خەلقئارالىق ئىسمائىل غاسپىرالى يىغىنىدا ئورتاق تىل بەرپا قىلىش تەكىتلەندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2014.10.30
ismail-gaspirali-Gongur-Arslan.jpg «خەلقئارالىق ئىسمائىل گاسپىرالى ۋە تۈرك دۇنياسى ئاخباراتچىلار يىغىنى» دا خەلقئارالىق تۈرك تىلىدا سۆزلەيدىغان دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ ئاخباراتچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى گۈنگۆر، ياۋۇزئارسلان ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى. 2014-يىلى 30-ئۆكتەبىر، تۈركىيە.
RFA/Arslan

30-ئۆكتەبىر تۈركىيەنىڭ بارتىن شەھىرىدە خەلقئارالىق ئىسمائىل غاسپىرالى ۋە تۈرك دۇنياسى ئاخباراتچىلار يىغىنى باشلاندى. يىغىندا، ئىسمائىل غاسپىرالى ئوتتۇرىغا قويغان «تىلدا، پىكىردە ۋە ئىشتا بىرلىك» شوئارىدىن ۋاز كېچىشكە بولمايدىغانلىقى، بارلىق تۈركىي خەلقلەر ئۆزئارا چۈشىنەلەيدىغان ئورتاق تىل بەرپا قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەندى.

يىغىننى مەركىزى تۈركىيەنىڭ بارتىنغا جايلاشقان خەلقئارالىق تۈركىي تىللىق دۆلەتلەر خەلقئارالىق ئاخباراتچىلار جەمئىيىتى، بارتىن ئاخباراتچىلار جەمئىيىتى، بارتىن ۋالىيلىقى، بارتىن ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ب د ت پەن-مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ئىدارىسى قوللىغان. يىغىن 3 كۈن داۋاملىشىدۇ.

ئىسمائىل غاسپىرالى 1851-يىلى قىرىمدا تۇغۇلۇپ، 1914-يىل ئالەمدىن ئۆتكەن بولۇپ، ئۇ تۈركى خەلقلەرنى بىرلىك ۋە ھەمكارلىققا چاقىرىق قىلغان ماقالىلىرى بىلەن تونۇلغان ئاخباراتچى، مائارىپشۇناس ۋە سىياسىيون ئىدى.

ئىسمائىل غاسپىرالىنى خاتىرىلەش، ئۇنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرىنى ئۈلگە ئېلىش توغرىسىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان خەلقئارالىق يىغىن بارتىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يىغىن زالىدا رەسمىي باشلاندى.

يىغىنغا، قىرىم، ئەزەربەيجان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، ئۇكرائىنا، فىرانسىيە، تاتارىستان قاتارلىق تۈرك دۇنياسىنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىن كەلگەن ئاخباراتچىلار، بارتىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى بولۇپ 300 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.

بۇ يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن، ياۋروئاسىيا تۈرك جەمئىيەتلەر فېدېراتسىيەسىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل جېنگىز، پروفېسسور سۇلتان مەخمۇت قەشقەرلى قاتارلىق ئۇيغۇرلار قاتناشتى.

2014-يىلى ئىسمائىل غاسپىرالى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100-يىلى بولۇپ، ب د ت پەن-مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ئىدارىسى 2014-يىلى يىلىنى «ئىسمائىل غاسپىرالى يىلى» دەپ ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى يىغىن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان.

يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى ئاساسىي مەقسەت بولسا، ئىسمائىل غاسپىرالىنىڭ تۈرك دۇنياسى بىرلىكى توغرىسىدا ئوتتۇرىغا قويغان، «تىلدا، پىكىردە، ئىش-ھەرىكەتتە بىرلىك» دېگەن شوئارىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە تۈرك دۇنياسى بىرلىكى قۇرۇش توغرىسىدا مۇنازىرە ئېلىپ بېرىش، ئىلمىي ماقالە تەقدىم قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەن.

