان ئىدى. كېيىن شام-ئىراق ئىسلام دۆلىتى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرى پۈتۈن كۈچىنى بۇنىڭغا قاراتتى. 60 ئەتراپىدا دۆلەت بۇنىڭغا قارشى كۈرەشتە ئىتتىپاقداشلىق قۇردى. تۈركىيەمۇ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن شام-ئىراق ئىسلام دۆلىتىگە قارشى كۈرەشكە قاتناشتى. ئەمما قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنى سۈرىيەگە كىرگۈزۈشكە قارشى چىقتى. ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىنىڭ مۇقىملىقى تۈركىيە ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. تۈركىيەنىڭ ئادانا ئىنجىرلىك ھاۋا ئارمىيىسى بازىسىنى شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ پايدىلىنىشىغا ئېچىشىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ ئامېرىكىنىڭ ھازىر ئېلىپ بېرىۋاتقان بومباردىمانى بۇ رايونغا مۇقىملىق ئېلىپ كېلەلەمدۇ؟ بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتتا مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ، تۈركىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىنجىرلىك ھەربىي بازىسىنى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ پايدىلىنىشىغا ئېچىشىنىڭ نورمال ئىكەنلىكىنى، ئەمما قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى سۈرىيە ۋە ئىراق زېمىنىغا كىرمەستىن بۇ رايونغا مۇقىملىق كەلمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.