ئۆزبېكىستاننى 27 يىلدىن بېرى قاتتىق قوللۇق سىياسەت بىلەن باشقۇرۇپ كەلگەن ئىسلام كەرىموف 78 ياشتا ئالەمدىن ئۆتتى. مېڭىسىگە قان چۈشكەن ئىسلام كەرىموف بىر قانچە كۈندىن بېرى دوختۇرخانىدا يېتىۋاتاتتى.
ئۆزبەكىستان يېڭى مۇستەقىل بولغان يىللاردا تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناھايىتى ياخشى باشلانغان ئىدى. تۈركىيەنىڭ تۈرك قان سىستىمىسىدىن بولغان 10 مىڭ ئوقۇغۇچىنى تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىپ ئوقۇتۇش ئىش پىلانى ئاساسىدا كۆپ ساندا ئۆزبەك ئوقۇغۇچى تۈركىيەگە كېلىپ ئوقۇشقا باشلىغان ئىدى. ئۆزبەكىستاندىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن ئەرك پارتىيەسى رەئىسى مۇھەممەد سالىھنىڭ تۈركىيەگە كېلىپ پاناھلىق تىلىشى بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى بۇزۇلدى. ئۆزبەكىستان ئوقۇغۇچىلىرىنى قايتۇرۇپ كەتتى. تۈرك دۇنياسى ئۇقۇمىغا ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلغان ئىسلام كەرىموف تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر پارلامېنتلىرى بىرلىكىگە ئەزا بولمىدى، 2009 - يىلى نەخچىۋاندا قۇرۇلغان تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر دۆلەت رەھبەرلىرى بىرلىكىكىمۇ ئەزا بولمىدى. ئەمما ئۆزبەكىستان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولدى.
ئۆزبەكىستان دۆلەت باشلىقى ئىسلام كەرىموفنىڭ تۈرك دۇنياسى سىياسىتىگە دەسلەپتە ئاۋاز قوشۇپ، كېيىن قارشى سىياسەت ئېلىپ بېرىشىدىكى مەقسىتى نېمە ئىدى؟ ئىسلام كەرىموف نېمە ئۈچۈن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولدى؟ ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان كۆز قارىشى نېمە ئىدى؟ ئۇنىڭ ھۈسەيىن جېلىلنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشى نېمىنىڭ ئىپادىسى؟ ئۆزبەكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى قانداق؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن ئۇزۇن يىل ئۆزبەكىستاندا تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان مەمەتجان ئەپەندى ۋە تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچە ئىنىستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئۆزبەكىستان دۆلەت رەئىسى ئىسلام كەرىموفنىڭ تۇنجى سايلامدىكى رەقىبى مۇھەممەد سالىھنىڭ تۈركىيەگە كېلىشى بىلەن تۈرك - ئۆزبەك ئارىسىدىكى يىرىكچىلىكنىڭ باشلىغانلىقىنى بايان قىلدى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئۆزبەكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرى «ئىنسان ھەقلىرى دەپسەنچىلىكى قىلىۋاتىسەن» دەپ تەنقىد قىلغاچقا، كۆپ دۆلەتلەر بىلەن يىرىكلىشىپ كەتكەنلىكىنى، ئۇيغۇر سىياسىتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئۇيغۇر زىيالىيسى مەمەتجان ئەپەندى ئۆزبەكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتۈن مىللەتلەرنى قارشى ئالمايدىغان بىر سىياسەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى شۇنداقلا ئۆزبەكىستاندا ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئۆزبەكىستاننىڭ قاتتىق قوللۇق سىياسىتىنىڭ ئۆزگىرىدىغان ياكى ئۆزگەرمەيدىغانلىقى توغرىسىدا ھازىرچە بىر نەرسە دېگىلى بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئىسلام كەرىموف 1938 - يىلى سەمەرقەنتتە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ، يېتىمخانىدا چوڭ بولغان بولۇپ، ئېنژېنىرلىق ۋە ئىقتىسات كەسپىدە ئوقۇغان. 1989 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى باشلىقى مىخائىل گورباچىف تەرىپىدىن ئۆزبەك كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ باش سېكرىتارلىقىغا تەيىنلەنگەن. سوۋېت ئىتتىپاقى يېمىرىلگەندىن كېيىن 1991 - يىلى مۇستەقىل ئۆزبەكىستاندا تۇنجى قېتىم ئېلىپ بېرىلغان سايلامدا دۆلەت باشلىقى بولۇپ سايلانغان ئىدى.
0:00 / 0:00