نورۋىگىيە تىنچلىق قۇرۇلۇشى تەتقىقات مەركىزى ماقالىسى «ئىسلام ۋە شىنجاڭدىكى مۇقىمسىزلىق»

0:00 / 0:00


11 - سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىنكى دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ تېررورلۇققا، دىنىي رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى قوزغاپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقانداق شەكىلدىكى نارازىلىق ھەرىكىتىنى تېررورلۇق، دىنىي رادىكاللىق نامى ئاستىدا بىر تەرەپ قىلىپ كەلدى ۋە بۇ ھەرىكىتىنى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تېخىمۇ كۈچەيتتى.

خەلقئارادىكى كۆزەتكۈچىلەر ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى دىنىي رادىكاللىق مەسىلىسى ۋە ئۇنىڭ يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر بىلەن زادى قانچىلىك مۇناسىۋىتى بارلىقىنى كۆزەتمەكتە. يېقىندا، نورۋىگىيىدىكى «تېنچلىق قۇرۇلۇشى تەتقىقات مەركىزى» بۇ ھەقتە بىر دوكلات ئېلان قىلىپ، يۇقىرىدىكى مەسىلە ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزگەن.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، نورۋىگىيىدىكى تىنچلىق قۇرۇلۇشى تەتقىقات مەركىزى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان دوكلاتنىڭ ئىسمى «ئىسلام ۋە شىنجاڭدىكى مۇقىمسىزلىق» بولۇپ، دوكلاتنىڭ كىرىش قىسمىدا بۇ دوكلاتنىڭ نېمە ئۈچۈن تەييارلانغانلىقى ھەققىدە قىسىقىچە چۈشەندۈرۈش بېرىپ ئۆتۈلگەن. ئۇنىڭدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدا سادىر بولغان ۋە ياكى كۈنمىڭ ۋەقەسىگە ئوخشاش خىتاي ئۆلكىلىرىدە يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارغا چېتىشلىق ۋەقەلەرنى دىنىي رادىكاللىققا ۋە خەلقئارادىكى جىھات تەشكىلاتلىرىغا باغلاپ چۈشەندۈرۈۋاتقانلىقى، ئەمما يەنە نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەرنىڭ، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى سۈرگەن بۇ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىدىغانلىقى، شۇڭا بۇ دوكلات ئارقىلىق ئىككى خىل ئوخشىمايدىغان كۆز قاراشلارنى سېلىشتۇرۇپ چىقىشنى مەقسەت قىلغانلىقى يېزىلغان.

دوكلاتتا ئالدى بىلەن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھازىرقى سىياسەتلىرىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قىسقىچە تارىخى، ئۇيغۇر ئېلىدا قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەت، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكلىرى ھەققىدە تەپسىلى مەلۇماتلار بېرىلگەن. ئۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تارىخىدا ئىككى قېتىم مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت قۇرغان ئۇيغۇرلارنى 1949 - يىلى رەسمىي ھالدا ئىلكىگە ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن رايونغا پىلانلىق كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتى ئارقىلىق خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ نىسبىتىنى ئەسلىدىكى 5 پىرسەنتىن ھازىرقى 41 پىرسەنتكە يەتكۈزگەنلىكىنى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بارلىق چېگراسىنى ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش ئارمىيىسى بىلەن قورشاپ چىققانلىقىنى بايان قىلغان. ئاندىن 1990 - يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەم قوشنا، ھەم قېرىنداشلىرى بولغان قازاق، قىرغىز، ئۆزبېكلەر مۇستەقىل بولۇپ جۇمھۇرىيەت قۇرغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دەرھال ئۇيغۇرلارنىڭمۇ مۇستەقىل بولۇش ئارزۇسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھازىرقى «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» نى قۇرۇپ چىققانلىقىنى بايان قىلغان.

دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن : ئۇيغۇرلاردا خىتايدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ مۇستەقىل بولۇش ئىدىيىسىنى قوللايدىغان ئادەمنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى ئېنىق ئەمەس. ئەمما بۇ يەردە ئېنىق بولغان بىر نەرسە، ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىدىن ئىنتايىن نارازى. مەسىلەن، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى، ئانا تىلنى چەكلەش، دىنىي ۋە مىللىي پائالىيەتلەرنى چەكلەش، دىنىي لىدىرلارنى ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆزلىگەن كىشىلەرنى قولغا ئېلىش قاتارلىقلار ھەممىسى خەلقنى ئىنتايىن نارازى قىلماقتا.

مەزكۇر ئورگان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرىقىدەك مۇشۇنداق سىياسەتلىرى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر ئېلىدا نۇرغۇن نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، بۇنىڭغا 2009 - يىلى ئۈرۈمچى ۋەقەسى، 1997 - يىلىدىكى غۇلجا ۋەقەسى ۋە 1990 - يىلىدىكى بارىن ۋەقەلىرىنى ئاساسلىق مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن.

دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2001 - يىلىدىكى 11 - سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرگە بەرگەن ئېنىقلىمىسىدىكى ئۆزگىرىشكە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەكلىكى ئەسكەرتىلگەن. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 11 - سىنتەبىر ۋەقەسىدىن ئىلگىرى يۈز بەرگەن ھەرىكەتلەرنى كۆپىنچە ھاللاردا «ئەكسىلئىنقىلابى» ھەرىكەت دەپ ئاتىغان ۋە ئۇنى بىر ئۇچۇم لۈكچەكلەر ياكى جەمئىيەت داشقاللىرى سادىر قىلغان، دەپ چۈشەندۈرگەن. خىتاي دائىرىلىرى بارىن ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدا دىننى كونترول ئاستىغا ئېلىشنى باشلاپ، ئىماملارنى قولغا ئېلىپ، دىنىي كۇرسلارنى تاقاپ، دىنغا زەربە بېرىشنى باشلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى ھېچقاچان رەسمىي باياناتلىرىدە يۇقىرىدىكىدەك ۋەقەلەرگە باھا بېرىشتە ئىشلەتمىگەن. بىراق، 2001 - يىلىدىكى سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن بولسا ئۇلار دەرھال ھىكايىسىنى ئۆزگەرتىپ، خىتاينىڭمۇ تېررورلۇقنىڭ قۇربانى ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» دەيدىغان بىر تەشكىلاتنىڭ پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ تەشكىلاتنىڭ لىدىرىنىڭ بىن لادىن بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى بايان قىلىشقا باشلىغان. دوكلاتتا بۇ ھەقتە «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھىكايىسى گەرچە بىر قىسىم ئۆزىنى تېررورلۇق مۇتەخەسىسسى دەۋالغان بىر قىسىم ئورگان ياكى شەخسلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر ئۇنىڭغا گۇمان بىلەن قارايدۇ. چۈنكى بۇ تەشكىلات ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتى تەمىن قىلغاندىن باشقا ھېچقانداق مۇستەقىل ئۇچۇر يوق، دەپ بايان قىلىنغان ۋە مۇنداق دېيىلگەن:

- بىر قىسىم پاكىتلار 2001 - يىلى ھەقىقەتەن شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى دەيدىغان بىر تەشكىلات مەۋجۇت بولغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى تەربىيىلىگەنلىكىنى ئىشارەت قىلىپ تۇرىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ ھېچقاچان ھەرىكەت ئېلىپ بارغۇدەك بىر كۈچى بولۇپ باقمىغان.

مەزكۇر دوكلاتتا يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى دىنىي كەيپىياتنىڭ ئىلگىرىكى يىللارغا قارىغاندا كۈچىيىش مەسىلىىسى ئۈستىدە ناھايىتى ئەتراپلىق مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلگەن. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر ئۇيغۇر ئېلىدا دىنىي كەيپىياتنىڭ ھەقىقەتەن كۈچىيىپ كەتكەنلىكىگە ئىشىنىدىكەن. ئەمما بۇ دىنىي كەيپىيات قانداقتۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان رادىكاللىق ۋە ياكى تېررورلۇق تۈسى بولماستىن، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى سىياسەتلىرىگە نارازىلىقنى ئەكس ئەتتۈرىدىكەن. دوكلاتتا تۆۋەندىكى بىر ئابزاس قىستۇرۇلغان بولۇپ ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن :

بۇ دوكلاتنى تەييارلىغان ئاپتور بىلەن سۆزلەشكەن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى 1997 - يىلىدىكى غۇلجىدا يۈز بەرگەن نامايىشتىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ بەكرەك دىنغا ئىشىنىدىغان بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن. نۇرغۇن ياش ئۇيغۇر ئەرلەر ۋەقەدىن ئىلگىرى ئۆزلىرىنىڭ داۋاملىق ھاراق ئىچىدىغانلىقىنى، مەسچىتكە ناھايىتى ئاز بارىدىغانلىقىنى، رامىزاندىمۇ روزى تۇتۇپ باقمىغانلىقىنى، ئەمما غۇلجا ۋەقەسىدىن كېيىن بولسا ئۆزگەرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. يۇقىرىدىكىگە ئوخشاش نۇرغۇن مىساللاردىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ خىل كەيپىياتنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇش سىياسىتىگە قايتۇرۇلغان ئىنكاس، دەپ قاراشقا بولىدۇ.

ئۇلار دوكلاتىدا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ خىل قارشىلىق، نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى دىنىي رادىكاللىق ياكى خەلقئارا جىھات ھەرىكىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قاراشقا بولمىسمۇ، ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ تيەنئەنمېن ۋە كۈنمىڭ ۋەقەلىرىگە ئوخشاش زوراۋانلىق تۈسىنى ئېلىشقا باشلىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭمۇ خەلقئارادا ھېچقاچان بولۇپ باقمىغان قىزىقىش پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار دوكلاتىدا بۇ ھەقتە توختىلىپ «خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە ئۆزلىرى يولۇۋاتقان تېررورلۇق تەھدىتىنى ھەددىدىن زىيادە مۇبالىغە قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما يەنە بىر قىسىم ئىشەنچلىك مەنبەلەر ئۇيغۇر ئېلىدا ئىسلامىي تېررور ھەرىكىتى پەيدا بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىمۇ كۆرسىتىپ تۇرماقتا. ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرىگە بولغان نارازىلىقىنى بۇ خىل يول ئارقىلىق ئىپادىلەشنى تاللىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە تاشقى ئىسلامچى كۈچلەرمۇ بۇ خىل يوشۇرۇن كۈچتىن پايدىلىنىشى مۇمكىن» دېگەن ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ۋە شۇنداقلا خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدا مۇقىملىق پەيدا قىلىش ئۈچۈن پەقەتلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىلىرىنى ۋە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشىنىڭ يېتەرلىك بولمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىغا قاراتقان سىياسىتىدە تەڭشەش ئېلىپ بېرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.