يىغىن ئەتىگەن سائەت 10:00 دا باشلاندى، يىغىندا خەلقئارالىق تۈرك تىلىدا سۆزلەيدىغان دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ ئاخباراتچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى گۈنگۆر، ياۋۇزئارسلان ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى.

يىغىننىڭ ئېچىلىشىدا يەنە تۈركىيە مەتبۇئات ۋە ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مەھمەت ئاتالاي، سابىق سەھىيە مىنىستىرى خېلىل شىۋگىن، تۈركىيە ئالىي مائارىپ ئىدارىسى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ رەئىسى پېروفېسسۇر ئىلياس دوغان، بارتىن ۋالىيسى سەيفىددىن ئەزىز ئوغلى سۆز قىلىپ ئىسمائىل غاسپىرالى ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ بىرلىشىشى توغرىسىدا توختالدى.

بارتىن ۋالىيسى سەيفىدىن ئەزىز ئوغلى سۆز قىلىپ، ئىسمائىل غاسپىرالىنىڭ بىر ئەسىر ئىلگىرى ئېيتقان «تىلدا، پىكىردە، ئىشتا بىرلىك» دېگەن سۆزىنىڭ بۈگۈنكى كۈندىمۇ ۋاز كېچىشكە بولمايدىغان ئەھمىيەتلىك بىر ئارزۇ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ ئارزۇ ئەمەلگە ئاشۇرغاندا، ھەم بىزنىڭ ھەم دۇنيانىڭ قۇتۇلۇشى بولىدۇ، ئەڭ ئاز دېگەندە يېقىن جۇغراپىيىدە تىنچلىق، ھۇزۇر، قېرىنداشلىق شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ بىرلىكىمىزگە، كۈچلۈك بولۇشىمىزغا باغلىق. بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن، بۇ، ئىشتا غەيرەتلىك ۋە سەمىمىي بولساق چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ.

تۈركىيە مەتبۇئات ۋە ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مەھمەت ئاتالاي ئاخباراتچىلارنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ پەقەت خەۋەر يېزىش، كۈندىلىك بەس-مۇنازىرىنىڭ ئىچىدە بولۇش ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئاخباراتچىلىقتا قىممەت قاراشلىرىمىزغا ھەسسە قوشقانلارنى كەلگۈسىگە يەتكۈزۈش، ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك قىممەت-قاراشلارنى خەلقىمىز بىلەن ئورتاقلىشىش ۋەزىپىسى بار. بۇ جەھەتتىن ئېيتقاندا بۇ يىغىن بەك مەنىلىك ۋە ئەھمىيەتلىك يىغىن بولدى دەپ ئويلايمەن، ئىسمائىل غاسپىرالى ۋە ئۇنىڭ پىكىر-چۈشەنچىلىرى توغرىسىدا ئېچىلغان بۇ يىغىن بىزنى مەمنۇن قىلدى، شۇ جەھەتتىن بىز قوللاپ-قۇۋۋەتلىدۇق. تىلدا، پىكىردە، ئىشتا بىرلىك ئىپادىسى بىلەن ئىسمائىل غاسپىرالى خاتىرىلەشكە تېگىشلىك بىر ئاخباراتچىدۇر.

كېيىن بارتىن ۋالىيسى سەيفىدىن ئەزىز ئوغلى، تۈركىيە مەتبۇئات ۋە ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مەھمەت ئاتالاي ئەپەندىگە، مۇكاپات باھالىغۇچلار تەرىپىدىن مۇۋاپىق كۆرۈلگەن ئاخباراتچىلىق ئىدارىسى مۇكاپاتىنى تەقدىم قىلدى.

