0:00 / 0:00
ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتى 6 - نويابىر كۈنى كەچتە ئۇيغۇر توپقاپىدىكى رىستۇرانىدا زىياپەت بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ئۇزۇندىن بويان شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى قوللاپ كېلىۋاتقان ئاتاقلىق دۆلەت ئەربابى، پروفېسسور دوكتور ئاتاقلىق نەۋزات يالچىنتاش باشچىلىقىدىكى تۈرك سىياسەتچىلىرى، ئاخباراتچىلىرى شۇنىڭدەك پارتىيە، ھۈكۈمەت خادىملىرى ۋەكىللىرىنى كۆتىۋالدى.
تۆۋەندە، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ سىياسىي پائالىيەتچى، شەرقىي تۈركىستان ۋەقپىنىڭ سابىق رەئىسى ھامىد گۆكتۈرك بىلەن بۇ ھەقتە ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىگە قۇلاق سالغايسىلەر.