2013-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن قانلىق توقۇنۇشلارنىڭ ئەرەب دۇنياسىدىكى ئىنكاسى

0:00 / 0:00

ئۆتكەن بىر يىلدا ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن قانلىق توقۇنۇشلارنىڭ كۈنسايىن كۆپىيىشى دۇنياۋى تاراتقۇلارنىڭ بۇ رايونغا بولغان دىققىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتمەكتە. ئەرەب-ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ۋە ئۇلارنىڭ يېقىنقى سىياسىي رېئاللىقىغا بولغان قىزىقىشىمۇ مەلۇم دەرىجىدە ئېشىپ بارماقتا.

مەلۇمكى، ئۇيغۇرلار ۋەتىنى تارىختىن بۇيان مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ بىر پارچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەرەب-ئىسلام ئەللىرى بىلەن بولغان قويۇق سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ئالاقىلىرىنى ساقلاپ كەلگەن. 20-ئەسىردىن بۇيان تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن ئەرەب ئەللىرىگە، بولۇپمۇ سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلار مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ دەسلەپكى توپىنى ھاسىل قىلغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەج قىلىش، ئوقۇش ۋە سودا-تىجارەت بىلەن ئەرەب ئەللىرىگە بېرىپ-كېلىدىغان ئۇيغۇرلار سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئەرەب دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا بولغان تونۇشىمۇ بارغانسېرى ئېشىپ بارغان. ھالبۇكى، يېقىنقى مەزگىللەردە ئەرەب ئەللىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا بولغان مۇئامىلىسىدە سەزگۈرلۈك شەكىللەنگەن. بۇنىڭ بىلەن ئەرەب دۇنياسىدىكى ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە نىسبەتەن خىتاي تەرەپ تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارغىلا تايىنىپ قېلىشتەك بىر تەرەپلىمىلىك ھالەت كېلىپ چىققان.

بىز 2013-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەلەرنىڭ ئەرەب دۇنياسىدىكى ئىنكاسى ھەققىدە سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئولتۇرۇشلۇق دىنىي زىيالىي سىراجىدىن ھاجىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

سىراجىدىن ھاجىم ئۆتكەن بىر يىلدا ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەلەر ھەققىدە ئەرەب تىلىدىكى تاراتقۇلاردا خەۋەرلەر بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ھۆكۈمەتلەر تەرەپتىن رەسمىي باياناتلار بولمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ ئەرەب دۇنياسىدىكى ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىلىق پەقەتلا خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپ تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارغا تايىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

سىراجىدىن ھاجىم زىيارىتىمىز داۋامىدا ئەرەب دۇنياسىدىكى ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىغا ئوخشىمىغان ھالدا ئەرەب خەلقى ئارىسىدىكى ئاممىۋى تاراتقۇلار، مەسىلەن، ئەرەبچە تور بەتلەر، فېيسبۇك، تىۋېتتېر قاتارلىقلاردا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ھەققىدە كۆپ ئۇچۇرلارنىڭ بېرىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئۇ ئەرەب دۇنياسىدا ئۇيغۇرلارغا دائىر ئۇچۇرلارنىڭ كۆپ بولماسلىقى، بولۇپمۇ ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدىكى قانلىق ۋەقەلەرنىڭ پەقەت خىتاي تەرەپ تەمىنلىگەن ئۇچۇرلار ئاساسىدىلا ئاڭلىتىلغانلىقىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى مەلۇم جەھەتتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگىمۇ باغلىق دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سىراجىدىن ھاجىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى ئەرەب دۇنياسىغا كەڭ كۆلەمدە ئاڭلىتىش ۋە ئۆز ئەينى بويىچە چۈشەندۈرۈشتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ رەسمىي ھالدىكى نوپۇزلۇق ۋە كۆپ تىللىق بىر ئاخبارات-ئۇچۇر مەركىزىنى بەرپا قىلىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

سىراجىدىن ھاجىم ئاخىرىدا، ئۇيغۇرلار ئاۋازىنىڭ ئەرەب دۇنياسىغا ئاڭلىتىلىش تارىخىنى ئەسلەپ، ئىلگىرىكى ۋاقىتلار بىلەن ھازىرقى ئەھۋالنى سېلىشتۇرما قىلدى.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.