بۇ يىغىندا ئاساسلىقى ئىسمائىل غاسپىرالىنىڭ تۈركىيە، قىرىم ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنى ئايلىنىپ يۈرۈپ ئاخباراتچىلىق بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى، «تەرجىمان» دېگەن نامدا گېزىت چىقارغانلىقىنى بۇ گېزىتتە تۈرك دۇنياسى بىرلىكى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغانلىقى، بۇ گېزىتنى ئىستانبۇلدىن قىرىمغىچە، تاشكەنتتىن قەشقەرگىچە پۈتۈن تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ ئوقۇيالايدىغانلىقى چۈنكى ھەممىسىنىڭ تىلى ۋە يېزىقىنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكى، ئۇ دەۋرنىڭ قىيىن شارائىتلىرىدا ئىسمائىل غاسپىرالى تۈرك دۇنياسىنىڭ تىل بىرلىكى، مەدەنىيەت بىرلىكى قۇرۇش توغرىسىدا گېزىت چىقىرىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقى، ئەمما بۈگۈنكى زامانىۋى دۇنيادا، ئۇچۇر-ئالاقە قىلىش ئەڭ ئاسان بىر دەۋردە تۈرك دۇنياسى بىرلىكى توغرىسىدا ئۇچۇر-ئاخباراتنىڭ كەمچىللىكى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

يىغىندا يەنە ئىسمائىل غاسپىرالى 1905-يىللاردا ئوتتۇرا ئاسىيادا، قىرىم، قازان، تاتارىستان، تاشكەنت، بۇخارا، پەرغانە، قەشقەر قاتارلىق شەھەرلەردە 5000 دىن ئارتۇق جەدىدىزم توغرىسىدا مەكتەپ ئاچقانلىقى، بۇ مەكتەپلەرنىڭ سايىسىدە ئىنسانلارنىڭ ھەم دىنىي ھەم پەننىي بىلىم سەۋىيىسىنىڭ ئاشقانلىقى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تىل ۋە يېزىق بىرلىكى ھاسىل قىلىنغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ ئورتاق بىر تىلغا ئېھتىياجى بارلىقى ۋە بۇ ئېھتىياجنى قاندۇرۇش كېرەكلىكى تەكىتلەندى.

بىز بۇ تۈرك دۇنياسى ۋە ئىسمائىل غاسپىرالىنىڭ پىكىر-چۈشەنچىلىرى توغرىسىدا، بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان تۈركچە سۆزلەيدىغان دۆلەتلەر خەلقئارالىق ئاخباراتچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى گۆنگۈر ئارسلان، تۈركىستانلىقلار مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەكبەر ياسا ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

گۆنگۈر ئارسلان ئەپەندى، بۇ يىغىننىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى ۋە ئىسمائىل غاسپىرالىنىڭ پىكىر-چۈشەنچىلىرىنىڭ تۈركىستان جۇغراپىيەسىدىن تاكى ئۇيغۇرلارغا، قەشقەرگىچە يېتىپ بارغانلىقى، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا قاتتىق ئېچىنىدىغانلىقى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم قىلىشنى توختىتىشى ئۈچۈن داۋاملىق پائالىيەت قىلىدىغانلىقى، بۇ يىغىندا تۈرك دۇنياسى ئاخباراتچىلارنى باھالىغۇچى ھەيئەت تەرىپىدىن ئىلھام توختى قاتارلىق بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ئاخباراتچىلارغا مۇكاپات بېرىش مۇۋاپىق كۆرۈلگەنلىكى، يىغىن ئاخىرىدا مۇكاپاتنى تەقدىم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىنىشىچە، يىغىننىڭ ئىككىنچى كۈنىدىكى قىسمىدا مەخسۇس تۈرك دۇنياسى ئاخباراتچىلىقى ۋە شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا مەخسۇس بۆلۈم ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ يىغىندا پېشقەدەم ۋەتەنپەرۋەرلەردىن ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دەم ئېلىشقا چىققان ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور سۇلتان مەخمۇت قەشقەرلى، تۈركىستانلىقلار مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەكبەر ياسا، ئىستانبۇل سودا-سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور نائىم تۆمۈر، ئىبراھىم مېتىن ۋە ئابدۇلئەھەد ئەر قاتارلىق كىشىلەر سۆز قىلىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.